كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپەتلىرى
ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپىتى : بەدەن ئالدىغا 20 - 30 گىرادۇس ئەتراپىدا ئېگىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن ، بۇنداق بولغاندا بويۇن ۋە پۇت چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە چارچاشنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن .
پىيادە يول يۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى بەدەن قىياپىتى : كىچىك قەدەمدە تېز مېڭىش . كىچىك قەدەمدە تېز ماڭغاندا مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت قېتىم سانى ئېشىپ ، پۇت - پاچاق مۇسكۇللىرى ساغلام تەرەققىي قىلىدىكەن . يەنە پۇت قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن .
دورا ئىچكەندىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپىتى :ئۆرە تۇرۇپ ئىچىش . ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ دورا ئىچكەندە ، دورا ناھايىتى ئوڭايلا ھەزىم قىلىش يولىغا چاپلىشىپ قالىدىكەن - دە ، ئانچە ياخشى سۈمۈرۈلمەيلا قالماي ، يەنە بىر زىيانلىق غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
ئۇخلىغاندىكى ئەڭ توغرا بەدەن قىياپىتى : ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىش .بۇنداق يېتىش قاننىڭ جىگەرگە بېرىشىگە پايدىلىق بولۇپ ، ئۆپكە ۋە يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن ھەم قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەن .
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|