ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › بەختىمنى ئىزدەيمەن...
كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 2
go

بەختىمنى ئىزدەيمەن...

Rank: 8Rank: 8

توردا
350سائەت 
نادىر تېما
5 
دوست
19 
يازما
408 
تېما
219 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 00:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بەختىمنى ئىزدەيمەن



ئابدۇرېشىت خوجا



ئەركىلەپ بېقىشىڭ ئەسلەتتى گۈلنى،
بۇ دۇنيا كۆزۈمگە گۈلدەك كۆرۈندى..
ئەتراپقا قارىسام سەن يوق، دىلىمن،
بىر ئازاب چىرمىدى، باغرىم تىلىندى..

ئاھ، دېدىم، ئاشۇ دەم بەزلەپ كۆڭۈلنى،
ئوتلىرىڭ يۈرەكتە چوغدەك بىلىندى..
ئاھ دېدىم، ئاھلىرىم يەتتى پەلەككە،
كۆزيېشىم يامغۇرى ئۇندىن ياغامدۇ..


جۈرئىتىم كەممىكەن، كىملەردە سەۋەن،
گۈزەللەر ياۋاشقا بىغەم باقامدۇ..
سۆيۈمەن دەۋاتسام قاپاقنى تۈرسە،
بۇ قىلىق كۆڭۈلگە، دەپ باق، ياقامدۇ..

بېغىمدا گۈللەر كۆپ، ھىدى ئۆزگىچە،
كىم پۇراپ تاشلىدى، پۇرىماقچى كىم.
تەسەللى تاپمايدۇ سۆيمەي قانغۇچە،
بۇ كۆڭلۈم چىگىشتۇر، يەشمىدى ھېچكىم.
.
قويغىنىم ، تۇتقىنىم ئېسىمدە ئەمەس،
مەن شۇنداق سەۋدايى، بىلمەيدۇ ھېچكىم..
ئويلايمەن ئويلارنىڭ پايانى كەڭرى،
ئۆزۈمگە كايىيمەن قەلبىمنى تۈزەپ..

ھېچ بىر قىز كەلمەيدۇ مەستانە كەبى،
بىلىپ قال، سۆيگۈنىڭ مانا مەنغۇ، دەپ..
بىلىنمەس كۆڭلۈمغۇ ئۆزۈمگە ئەگرى،
ئىزدەيمەن بەختىمنى قايسى قىزدا دەپ..

باغلارغا قارايمەن بۇلبۇل سايرىسا،
چېمەنلەر ئىچىدىن يۇلقۇنار تىلەك..
گۈل پۇراپ قانمىسام، قانمىسام ئاخىر،
بولامدۇ تەشنالىق بۇنىڭدىن بۆلەك..

مىڭ ئازاب ئېچىدە تۇرۇپمۇ يەنە،
چىقارماي تۇرىدۇ تېۋىش بۇ يۈرەك..
قايسى بىر رەناغا يازدىم بېغىشلاپ،
قەلبىمنىڭ قېتىنى ئىزھارلاپ شېئىر..

بۇ ھىجران سۈيلەپلا تۇرغاچ مۇھەببەت،
يۈرگۈزدۈم قايسى بىر شەيئىگە پىكىر..
كۆزۈمگە كۆرۈندى كىم گۈزەل، كىم سەت،
ئالدىمنى توسقىنى قايسى ئېگىز قىر؟



مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
86 
يازما
2593 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 11:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى ياخشى شېئىركەن ... رەھمەت ! ...

توردا
116سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
11 
يازما
381 
تېما
0 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 18:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شېئرىڭىزىگە كۆپ رەخىمەت . ھارمىغايىسز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.