بىر پۇل تېپىش ماھىرىنىڭ بلوگىدا مۇنداق بىر تەسەۋۋۇرنى كۆردۈم:ئىجتىمائىي بايلىقنى بىر سىستېمىغا سېلىشتۇرساق،ئەسلىدىنلا باي بىلەن نامراتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقايمىز.ئەگەر سىستېمىنى تازىلىغاندەك،ئىجتىمائىي بايلىقلارنىمۇ بىر يەرگە جۇغلاپ،ھەربىر ئادەمگە قايتىدىن تەقسىم قىلىشقا توغرا كەلسە،نەتىجە قانداق بولار؟ ناھايىتى تېزلا تەسەۋۋۇر قېلىشقا بولىدۇكى،ئوتتۇرىچە تەڭپۇڭلۇق ھايت-ھۇيت دېگىچە بۇزۇلىدۇ،چۈنكى بەزىلەر ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان پۇلنى ئېلىپ،ئاشخانىغا ھۇزۇرلانىغىلى كىرسەپ؛يەنە بەزىلەر ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان پۇلنى ئېلىپ،ئاشخانا ئاچىدۇ،تاللاش مۇشۇنداق ئوخشاش بولمىغاچقا،ناھايىتى تېزلا كىشلەرنىڭ ئىلكىدىكى بايلىقنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزىلىدۇ.بەش يىلدىن كېيىن،ئەسلىدىكى بايلار يەنىلا باي،ئەسلىدىكى نامراتلار يەنىلا نامراتقا ئايلىنىدۇ.
بۇ ھەرگىز قۇرۇق تەسەۋۋۇر ئەمەس،چۈنكى ھەممەيلەننىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئادەملەر مەۋجۇت ،نامراتلىق بىلەن بايلىقنىڭ تاينىدىگان نەرىسسى ھەرگىزمۇ تەلەي ئەمەس،شۇنداقلا ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ‹پۇرسەتمۇ ئەمەس›بەلكى تاللاش،بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش ،بۇنداق تاللاشتىن ھىچقانداق ئادەم قىچپ قۇتۇلالمايدۇ.
تۇرۇپلا ئانام كىچىكىمدە ئېيتىپ بەرگەن بىر ھېكايە يادىمغا كەچتى.بىر ئادەم دەرياغا قارماق تاشلاپ بىر كىچىك بېلىق تۇتۇۋاپتۇ،ئاندىن ئۇنى سۇ قاچىلانغان كىچىك چېلەككە تاشلاپتۇ؛ئارقىدىنلا يوغان بىر بېلىقنى تۇتۇۋاپتۇ،ئەمما ئۇنى دەرياغا تاشلىۋىتىپتۇ،يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەر ئۇنىڭ بارلىق چوڭ بېلىقلارنى دەرياغا تاشلىۋېتىپ،كىچىك بېلىقلارنى چېلىكىگە يىغىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
-سەن نېمىشقا كىچىك بېلىقلارنى ساقلاپ قالىسەن؟
-ناھايىتى ئاددىي،-دەپتۇ ئۇ ئادەم،- ئۆيۈمدە چوڭ بېلىقنى پىشۇرغىدەك چوڭ قازان يوق.
بۇ ھېكايىدىن ئايانكى،بېلىقنى چوڭىنى ساقلاپ قالامدۇق ياكى كىچىكىنىمۇ ؟ ئەلۋەتتە بۇ ئۆزىمىزنىڭ تاللشىشىغا باغلىق .ئەمما قازان بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.شۇڭا ئىشەنچ كۈچەيگەنسىرى،تېخىمۇ چوڭ بېلىق تۇتىشىمىز شەكسىز.
بايلىق تورى(www.bayliq.cn
) دىن ئېلىندى. |