ئاپتور: كامىلجان ناسىر (دىلداش) يۈرۈكىمگە تەسەللى 
نىمىشقا ئۆزەڭچە زارلايسەن يۈرەك، ئازاپنى قوينىڭغا مۇجەسسەم قىلىپ. ھىسلىرىڭ ئۆلدىمۇ چۈشكۈنلىك ئىچرە، ھەسرەتللىك كەچمىشتىن ئەندالارئېلىپ. 
ئۈمۈتلۈك ياشىغىن مۇڭلانما ئەبەت، باھارنىڭ قوينىدا ئىزلىمە باھار. ۋىسالنىڭ دەملىرى سۆيسە لىۋىڭنى، چۈشەنمەي ئازاپنى قىلما ئىختىيار. 
قوينۇڭنى كەڭ تۇتقىن بولما ھەسەتخور، ئۆزەڭچە زارلاشقا بولما بەخشەندە. ئۈمۈدتە كۆز تىكسەڭ ئويغان ھاياتقا، يايرايسەن شەكسىزكى بەخىت گۈلشەندە. 
ئاپتور :كامىلجان ناسىر (دىلداش)قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىدە شىپاگەر. ئاپتورنىڭ ئەسكەرىتمىسى-مىنىڭ تىيمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە ،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۆچۈرۋېلىشقا بولمايدۇ. |