يازغۇچى ئەمەسمەن ، ... يېزىپ قويىمەن ... شۇندا بىر ئىلھام كېلىپ سۆزلەپ قويىمەن ، قۇشاقلاردىن ئىككى كەلىمە توقۇپ قۇيىمەن . ھېكايە ، نەسىر ، شېئىرلارنى تىزىپ قويىمەن ، ھەق دادىدىن چىن گەپلەرنى ئېيتىپ قويىمەن ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئېلھام كېلىپ يېزىپ قويىمەن . ھەربىر يازما ، مىسرالارغا ئەخلاقنى قاتتىم ، دوسىتلىرىمغا شېئىرىي قۇشاق ئېيتىپمۇ باقتىم . كۈڭۈللەرنى ئانچە – مۇنچە ئۇتۇپمۇ باقتىم ، تاققا – تۇققۇ مىسرالارنى تىزىپمۇ باقتىم ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئىلھام كېلىپ يېزىپ قويىمەن . باتۇرلارنى كۆرگىنىمدە چاۋاك چالدىممەن ، نامەرىتلەرنى كۆرگىنىمدە قۇشۇم تۇردۇممەن . ھاياتلىقنى سۆيگەنلەرگە ھەمرا بولدۇممەن ، مۇھەببەتلىك قەلىبلەردىن ئوتتەك ياندىممەن ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئىلھام كېلىپ يېزىپ قويىمەن . ئەمدى مەن نېمە يازاي ئويلاپلا قالدىم ؟ ، دوسلۇرىمغا سۇئال قىلىپ سۇراپمۇ سالدىم . نەدىن يازاي، بېرىپ بولۇپ ئارقامغا ياندىم ، ھەربىر نۆۋەت يېرىم ياتا ، ھەجەپمۇ چاندىم ، يازغۇچى ئەمەسمەن ، ئىلھام كېلىپ يېزىپ قويىمەن . ئەھمىدى « شەيدائىي » يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-28 23:56
|