- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-10
- تىزىملاش
- 2010-4-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 154سائەت
- جۇغلانما
- 624
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 155
- تېما
- 115
- توردا
- 154سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 6
- يازما
- 155
- تېما
- 115
|
ئىستىداتلىق تەتقىقاتچى ھاجى نۇرھاجى
2002-يىلى مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتچىسى، تارىخ تەتقىقاتچىسى ۋە ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى ھاجى نۇرھاجى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى . مەرھۇم 1929-يىلى 10-ئايدا ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى تاقۇت كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1936-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە تاقۇت، ئېكىساق كەنتلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، 1941-يىلىدىن 1943-يىلىغىچەقەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1950-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.1953-يىلى 11-ئايدا قەشقەر شەھرىگە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. 1954-يىلىدىن 1956-يىلىغىچەجەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىدە مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى بولغان.
كاندىدات تەتقىقاتچى ھاجى نۇر ھاجى ئىجادىي ھايات مۇساپىسىدە كارامەت ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتقان ھەم ئىستىداتلىق ھەم كۆپ ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تەتقىقات ساھەسىدە بىر يېڭى تۈر، بىر ئۇلۇغ ئەسەر ھېساپلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى « شىنجاڭ گېزىتى»، « شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»، « قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى ئىلمىي جھورنىلى»، «شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي جھورنىلى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان. مەرھۇمنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»، «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشى»،« يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇبېلىك›دىكى ھەربىي ئىستىراتىگىيە تاكتىكىسى توغرىسىدا»، «ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىق (سوپىزم)نىڭ شەكىللىنىشى، تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ماھىيتى توغرىسىدا» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردىن « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى دىنىي ۋە مىللىي مەسىلە تەتقىقاتى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1987-يىلى 4-ئايدا ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن شەھرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق « ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇلغان . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ياپۇنىيە، ئىران، جوڭگۇ قاتارلىق 26 دۆلەتتىن كەلگەن ئالىملار قاتناشقان بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىسى قالتىس شۆھرەت قازانغان.قەدىرلىك ئۇستاز ھاجى نۇرھاقىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ۋە توپلاملىرىنى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان. جۈملىدىن،1983-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى ئۇنىڭ « قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدى. ئۇنىڭ بۇ كىتابى 1986-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە »پەلسەپە، ئىجتىمائى پەن ساھەسى بويىچە مۇنەۋۋەر نەتىجە» دېگەن پەخىرلىك باھا بىلەن 3-دەرىجىلىك « مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە « دىۋان لۇغەتىت تۈرك» نىڭ 1-تومىنى نەشرگە تەييارلاشقا قاتناشقان. 1987-يىلى ئۇ مۇھەممەت تۇرسۇن بىلەن ئاتاقلىق تارخشۇناس مىرسالىخ قەشقەرىنىڭ « قەشقەرىيە تارىخى» ناملىق ئەسىرىنى قەدىمكى ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش تەلىپىگە مۇناسىپ ھالدا ترانسكرىپسىيە قىلىپ نەشرگە تەييارلاپ، 1985-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى.
1993-يىلى 8-ئايدا « يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق داڭلىق ئەسەرنى خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇردى. بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇيغۇرلار تارىخىدا قاراخانىيلار دەۋرى، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى ئالتۇن دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋرنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئۇيغۇر قوليازما ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا ئەڭ موھىمى سەئىدىيە دەۋرىدە يېتىلگەن پاراسەت ئىگىسى، داڭلىق تارخشۇناس ۋە شائىر مىرزا مۇھەممەد (مىرزا ھەيدەر) كوراگاننىڭ « تارىخى رەشىدى» ناملىق قوليازما ئەسىرىنىڭ پارسچە نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىن پايدىلانغان . ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ سىياسى ئىلمىي ساھەسىدە زور رول ئوينىغان موھىم دۆلەت ئەربابى شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن جايلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن، ئۇيغۇر تارىخىدىكى موھىم ۋەقەلەرگە كزى بىۋاستە قاتناشقان، ئەسەرنى ئېنىق پاكىت، ئىخچام ئىبارىلەر بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.
ھاجى نۇرھاجى 1987-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ لوندوندىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى مەۋلانە لۇتفى ( 1366-1465) يازغان «گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانىنى ۋە شىئېرلار توپلىمىنى ئەنگىلىيە بۈيۈك بېرىتانىيە موزىيىدىن مىكرو فلىم نۇسىسىغا ئېلىپ كېلىپ، يولداش ئابدۇۋېلى خەلپەت بىلەن بىللە نەشرگە تەييارلىغان ھەمدە بۇ كىتاپ شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان . ئۇ « شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» ناملىق چوڭ ئەسىرىنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە يازغان. ئۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نۇسخىللىرى دۆلىتىمىز، جۈملىدىن شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئىسلام دىنىي تارىخى بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ۋە سېتىمىلىق بايان قىلىنغان تۇنجى مەخسۇس كىتاپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر تارىخى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىلمىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىكى قەدىمكى مىللىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن جوڭگۇ ۋە چەتئەل تارىخى ماتىرياللىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە دەلىللەپ، دۆلىتىمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئىلىم ئەھلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش ئىجادىيەت پىرىنسىپى ئاستىدا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يالغىنىنى تاشلاپ راستىنى قوبۇل قىلىپ،ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش-تارقىلىش ۋە ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە تەرەققى قىلىش جەريانى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئەينەن بايان قىلغان. شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بەرگەن . بۇ كىتاپتا شەرھىلەنگەن ئىسلام مەدەنىيتى جوڭخۇئا مەدەنىيتىنىڭ تارىخى خەزىنىسىنى بېيىتىپلا قالماستىن، دۇنيا ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ تارىخى ئۇلۇغ تۆھپە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شىنجاڭ « ئىسلام تارىخى» يېقىندا مىللەتلەر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ . بۇ كىتاپنىڭ نەشر قىلىنىشى ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىي تەتقىقاتىدىكى خېلى چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. ئۇ 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ياپۇنىيەنىڭ مەرگىزى توكيۇدا ئېچىلغان « ئالتاي تىلى سېستىمىسى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» گە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ « شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىي تەتقىقات ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ، ياپۇنىيە ئالىملىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. بۇ جەرياندا تۆت موھىم شەھەرنى زىيارەت قىلىش،ئىلمىي تەكشۈرۈش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، يەنە ئۇ يەردە تۆت قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەن. ئۇ يەنە، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ياپۇنىيەلىك ئاسپىرانتقا دىن تارىخى دەرسى ئۆتكەن، يېتىشتۈرگەن.
ھاجى نۇرھاجى 1988-يىلى جوڭگۇ ئىسلام دىنىي جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا سايلانغان. ئۇ يەنە 1988-يىلى دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي جەمىيتىنىڭ 7-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى دۆلەتلىك ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى بولغان « جوڭگۇ ئىسلام دىنىي قامۇسى» نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ تارىخ تەتقىقات جەمىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. مەرھۇم 1992- يىلى 5-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
«چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى گۆھەر زىمىن» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
مەنبەسى:بۇيەرنى بىسىڭ تىخمۇ كۆپ مەزمۇنلار بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eltikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-14 17:27
|
|