شۇ كۈنلەرنى خۇيمۇ سېغىندىم ... 1 شۇنداق قىزغىن مۇڭدىشىپ ، كۈلكە چاقچاق - چاق ئۈزۈلمەي ، ئۈتەر ئىدۇق جۈر بولۇپ ، شاد خۇرام بىر ئائىلە . چىداشمايىتتۇق ، كۆرمىسەك ئىزدەپ ، سۇراپ تاپاتتۇق ، غەملىرىنى كۈتۈرۈپ ، قىلىۋالاتتۇق بىز ماھىلە . 2 شەيتان سۇئال كۆپ ئىدى ، ئىنكاس كىلەر بەس - بەستە ، تالىشاتتۇق بەزىدە ، يوق گەپلەرگە مۇردىشىپ . دوسىتلار كۆڭلى ئىزدىشىپ ، بېرىپ ئەھۋال سۇرايتۇق ، دەپمۇ گەپلەر تۈگۈمەيىتتى ، خۇشال ئىدۇق سىردىشىپ . 3 ئەمدىلىكتە قارىسام ، ئەيمىنەركەن ھەر كىشى ، قاياقتىندۇر جۇد بۇران يېتىپ كەلدى بەزمىگە . يېشىل باغچا بولۇپتۇ ، تۆت پەسىلگە ئايرىپ ، ئاخىر چىداپ بولۇلالماي ، قېتىپ قالدىم نەزمىگە . 4 سېغىنىمەن شۇ كۈننى ، تۆت پەسلى باھارىمنى ، بۇ يۈرەك ئىنتىزارلىقتا ، ئۇل كۈڭۈللەر بۇرۇختۇم . كىم دەرلەر سۇئالىمغا ، بىرىپ توغرا جاۋابنى ، ئەتىراپىمغا زەڭ سېلىپ ، مەن ئۈزۈمدىن قورىقتۇم . ئەھمىدى << شەيدائىي >> يازمام |