ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بايلىق كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 8
go

بايلىق كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
17 
تېما
14 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 17:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىراقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى ناتايىن. ئۇنداقتا نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن چېغىڭىزدا قانداق قىلىپ بېيىيالايسىز؟ سىزدە بېيىش ئارزۇسىلا بولىدىكەن، بۇ تەس ئەمەس. ئىشەنمىسىڭىز نەزىرىڭىزنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرۇڭ:
نەنچاڭ شەھىرىدە بىر ستۇدېنت بىر سائەت «بازار تەھلىلى» دەرسى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاللىسىغا ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي مەشىقتە كىيگەن كىيىملىرى ۋە ئاياغلىرىنى يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىش ئويى كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشقتە كىيگەن نەچچە يۈز قۇر كىيىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، يۇرتىغا ئاپىرىپ دېھقانلارغا سېتىپ نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ. بۇ سىتۇدېنتنىڭ بېيىش ئارزۇسى بولغاچقا، باشقىلار بايقىيالمىغان پۇل تېپىش پۇرسىتىنى بايقىغان، شۇڭا ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
جېڭجۇلۇق خۇاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ زېرەكلىكىگە تايىنىپ سودا ئۇچۇرلىرىنى قېزىپ چىقىپ، پۇل خەجلىمەي پۇل تاپىدىغان سودىنى قىلغان.
ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ كاماندروپكا مۇناسىۋېتى بىلەن ئىچكى مۇڭغۇلغا بېرىپ، بىر سورۇندا ئىچكى مۇڭغۇلدا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغان بىر كورىيىلىك خۇجايىن بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇ كورىيىلىك خوجايىننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئورۇن تېپىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ جېڭجغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كوچا باشقارمىسىنى تاپىدۇ ھەمدە بۇ ئورۇننىڭ «سىرتتىن مەبلەغ جەلپ قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش» توغرىسىدىكى رەسمىي توختامنامىسىنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ۋاسىتىچىلىك قىلىشى بىلەن ھېلىقى كورىيلىك سودىگەر جېڭجۇغا مەبلەغ سېلىپ، بىر سۇ ئۆتكۈزمەس ماتېرىيال شىركىتى قۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خۇاڭ ئەپەندى ھېلىقى كوچا باشقارمىسىدىن 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالىدۇ، تېخى ھېلىقى كورىيىلىك خۇجايىن ئۇنى كورىيىدىكى باش شىركەتكە بېرىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇرىدۇ.
خۇاڭ ئەپەندىنىڭ بېيىش تاكتىكىسىنى «ئۇچۇر بايقاش ــ ۋاسىتىچىلىك توختامى (مۇكاپات ئېلىش ۋەدىنامىسى) تۈزۈش ـــ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ـــ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، ۋاسىتىچىلىك ھەققىگە ئېرىشىش» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
50 يۈەن بىلەن جېڭجۇغا تونۇلغان شاڭ چۈەنخەي ئىلگىرى ناھايىتى تەستە بىر تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدىن ئىش تاپقان. ئۇ ئىككى يىللىق ئىشلەمچىلىك ھاياتىدا ئىنتايىن قىزغىن، ئايىغى چاققان بولۇپ ئىشلەيدۇ، خۇجايىنىغا سودا توغرىسىدا بەزى ياخشى مەسلىھەتلەرنىمۇ بېرىدۇ. كېيىن خوجايىنى ئۇنىڭ سەمىمىيىلىكى ۋە سودىدىكى ماھارىتىنى كۆرۈپ، بۇ سودا سارىيىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولىدۇ.
شاڭ چۈەنخۈينىڭ يېتەرلىك دەسمايىسى، مال مەنبەسى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبىسى بولمىغاچقا، دەسلەپتە بۇ سودا ساراينى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇ بىر ھەپتە قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، سودا ساراينى ئېلىشقا قوشۇلىدۇ ھەمدە خۇجايىندىن سودا ساراينى قايتىدىن بېزەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ سودا ساراينى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ، گېزىتكە سودا ساراينى ئىجارىگە بېرىش توغرىسىدا ئېلان بېرىدۇ، ئېلان بېرىلگەندىن كېيىن، ئىجارىگە ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. شاڭ چۈەنخەي 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشىدۇ.
نۇرغۇن بايلار قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈر بايقاش ئىقتىدارى ۋە جۈرئىتىگە تايىنىپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بېيىغان. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، «بايلىق كۆزى»ڭىزنى يوغان ئېچىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلا بولسىڭىز، بېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
مەنبە؛ توردىن

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
246 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 19:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت

توردا
10سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
62 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 19:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئويلانساق بۇلدى

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2593 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 20:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ ... ئەمما ، تەستىقلىغۇچى باشقۇرغۇچىمىز سەھىپىنى ياخشى تاللىماپتىغۇ ؟ ... سەھىيپە ماس كەلمەپتۇ ... داۋاملىق ياخشى يازمىللىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ...

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 20:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
252سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
599 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 20:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا دەيسىز،ھەممە گەپ ئۆزىمىزدە،بىز شۇنى بايقىيالىساقلا نەتىجە قازانغان بولىمىز،جەمئىيىتىمىزدە كىچىك ئىشنى ياراتماي،چوڭ ئىشلارنى قىلالماي يۈرىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس~!

توردا
364سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
627 
تېما
31 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 22:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھالال ئاز پۇل تىپىپ بەخىتلىك ياشاش يولىدىن چەتنەپ جىق پۇل تىپىش يولىدا قىممەتلىك نەسىلىرىنى يۇقىتۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.پۇل بولمىسىمۇ بولمايدۇ ،لىكىن پۇلغا بەك بىرىلىپ ئۆزىنى يۇقۇتۇش ئەڭ ئىچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بولىدۇ...شۇنداق مەغلۇبىيەتكە يۇلۇققاندا تاپقان پۇلىڭىزنىڭ قەغەز ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىز قالدۇ خالاس...........پۇل تاپقىچە يۈز تاپ

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
661 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 14:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
EPSON يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 22:11
ھالال ئاز پۇل تىپىپ بەخىتلىك ياشاش يولىدىن چەتنەپ جىق ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ھەقىقەتەن بەك جايىغا چۈشكەن گەپ بوپتۇ .

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
540 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 18:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا درت بەرمىسۇن.ئىشلىرڭىزنى ئاسان قىلسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:16

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.