ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئالىمجان ئاكىمىزغا بىلەت تاشلاپ قويايلى
كۆرۈش: 170|ئىنكاس: 5
go

ئالىمجان ئاكىمىزغا بىلەت تاشلاپ قويايلى

توردا
51سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
148 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 16:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئالىمجان ئاكىمىزغا بىلەت تاشلاپ قويايلى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى باش بولۇپ ئۆتكۈزىۋاتقان «جۇڭگو تورچىلىقىدىكى 2010-يىللىق تەسىرچان شەخس
(“中国网事·感动2010”年度网络人物) پائالىيىتىنىڭ توردا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ. نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر بار ئىكەن، بىرى گۈيجۇدا كاۋاپچىلىق قىلىدىغان ئالىم ئاكا، يەنە بىرى تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ قىزىنى بېقىۋالغان سانجىلىق مىھرىبان ئانا مەنىساخان ساۋۇت ئىكەن. ھازىرقى بېلەت نەتىجىسىدە ئالىم ئاكا 11-ئورۇندا، مەنساخان ساۋۇت 19-ئورۇندا تۇرۇپتۇ، پەقەت بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى 10 نامزاتنىلا تاللايدىكەن، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچەبولۇپ ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم سىكرىتارى (张春贤)جاڭ چۈنشېڭ ئالىمغا بىلەت تاشلىدىم، دەپتۇ. بېلەت تاشلايدىغان تور ئادرېسى:
http://www.xinhuanet.com/newmedia/zgwsgd2010/index.htm
نامزاتلار تىزىملىكدىكى سول تەرەپ بىرىنچىسى ئالىم ئاكا شۇ، رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى投票 دىگەن خەتنى چىكىپ قويساقلا بولىدۇ. قارىغاندا ئالىم ئاكىنىڭ تاللىنىشىدىن خېلى ئۈمىد باردەك قىلىدۇ، كۆپچىلىك بىر مىنۇت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بېلەت تاشلاپ قويساڭلار، بىز تاشلىغان ئاشۇ بىر تال بېلەت مىللىتىمىزنىڭ ئىچكىرىدىكى خۇنۈك ئوبرازىنى ياخشىلاشتا خېلى ئوبدانلا رول ئوينىغۇسى ! گەرچە ئىچكىرىدكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھالال ھۈنەر-خىزمەت، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئوغرى-يانچۇقچى، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە يەنە ئاللىقانداق ھارام ئىشلارنى قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز سەۋەبىدىن دائىم چەتكە قېقىلىدىغان، كەمسىتىلىدىغان بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق. بۇ خىل ئازابنىڭ تەمىنى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھالال خىزمەت ۋە سودا قىلىۋاتقانلار ئوبدانلا بىلىدۇ. ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مىھمانخانىلاردىن ياتاق ئالالمايدىغان، ئاپتوبۇس، مېترولاردا ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا بەكلا سوغۇق مۇئامىلىگە ، ئالىيىپ قاراشلارغا ئۇچرايدىغان ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەممىدىن بەك جانغا تېگىدىغىنى، ئۇيغۇرنى كۆرۈپلا نەرسىلىرىنىڭ ئوغۇرلىنىشىدىن ئەنسىرەپ سومكىسىنى مەھكەم قۇچاقلىشى، ئۆزىنى ئېپ قېچىشى، يانچۇقلىرىنى پات-پات سىلاپ قويۇشى...
قېنى دوستلار ، ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ تىزدىن بېلەت تاشلايلى، ۋاقىت چەكلىك !
مۇمكىن بولسا بۇ خىل چاقىرىقلارنى باشقا مۇنازىرىلەرگىمۇ يوللاپ قويساڭلار، مۇشۇنى كۆچۈرۈپ ئەۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.چ چ توپلىرى، مەكتەپداشلار تورى (校内网) دېگەندەك جايلارغىمۇ كۆپرەك يوللاپ قويساڭلار~
ئېسىڭلاردا بولسۇن، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2010-يىلى12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە. ;



مەنبە: ئۇلېينىش تورى


توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1625 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 18:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تىخى ئىز مۇنبىرىمىزنى قۇرغۇچى ئالىمجان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،
مانا كەتتى 1 بىلەت.

توردا
369سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
230 
تېما
21 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 20:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەتتى كەتتى 1 سى ....

توردا
114سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
269 
تېما
73 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 22:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىر بىلەت كەتتى.

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
661 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 00:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
sansiz يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 22:37
بىر بىلەت كەتتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بىر بىلەت كەتتىمۇ يا بىر نەچچە زىخ كاۋاپمۇ .

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
661 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 00:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بايام كاۋاپنى كۆرۈپلا ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن دىسە بىر بىلەت كەتتى . مەندىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 14:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.