ئىتتىپاقلىق كۈچ ، ئىتتىپاقلىق غەلبە ... كونىلاردا شۇنداق بىر گەپ بارغۇ << ئىتتىپاقلىق كۈچ ، ئىتتىپاقلىق غەلبە >> ، << بىرلەشكەن ئۇزار ، بىرلەشمىگەن تۇزار >> دەيدىكەن قەدىمكى ئاتا ، بۇۋىللىرىمىزنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا ، بىزنىڭ ئەمەلىيتىمىز ئاساسىدا ئىسپاتلانغان بەزىي ياخشى بولغان تەجرىبە ساۋاقلار ئاز بولمىسا كىرەك ... بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، شۇ مىللەت ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەت بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىي كۈچى زىچ مۇناسىۋەتلىك . ... << ئىز >> تورىنىڭ دىگەندەك بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ تەرەققىي قىلالىشى ، ھەرگىزمۇ ئازغىنە مۇنبەر ياكى تور قۇرغۇچىلارنىڭ كۈچى بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئۇلارنىڭ زور كۈچ ۋە ئەقىل ئىدىراك بىلەن ئەتراپتىكى ھەرقايسى دوسلارنى بىرلىكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز تالانىتىنى لايىقىدا جارىي قىلدۇرۇشقا قارىتا بەلگۈلۈك ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ ؟ ! ... بۇ خىل ياخشى نەتىجە نۇرغۇن قان تەر بەدەل ۋە جاپالىق كۈرەشنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ ؟ ... ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ بۇ ياخشى ئەمگەك مىۋىسىنى بىر يولىلا ھالەك قىلىۋەتكىسى يوققۇ دەيمەن ... شۇ مەن تىمامنىڭ بېشىغا << ئىتتىپاقلىق كۈچ ، ئىتتىپاقلىق غەلىبە >> دىگەن بۇ ماۋزۇنى قويۇپ ئۆتتۈم ... مەن مۇنبەرنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى چوڭقۇر كۆرگەندىن كىيىن ، مۇنبەردىكى ھەرقايسى دوسلارنىڭ قىزغىنلىقىغا قىزغىنلىق قوشۇپ ، %70 تىما ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيىتىم ، قالغانلىرى ئاساسەن ساقلىۋالغان ۋە باشقا ئىجادىي تېمىلارنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئارقىلىق دوسلارنىڭ مۇنازىرسىگە جۈر بولۇپ ئۆتتۈم . بۇ جەرياندا بەزىي ئىختىلاپلارمۇ كۈرۈلدى ... خۇددى مەن بىر كۈچۈرمىكەشتەك ، بىر دوستىمىز مېنى ئەيىپلەپ قالغان بولسا ، باشقا دوسلار باغدىكى سايراۋېرىپ توختىمايدىغان شاتۇتىدەك تەڭلا ئەيىپلەيدىغان ، بىر يازمىنى يەنە دوستىمىز داڭلاپ قويسا ، كەينىدىكىسىمۇ ، بۇ ئەسەر قاملىشىۋاتامدۇ ، ياكى قاملاشمايۋاتامدۇ . بۇنىڭ بىلەن قىلچە ئويلۇشۇش يوق ، خۇددىي ، باشلانغۇچ 1- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك تەڭلا كۆككە كۈتۈرىدىغان بىرخىل بۇرۇختۇمىلىقمۇ يەنىلىكىم ساقلىنىپ قاپتۇ ،،، نادىر تىما ۋە ئىجادىي تىما دەپ بەزىي يازمىلارغا باھالارنى بىرىپتۇق ... ئىجادىيلىقمۇ ياكى ئىجابىيلىقمۇ ؟ ئەگەر ئىجادىي تىما دەپ يۇرىتىش توغرا كەپ قالسا ، مېنىڭ يازغان خېلى كۆپ ساندىكى يازمىللىرىم ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيتى ، شۇنداقلا ئىجادىي تىمام ئەمەسمۇ ؟ چوقۇم بۇنى ئايرىغاندا ، بۇنىغا قارىتا ئىجادىيلىق بولۇش كىرەك ... ھەرقايسى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەردىكى دوسلارنى قايىل قىلالىغۇدەك ئېنىق چۈشەنجىسى بولمىسا نىمە بولدى ؟ كۆڭلىمىزدە قانداق گەپ - سۆز بولسا ھەرگىز بىر ئادەمنى ساقلاپ تۇرماستىن ، ئوتتۇرغا چىقىرىش بۇ ، << ئىز >> دىكى ياخشى پەزىلەت ۋە مىزان ئەمەسمۇ ؟! ... دېسىڭىز بولىدۇ، دەپ كەلسە - كەلمەس دەۋەرسەكمۇ بولماس ، ھەممە ئىش لايىقىدا << ئىز >> نىڭ شۇئارىدا چوڭقۇر ئەكىس ئىتىپتۇ ... بەزىي توربەتلەرنى كۈرۈپ قالدىم ، شۇنداق بىر مەزمۇنلارنى ، بولۇپ ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنقى شەرتى . بۇ شەرىت شۇكى ، ئەسەر يوللىماقچى بولغان بولسىڭىز ، ئۈزۈڭىزنىڭ ئىجادىي تىيمىڭىزنى ( مەزمۇنى ساغلام ) يوللايسىز ... ئەمما ، ئۇ توربەتتىكى يازمىلارنى بۇ توربەتكە ئېلىشىڭىزغا قەتئىي رۇخسەت يوق دەيدۇ ... مەن دىگەندەك ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماي ، شۇنداقلا يۇلۇپ ئېپ قويساق ، ياخشىكەن دەپلا چىقىرىۋەرسەك ، مۇنبەرنىڭ قانداق ئىناۋىتى بولىدۇ ... ئۆزئارا بىر - بىرىمىز بىلەن بولغان كەيپىياتقا بولغان تەسىرى قانداق بولۇر ... چوقۇم بۇ يەردە << ئىز >> تورى مۇنبەر يېزىقچىلىقىنىڭ مەنپەتىنى كۆزدە تۇتماي ئىشلارنى خالىغانچە ئۆتكۈزىۋىتىۋەرسەك ئاخرى بىز قانداق بولىمىز ... قۇرۇق خىيالغا مىراپ بولىمىز ... چەككەن جاپالىرىمىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەس ، تۇترۇقسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالمامدۇ ... داۋاملىق ، ئۇنى ئىسلاھات قىلىمىز ، بۇنى ئىسلاھ قىلىمىز ، باش چۈكۈرۈپ ئىزدىنىمىز دەپلا ئىزتىراپسىز ئويلۇنۇشنى ئاساس قىلامدۇق ... مەيلى چو بولسۇن ، ياكى كىچىك بولسۇن ، ھەرقانداق بىر مۇنبەرداش ، تورداش دوسلىرىمىزغا سەمىمىي تەۋسىرىمىز ، كەمتەرلىك ھەممىدىن ئەۋزەل ، سەمىمىيەت ھەممىدىن ئەلا . ھاكاۋۇرلۇق ، مەنمەنچىلىك دۇنيادىكى ئادىمىي پەسكەشلىكنىڭ مىسالى ... بۇ خىل ئەھۋال ، بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەۋجۈت بولۇپ قالسا بولمايدۇ ... مەسىلەن : مەن تور بەتتىكى ھەرقانداق مەشغۇلاتقا ئىنتايىن خام ، دوسلاردىن سۇراي دەپ ئويلىدىم ، بەزىي يازمىلاردىكى ئايرىم ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن قەتئىي سۇرىمىدىم . خۇددىي قارىغۇ چاشقاندەك تىمسىقلاپ ، ئۇيەر ، بۇ يەردىن كۈرۈپ ئۈگۈنۈۋاتىمەن ... ئىختىلاپ زادى نەدىن چىقىۋاتىدۇ ... قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە ئەمەسمۇ ؟ ! ... بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەرقانداق پىكىرگە مۇنبەردىكى بارلىق دوسلار ئورتاقلىشايلى ! ... سەرقانداق بىر ئىجادىيەت بولسا ، قىلچە باشقىلارنى ساقلاپ تۇرماستىن ، كاللىمىزدىكى ئويلىغانلىرىمىزنى ۋە تۈزۈتۈش قاراشلىرىمىزنى مەردانە ئوتتۇرغا چىقىرىپ بەرسەك ، ھەرقانداق دوستىمىز قىلچە ۋايسىمايدىغۇ دەيمەن ... يۇقرىدىن ، تۈۋەنگە ھەممەيلەن سەمىمىيەتنى قەدىرلەيلى ... مۇشۇنداق بولۇشى ئۈچۈن ، مۇشۇ مەزمۇندا 5 - 6 پارچە ئەدىبىي شېئىرنى دوسلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم ... ئىنساننى بىرلا قېتىمدا ئۆزگەرتىپ ، پىسخىكىسىنى تۇراقلاشتۇرۇش سەل تەس ، شۇنداقتىمۇ ، مۇشۇ تېمىنى كۆرگەن بارلىق دوسلار ئورتاق مەخسەتتە تىرىشىپ ، ئەپۇچانلىق ۋە كىچىك پىئىللىق ياخشى خارەكتېرىمىز بىلەن ئورتاقلىشالىساق مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ۋە كەلگۈسى چوقۇم پارلاق بولىدىغۇ دەيمەن ... << كۆڭۈل - كۈڭۈلدىن سۇ ئىچەر >> ... << سۈيۈلگۈچى سۈيۈملۈك بولمىسا ، سۆيگۈچى سۆيمەس >> ... ئەگەر خاتا يېزىلىپ قالغان تەرەپلەر بولغان بولسا ، دوسلارنىڭ سەمىمىي ئەپۇ قىلىشىنى ، ھەتتا ئەسەرنى ئۈچۈرۈپ تاشلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن ... مەن قىلچە ۋايسىمايمەن ، ئەكسىنچە ياخشى يازمىلارنى يەنە كۆز ئاچقۇزىمەن ... سەمىمىي تەكلىپ ، سەمىمىي نىيەت ... ئەھمىدى ... << شەيدائىي >> بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-21 08:48
|