- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-10
- تىزىملاش
- 2010-6-7
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 762سائەت
- جۇغلانما
- 3875
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1488
- تېما
- 65
 
- توردا
- 762سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 34
- يازما
- 1488
- تېما
- 65
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟
ئەھۋالىڭلا ياخشى ،ئىشلىرڭىلا ئۇتۇقلۇقمۇ دوسلا،مەن يەنە كەلدىم. يىقىننىياقى بەزى ئىشلار سەۋەبلىك سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، نىمە ئىش دىمەمىسىلە؟ ھەممىڭلا بىلىسىلە، مەن باشلىق بولۇپ شۇ ئالدىراشچىلىقتا ، ساراڭلانىڭ ئىش -ئىزلىرىدىن ۋاقتىدا سىلەرنى خەۋەردار قىلالمىدىم،ئەمدى باشلىقلىقتىن قىلىپ؛ مانا قولۇم قىچىشىپ يەنە باشلىماقچىمەن،ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلە ھە؟ ھى ھى ھى ...
ئەمدى گىىپىمىزگە كەلسەك ساراڭلار دوختۇرخانىمىزدا بىر قاتار ئىشلار يۈز بەردى،كىلىدىغانلا كىلىپ كىتىدىغانلا كەتتى،ئۇلانىڭ ئىشدىن بىلدىغىنىمچە ئازراق خەۋەردار قىلاي،ئەيىبكا بۇيرۇمىغايسىلە؟
دوسيار ساراڭنى بىلىسىلە ئەليار ساراڭ مۇشۇ ئىككى ساراڭ بىرلىشىپ قىچىپ كەتتى،باھادىر ساراڭ بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاچقانمىش،ئاڭلىسام باھادىر ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ئىكەن،ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن،مەكتەپتە ناماز ئوقۇماسلىق ۋە دوسلىرنىڭ كۈندە مەس ھاراق ئىچىپ ياتاقتا جىدەل قىلىشىى كۆزگە سىغماي، مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىپ تاش سودىگىرى بولغانىكەن، ئۇ ئۆيىدىن 3000يۇەن پۇل بىلەن 6 ئايدا 30000 يۈەن كىرىم قىپتۇ،شۇنداق قىلىپ پايىدىسى ياخشى بولغاچ يىتىشىپ بولالماي،بىر خوتەنلىك بالا بىلەن شىرىكلەشكەنمىش،باھادىر قارا قاشتا ئىكەن،شۇنداق قىلىپ بۇلا بىرەر يىلدەك بىللە تىجارەت قلىپ پايدىنى يامان ئەمەس ئالغانىكەن،ماشىنىمۇ ئاپتۇ. ئۇلا خوتەن ، قاراقاش قاتارلىق جايلادىن تاش سىتىۋىلىپ؛ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ ساتىدىكەن،بىر قىتىم باھادىر بارىدىكەن يەنە بىر قىتىم دوستى بارىدىكەن،كۈنلەنىڭ بىرىدە نۆۋەت باھادىرنىڭ دوستىغا كەپتۇ،ئۇ باھادىرغا :
بۇقىتىم دەسمىينى جىىقاراق قىلايلى ،مەندە 500000بار ،سىلىمۇ 500000 قىلىڭلا ،پايدىنى جىقاراق ئالايلى دەپتۇ، باھادىرمۇ دوستىغا ئىشەنگەچ ماقۇل بولۇپ ئۆزىدە 350000بار ئىكەنتۇق، تۇققانلاردىن پۇل سوراپ؛ 500000قىلىپ 1مىليۇنلۇق تاش بىلەن دوستىنى ئۈرۈمچىگە يولغا ساپتۇ،كىم بىلسۇن بەش كۈنگىچە دوستى باھادىر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇپتۇ،ھەم 200000پايدا چىقىدىغانلىقىنى يەنىمۇ جىقاراق پايدا قالغاندا ساتىدىغىنىنى دەپتۇ،بەش كۈن ئۆتكەندىن كىيىن باھادىرنىڭ دوستىدىن خەۋەرمۇ يوق، تىلفۇن قىلسا ئىتىك، باھادىرمۇ بىر ئىش چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇيىگە ئىزدەپ كەلسە،ئۆيى ۋە ماشىنىسىنى ئاللىقاچان ساتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ،ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن باھادىر دەرھال ئاچىسىغا تىلفۇن قىلغانىكەن،ئاچىسى قاراقاشتا ساقچى بولۇپ ئىشلەيدىكەن، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ خوتەندە ئۇ ئالدامچىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپتۇ،ئەمما بارچە بەخىتسىزلىك شۇ بىچارە باھادىرغا بوپتۇ،ئۇ شۇ ئاچچىقىدا ساراڭ بولۇپ قىلىپ بىزنىڭ دوختۇرخانىغا كەلگەنىكەن، شۇڭلاشقىمۇ كىم كىلىپ؛ ھىلىقى قۇيمىچىنى پالانى يەدە كۆردۈم دىسىلا شۇ يەرگە چاپىدكەن،دوسيار ساراڭ قاچقاندا ئابىدە ۋە باھادىرنىمۇ بىللە
ئىلىپ قىچپتۇدەك،ئۇلا قاچقاندىىن كىيىن دوسيارنىڭ ئانچە خەۋىرى بولمىدى،باھادەر بىلەن ئابىدە ئاكا سىڭل بولۇشقانمىش،ئابىدەنى قاراقچى
دەپ نام ئالغان بىر ئاكىسى تۇتىۋىلىپ ئۆيىگە سولاپ قويغانمىش،باھادىر بولسا ھىلىقى قۇيمىچىنى شاڭخەيدە دەپ ئاڭلاپلا شاڭخەيگە كەتكەنمىش،لىكىن يولدا كىرگۈچە كورلىدن كەتكەن شاڭخەيدە ئولتۇرۇشلۇق رۇشەنگۈل دىگەن بىر قىز بىلەن بىللە ماڭغان بولۇپ شاڭخەيدە
پويىزدىن چۈشكىچە ئۇ قىزچاق باھادىرغا چوقۇم ئۆزىنى ئىزدىشىنى ھەم ئىزدەيدىغىنىغا ئىشندىغىنىنى ،تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئادىرسىنى قالدۇرۇپتۇ.
باھادىرمۇ ساراڭ بولغان بىلەن ئىمانى مۇستەھكەم ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن ئىدى،خوتۇنىغىمۇ سادىق بولغاچ باشىقا ئىشلارنى ئويلىمايدىكەن،
قۇيمىچنى تىپىشنىلا ئويلايدىكەن،ئۇ ماقۇل دەپلا كىتپ قاپتۇ كىيى قارسا پورتمالى بىلەن كىملىكى يوق؟ شۇندىلا ئۇ رۇشەنگۈلنىڭ نىمىشقا مىنى
چوقۇم ئىزدەيسىز دىگىنىنى بىلىپتۇھەم شۇ زامانلا رۇشەنگۈلگە تىلىفۇن قىلىپ ئۇنى ئىزدەپتۇ،رۇشەنگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسمۇ شاڭخەيدە ئولتۇراقلىشىپ
قالغانلا بولۇپ ياخشى ئادەملەئىكەن،باھادىرنى قىزغىن قارشى ئاپتۇھەم باھادىرغا ياردەملىشىپ ھىلىقى قۇيمىچىنى تىپشىپ بىردىغانلىقىنى
خالىسائۆيىگە مىھمان بولۇپ كىلىشىنى ھەرقاچان قارشى ئالدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ،باھادىر بولسا نائىلاج شۇ يەردە قۇيمىچىنى ئىزدەۋاتقانمىش....
ئەمدى دوختۇرخانىمىزدىكى قىزىقارلىق ئىشلاردىن ئانچە -مۇنچە ئاڭلىغىنىمچە سۆزلەپ بىرەي....
سىلەمۇ بىلىسىلە پىراكتىكانىت دوختۇرىمىز چىمەنگۈل دەپ بىرى بولىدىغان،ئۇ كەتمىگەن ئىكەن، ئۇكىلىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا تاسادىپى
بىر كۈنى دوختۇرخانىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئۆتۈپ قاپتۇ،ئۇ يەردە بىر قۇدۇق بار ئىدى ،قارىسا ساراڭلادىن بانۇ،غىرىپ،پاكزات قاتارلىق بىرمۇنچە
ساراڭلا قۇدۇق بىشىغا كىىلۋىلىپ 13،13،1،31،313،دەپ ساناق ساناپ ۋاقىراۋاتقانىكەن،چىمەنگۈك باراي دەپتيۇ ئەمما ئۇلا ساراڭ بولغاچ
جۈرئەت قىلالماپتۇ،ئۇلادىگەن ساراڭ ئەمەسمۇ؟يەنە كۈنلەنىڭ بىرىدە چىمەنگۈل ئارقا ھويلىغا چىقىپ قاپتۇ،قارىسا ئۇلا يەنە شۇ 13دەپ
ساناۋاتقان ئىكەن،چىمەنگۈل قىزىقىپ بىرىپ باقاي دەپ كىلىپ كۆلنىڭ ئىچىگە شۇنداقلا قارىشىغا ساراڭلا بىرلىشىپ چىمەنگۈلنى كۆتۈرۈپلا
قۇدۇق ئىچىگە تاشلىۋىتىپتۇدە 14،14،14،14،دەپ ساناشقا باشلاپتۇ.......
ساراڭغا سوت يوق دەپ چىمەنگۈلدىن ئايرىلدۇق.
مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قاملاشمىسىمۇ يىزىپ قويدۇم،توغرا چۈشىنەرسىلە.
|
|