ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار كىم بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس)ھىكايە( ...
كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 2
go

كىم بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس)ھىكايە(

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
155 
تېما
115 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 14:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

كىم بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس




تۈنۈگۈن يەنە قاق سەھەردە ئايرودرومغا بېرىپ، دەم ئېلىش ئۆيىدە «ۋال سىتىرېت گېزىتى» نى ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم. قارىماققا قىلچە ئەھمىيىتى يوقتەك كۆرۈنگەن ئىككى ھېكايە دىققتىمنى تارتتى.
بىرى، ھىندىستانلىق پارچە سېتىش گىگانتىبىيانى توغرىسىدىكى ھېكايە ئىكەن. ئۇنىڭ «پەنتالون» شىركىتىنىڭ يىللىق سېتىشسوممىسى 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئىكەن.
بىيانى ئالتە يىلنىڭئالدىدا تۇنجى قېتىم «باسسا» دەيدىغان تاللا بازىرىنى ئېچىپتۇ. بۇ تاللا بازىرى «ۋولمارت»، «كەررىفور» قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق تاللا بازارلىرىغا ئوخشاش بېزەلگەن بولۇپ، قىلچىمۇ خاسلىقى بولمىغاچقا، تازا روناق تاپالماپتۇ. تاللا بازىرىغا كىرگەن خېرىدارلار دۇكاننى بىرەر قۇر ئايلىنىپلا، يەنە قۇرۇق قول چىقىپ كېتىشىپتۇ.
كېيىن بىيانى ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، خاتالىقىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاللا بازىرىنىڭ شۇنچە نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن پۈتكەن زىننەتلىرىنى يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بۇزۇپتۇ؛ تاللا بازىرىدىكى يوللارنىتارلاشتۇرۇپتۇ؛ مال جاھازلىرىنى قالايمىقان تىزىپتۇ؛ تىنچ مال سېتىۋېلىش مۇھىتىنىڭئورنىنى كىچىك كانايدا ۋارقىراپ مال سېتىش ئىگىلەپتۇ؛ گۈرۈچ، ئۇن ۋە كۆكتاتلار جاھازلارغا قويۇلماي، يەرگىلا دۆۋىلەپ قويۇلۇپتۇ؛ ئۇ يەنە خېرىدارلارغا ياخشىسىنىئۆزلىرى تاللىۋېلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلاردا قانائەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش مەقسىتىدە تاللا بازىرىغا ياخشى ماللار بىلەن براك ماللارنى تەڭلا ئەكىرىپ، بىر يەرگە قويۇپ قويۇپتۇ. نەتىجىدە بۇ قېتىم ئۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ، خېرىدارلار ئۇنىڭ تاللا بازىرىغا خۇددى سەلدەك ئاقىدىغان، شۇنداقلا كۆپلەپ مال سېتىۋالىدىغان بوپتۇ، تاللا بازىرىنىڭ سودىسىمۇ تېزلا روناق تېپىپتۇ.
يەنە بىر ھېكايە ئامېرىكىنىڭThefonded.com تور بېكىتى توغرىسىدا ئىدى. بۇ مەخسۇس خېيىم - خەتەرگە قارىماي مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكىلىگۈچىلەر ۋە خېيىم - خەتەرگە قارىماي مەبلەغ سالغۇچىلارنى باھالايدىغان تور بېكىتى ئىكەن. بۇ تور بېكىتىدە سودىگەرلەر قالدۇرۇپ قويغان ياخشى سۆزلەرمۇ، قۇرۇق گەپلەرمۇ، خىيالىغا كەلگىنىچە يېزىپقويۇلغان سۆزلەرمۇ بار ئىكەن، بۇ تورغا كىرگۈچىلەر مەلۇم مەبلەغ سالغۇچىغاخالىغانچە باھا بەرسە، ھەتتا تىللاپ يېزىپقويسىمۇ بولۇدىكەن.
نۇرغۇن خەتەرگە قارىماي مەبلەغ سالغۇچىلار بۇتور بېكىتىدىكى ئۆزىگە بېرىلگەن باھالارغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار تېخى ناھايىتى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن سودىگەرلەرنىڭ بۇ تور بېكىتىگە كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى ئېغىز ياخشى گېپىنى قىلىپقويۇشىنى ئۈتۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلارغا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشىدىكىسەۋەب، ئۇلار كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭمەبلەغ سالغۇچى تاللىغاندا، بۇ سۆزلەرنى ئىسپات قىلىپ، ئۆزىنى تاللىماي قىلىشىدىنئەندىشە قىلىدۇ.
ئىككى ھېكايە بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى، يەنى كىم بولۇشىڭىز كۆپ چاغلاردا ئانچە مۇھىم ئەمەس، پەقەت خېرىدارىڭىز ئالدىدا كىم بولىشىڭىز ئاندىن مۇھىم، دېگەندىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئېنگلىز تېلىدا «perception is reelity» دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. بۇنى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق، «تەسىرنىڭئۆزى رېئاللىق» دېگەن بولىدۇ. خېرىدارنىڭ ئىتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز، چۇقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرۇڭ، بۇنىڭئۈچۈن ئالدى بىلەن خېرىدارلىرىڭىزنى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.


قەلبىنۇر سېيىت تەرجىمىسى

«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دىن ئېلىندى



توردا
147سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
560 
تېما

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 16:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
‹‹تەسىرنىڭئۆزى رېئاللىق›› مەن بۇ گەپنى ياقتۇرۇپ قالدىم ..........

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2591 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 17:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ قىلغان ئۇسۇلى ئەمەس ، بەلكى ئۈزىنىڭ ئىجادىي ئۇسۇلى ئارقىلىق توغرا يولنى ئۈزى بەلگۈلەپ چىققاندا ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت ئۆزلۈكسىز ئۈزىنى كۆرسىتىدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 16:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.