داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل چېنىقىش ئۇسۇلى
چوڭقۇر نەپەس ئېلىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە كېلىنىكلىق كۆزىتىش نەتىجىسىدە مۇنداق ئەھۋاللار بايقالدى : يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە گرىپتار بولغان ئاغرىقلار زىيادە چوڭقۇر نەپەس ئالسا ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىدا يىگىلەش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، جانغا زامىن كېسەللىكلەر ، بولۇپمۇ يۈرەك تىقىلمىسى ، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە باشقا نۇرغۇن تاساددىپىيلىق ئەنە شۇنداق چوڭقۇر نەپەس ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: «يۈرەك تومۇرلىرى ، مېڭە تومۇرلىرى كېسەللىكىگە ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ماھارىتىنى مەشىق قىلمىغىنى تۈزۈك» ئىكەن .
ئارقىچىلاپ مېڭىش. ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش نورمال ھەرىكەت قىلمايدىغان مۇسكۇللارنى قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، ئادەم تېنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ، شۇڭا ياشانغانلار ئەتىگەنلىك مەشىقتە ئارقىچىلاپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ . بىراق ياشانغانلارنىڭ يۈرەك تومۇرلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمايدۇ . ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش بولسا ، تومۇرلارغا چۈشىدىغان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ،بويۇننىڭ يۆلۈنىشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ بويۇن غول تومۇرىنى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچار قىلىدۇ ، تومۇرنىڭ بوشلۇقىنى تارايتىپ ۋە چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ، ھەتتا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۆلىنىشى ئۆزگەرگەندە ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ياشانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تاسادىپىي پۇرسەتتە بىرەر قېتىم ئارقىچىلاپ مېڭىش سالامەتلىككە زىيان سالمايدۇ ، بىراق دائىم ئارقىچىلاپ مېڭىشتىن ھەزەر ئەيلىگەن ياخشى .
تۇزلۇق سۇ ئىچىش. فىزىئولوگىيەلىك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرستىلگەن: ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا نەپەس ئالىدۇ ۋە تەرلەپ بەدەندىكى نۇرغۇن سۇنى خورىتىدۇ . سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا قان خېلىلا قويۇق ھالەتتە بولىدۇ ، مۇنداق ھالەتتە تۇزلۇق سۇ ئىچىش سۇسىزلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ–دە ، ئادەم ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئادەم سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ، قان بېسىمى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ ، بۇنداق ۋاقىىتتا تۇزلۇق سۇ ئىچىش قان بېسىمىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىپ ، ساغلاملىققا پايدىسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ :«سەھەردە ئورندىن تۇرغاندا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش ئەڭ توغرا تاللاش ، بۇنداق بولغاندا ، ئاجىرىلىپ كەتكەن سۇ تەركىبىنى تولۇقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قاننى سويۇلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ».
مەنبە: «شىنجاڭ تەنتەربىيەسى» ژورنىلىدىن ئېلىندى.
|