ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › ئانامغا يېزىلغان مەكتۇپ
كۆرۈش: 617|ئىنكاس: 7
go

ئانامغا يېزىلغان مەكتۇپ

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
2 
يازما
4 
تېما
2 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 23:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئانامغا يېزىلغان مەكتۇپ



ئەزىز ئىمىر يانغىن



يەم بۇلۇپ ئولتۇرىمەن ئانا ،
سىرتمىقىغا خىياللارنىڭ .
مەن سېغىنغان ،
ئاشۇ قۇتلۇق سەھەر ،
يېزىپ تۇرار ئەبجەش ئەسلىمە ،
روجىكىگە خانەمنىڭ .
تۈتۈن چىقىرىپ سىگارتتىن ،
لەۋ تامشىپ گۈلگۈن مەيدىن ،
خاتىرىسىنى يازىمەن ،
تۈنۈگۈن ،
بۈگۈن ۋە ئەتەمنىڭ ...

ئولتۇرامسەن ئانا ،
تىكىپ كۆرپە قۇراقلاردىن ،
توڭلىمىسۇن نەۋرەم دەپ .
چاق ئىگىرىپ ،
ئېيتساڭ قەدىمى ناخشىنى ،
ئىسلاشقان مىھرىبان كۆلبىنىڭ ،
تۈڭلىكىدىن بەلكى ،
سالقىن ئاي نۇرى ،
تۇرار ئۈمىدلىك لەپىلدەپ .
ئولتۇرامسەن ياكى ،
ئەتە ساتاي بازاردا دەپ .
تۇخۇمىنى تۇغۇمچان مىكياننىڭ ،
پىشۇرۇش ئۈچۈن سېلىپ قازانغا ،
كۇلۇڭدا قاڭسىق تۈتۈن پۈدەپ .
ياقتىڭمۇ ئانا ،
ئوغلۇمغا ئەۋەتەي دەپ ،
قىراۋ چۈشكەن چاچلىرىڭنى ،
يالقۇن پۈركىگەن تۇنۇردا ئۆرتەپ ،
دۈگىلەك -دۈگىلەك ،
ياغلىق توقاچلارنى ...

سورايمەن ئانا ،
ھەر سەھەر گۈل بەرگىدىن پىچىرلاپ ،
تاڭ نۇرىدەك سۈلكەت جىسمىڭنى ،
گۈل قېتىدا بارمۇ دەپ ،
دېڭىزدىن چەكسىز قەلبىڭنى ،
سۈزۈك شەبنەم بېرىدۇ سۆزلەپ .
سېغىندىم ئانا ،
نۇر ئوخچىغان چېھرىڭنى ،
يالپۇز ھىدى مېھرىڭنى .
سېغىندىم يەنە ،
سىنىڭ ئامراق <<ۋەتىنىڭ >>-
مىھرى ئىللىق يۇرتۇمنى ...
شەھەر بەك ئاۋاتتۇر ،
بوش ئەمەس لېكىن ،
ئارلىقى ھەر قەدەمنىڭ ،
لەيلەپ يۈرەر ئىشخانىدا ،
سەن قالدۇرغان ،
تەپتى ئىللىق چاڭ -توزان ،
قەدىرلىك توپا ئۇ ،
سەن يالىڭاياق قاتنىساڭ بازارغا ،
تاڭ بالقىيدىغان يوللارنىڭ ...
سېغىنىش بار ئانا ،
خىياللارنىڭ ئەينىكىدە ،
قالغاچقا قېتىپ،
تاڭ شەپىقىدەك ئەكسىڭ ھەم -
ئاشۇ كىچىك كەنت .
يۈرىكىدە ،
سەھرا سۆيەر ئوغلۇڭنىڭ ...
ئامانلىق تىلەمسىەن ئانا ،
ھەر نامىزىڭدا تەڭرىدىن ،
تەڭرى بار دىسە ئىشەنمەيمەن ،
تەڭرى ئۆزۈڭ ئالەمنىڭ .

ئېغىر خىيال ئارىسىدا ،
نامايەندۇر ئانا ،
تاڭ نۇرىدەك ئاشۇ چېھرىڭنىڭ ،
كەتتىم بەكمۇ سېغىنىپ ،
سېنىڭ ئاتەش مېھرىڭنى ،
قۇياش تۇغقان كەنتىمنى ...
سالام دېگىن مەندىن ئانا ،
بالىلىقىمدا ئىز قالغان ،
تاڭ بالقىغان يوللارغا ،
مېنى ھەردەم سېغىنىپ ،
بۇقۇلدىغان ،
ئۆگزەمدىكى كەپتەرگە ...











Rank: 8Rank: 8

توردا
350سائەت 
نادىر تېما
5 
دوست
19 
يازما
408 
تېما
219 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 23:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تور دۇنياسىدىكى داڭلىق يازغۇچىمىز ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىنىڭ «ئىز» تورىغا باسقان قۇتلۇق قەدەملىرىگە مەرھابا~!
سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز...
ئەڭ يېڭى، ئەڭ نادىر تېمىللىرىڭىزنى «ئىز» مۇنبىرىمىزگە پات-پات يوللاپ تۇرغايسىز...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menggutax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-28 23:50

Rank: 8Rank: 8

توردا
364سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
28 
يازما
540 
تېما
103 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 23:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئىمىز يانغىن ئەپەندىم ئىز تورىغا كەلگەنلىكىڭىزگە قۇتلۇق مەرھابا نادىر ئەسەرلىرڭىزنى ئىز تورىغا ھوزورىمىزغا سۇنۇپ تۇرغايسىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
247سائەت 
نادىر تېما
5 
دوست
9 
يازما
403 
تېما
39 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 23:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رھمەت ئەجرىڭىزگە ...
سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ....
1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
13 
يازما
276 
تېما
27 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 03:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدەملىرڭىزگە مەرھابا

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
10 
يازما
64 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-1 13:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، يەنە يېڭى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
86 
يازما
2593 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 18:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ...

توردا
1339سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
39 
يازما
1604 
تېما
142 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 18:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تولىمۇ ئەپسۇس مەن بۇ تېمىنى بەكلا كىچىىكىپ كۆرۈپتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:16

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.