مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... دىسەم ئەجداد مىراس سىرى بۇ ، ئەسىر كېلىپ ئەپكەلگەن چۈش بۇ . ماڭمىغاننى زورلىغان ئىش بۇ ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... ماختىغاننى ماختايمىز ھارماي ، راس - يالغانمۇ ، بۇنى ئايرىماي . نىم بولغاننى ئەسلا سۇرىماي ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ . ئۇستاز چالسا مۇڭلار سايرىتىپ ، زەپ دورايمىز بىزمۇ ھاڭرىشىپ . نەگە بارساق تامدىن مارىشىپ ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... باشلىق كەلسە قۇيرۇق لىىشتىپ ، پۇخرا كەلسە قوللارنى شىلتىپ . كەلسە - كەلمەس پولارنى ئېتىپ ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... دوس قىلدى بۇ ، كۆپنى بۇ دەۋىر ، كۈڭۈل تۈكۈش بىز ئۈچۈن سەۋىر . دەرىت تۈگسە گەر ، قىلىمىز قەھىر ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... ئۇل زاماندا قېرىنداش ئىدۇق ، ئىجىل - ئىناق قۇرداشقان مىدۇق . پۇل مالنى دەپ ئەمدى ئايرىلدۇق مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... قىز - ئوغۇلنى ئۆيلۈكمۇ قىلدۇق ، ئەل ، مەھەلىلەر بىرگە تويلاشتۇق . ئەتىسى كەپ ئەمدى ئاجراشتۇق ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... ساراڭنىمۇ ساق دىسە بىركىشى ، ئەپكىلىمىز ئۇل ئالتۇن كۈرسى . ۋىجدان دىسە ، ۋىجدان ئەركىسى ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... ئۇسۇلىمىز تۇرسا ئۆزگىچە ، ساغرىمىزنى ئاتتۇق تۈزگىچە . قارىسا ھەم لەنەت بەزگىچە ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... ئۇچۇرغاننى دوراپمۇ بولدۇق ، خىيال سۈرۈپ ئويلاپمۇ قويدۇق . شەكىل قىلىپ ياساپمۇ تويدۇق ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... ئاتام دىدى ، قانداق قىلىق بۇ ، ھېكىم دىدى ، نەچە سېلىق بۇ . ئويلانماستىن سالغان ئەلەم بۇ ، مۇدىلاشقان شۇنداق دەۋىر - بۇ ... ئەھمەدى << شەيدائىي >> يازمام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-26 01:54
|