- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-15
- تىزىملاش
- 2010-4-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 55سائەت
- جۇغلانما
- 398
- نادىر تېما
- 2
- يازما
- 46
- تېما
- 18
- توردا
- 55سائەت
- نادىر تېما
- 2
- دوست
- 1
- يازما
- 46
- تېما
- 18
|
ۋا دەرىخ!!!ئاتام زامانىدىن تارتىپ ھەكسىز مىھنەت بىلەن قان-تەرىنى ئۈن-تىنسىز ھالەتتە تۆكۈپ بىرگە بىرنى قوشسا نەچچە بولىدىغانلقنى بىلدۈرۈپ،ئنسانىيەتنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىپ نى-نى تەرەققىياتلارنىڭ،كەشپىياتلارنىڭ بارلققا كىلىشنىڭ تۈپ سەۋەپچىسى ھەم مەنبەسى،سىزنىڭ باشلق بولىشڭىز،ساقچى بولىشڭىز،سىزنىڭ ئالىم بولىشىڭىز،ۋەتەنپەرۋەر بولىشڭىز،دىخان بولىشڭىز ئاشۇ سىنپلاردىن دوسكىدىن باشلانغان،سىزنى كىم ئويغاتتى؟سىزنى كىم شىركەت -كارخانا دىرىكتۇرى بولىشقا ئۇل ھازىرلىدى؟سىز گە كىم ناخشا-مۇزىكا ئۆگەتتى؟كىم سىزگە ماشىنا ھەيدەشنى بىلدۈردى؟يەنە ئولۈپ تۈگگىچە بولغان قىسقا ئەمما ئۇزاق مۇساپە ھىساپلىنىدغان ھاياتىڭىزدا ھەممە ئىش شۇ مۇئەللىمگە مۇناسىۋەتلىك،دۇنيا قاراش،مىللەت قاراش،تارىخ قاراش،مەدەنيەت قاراش،دىن قاراش ھەممىسى شۇ مۇئەللىمنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجىرى،باشقىلار ماشىنىدا ماڭسا ئۇ ۋەلىسپىتتە ماڭدى؟باشقىلار يۈرۈشلەشكەن بىنا ئۆيگە چىقسا ئۇ يەنە كەپە ئۆيدە ئولتۇردى،باشقىلار رىستۇران-ئىشرەتىخانىلاردا ياشىسا ئۇ ئاددى ئاشخانىدا سۈيۈقئاش ئىچتى،يىرىم مىنۇت كىچىكسە 50 ئوقۇغۇچىنىڭ 25 مىنۇت ۋاقتىنى ئالىدىغانلقنى ئۇ بىلدۇ،ئۇنىڭمۇ باللىرى ئائىلىسى بار،كىيىم-كىچەكنىڭ نوچىسىنى كىيگۈسى بار(ھازىرغۇ مائاش ئۆستى)ئالتۇن ئاسقىسى بار،سائەت 8دىن بەشكىچە كىرسە مەكتەپ،ئىشتىن چۈشسە ئۆينىڭ ئىشى،شەنبە -يەكشەنبەبولسا بىر ھەپتىلىك يۇغلۇشۇپ ئالدىراشچىلق،ئۆي ئالدى قەرز قىلدى،ئاران قەرزىنى تۆلەپ بولدى،خوتۇن ئالدى ئەرگە تەگدى بالىسى بولدى، يەنە پۇل يۇغلىماقچى،تاپقان تەرگىنى يەنە شۇ بالىسىنى ئوقۇتۇشقا كەتتى،پىنسىيگە چىقتى بالىسىقا مۇئاشىنى بىرىپ نەۋرە باقتى،مانا بۇ ئۇنىڭ ھاياتى،بولۇپمۇ مۇشۇ جەنۇپ تەرەپلەردە ئۇنىڭ يۈكى راسلا ئىغىر،ئاز دىگەندىمۇ ھەپتىلىك دەرس سائىتى 15 سائەت،بىر سائەتلىك دەرس تەييارلاپ ئۆتۈشكە 2 سائەت،تاپشۇرۇق بىرىپ يىغىپ تەكشۈرۈشكە يەنە ۋاقىت،سىنىپ يىغىنى ھەر تۈرلۈك كۇرژۇك پائالىيەتلىرىگە يەنە ۋاقىت،مەسئۇلىيەت كۈچلۈك ،بىسىم ئىغىر،تەتىل قىلدى دىگەن بىلەن تەتىلدە بىلمىنى تولۇقلىشى ھەرخىل تەربىلىنىش كۇرۇسلىرىدا ئوقۇشى ،مائاشىنى تولۇق ئىلىش ئۈچۈن شەرت ھازىرلىشى كىرەك،رىقابەتتە ئۇتىشى ،ئەجىرنىڭ مىۋىسىنى كۆرىشى كىرەك،ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىشى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلىپ كىتىشىگە مەسئۇل بولىشى ئومۇمەن ئادىمىيىلك بۇرچىنى ئادا قىلىشى كىرەك،ئادىمگەرچىلككە پۇل چىقىرىپ قاتنىششى كىرەك،يەنە جىق ئىشلارنى قىلىشى كىرەك،ئەپسۇس!!!ئۇنىڭ نىرۋىسى بىسمغا بەرداشلق بىرەلمەيدىغاندەك قىلدۇ،باشقا ساھەدىكلەرنىڭ 10 يىللق كاللىسى مائارىپتىكلەرنىڭ 2يىللق كاللىسىغا تەڭ،ئۇنىڭدا تەكشۈرتسە ساق،ئەمما روھى جەتتىكى نۇرغۇن نىرۋا كىسەللكىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى،ياش تۇرۇپ يۈرىكى بىنۇرمال،قورۇقلار چىكىسىگە ھۇجۇم قلدى،كۆزى غۇۋالىشىپ ،قولى تىتىرەيدىغان بوپمۇ قالدى،دوسكا ئالددىلا يىقىلپمۇ چۈشتى،ساقايدى،ئەمما بۇرۇنقىدەك ئەمەس،جىمغۇرمۇ بوپ قالدى،مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن،مەن ئۈچۈن،دۆلەت ئۈچۈن،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن،ئەمما ئۇ كىملەرنىڭدۇ نەزىرىدىن ساقىت قىلندى،ئۇنىڭ بايراملىرى تەبىكلەنمىدى،مەكتەپ مۇدىرلىرى كەنىت سىكىرىتارلىرىغا يالۋۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلار بايىرىمغا بىر ئۈستەل سەي دىدى،بىراق سىكىرتار خوشياقمىغان ھالدا ماقۇل دىدى،كەينىدىن دىۋانىلار دەپ تىللاپمۇ ئۈلگۈردى،ھۆكۈمەتنىڭ سالغان مەبلىغى تولىمۇ جىق،يەسلىدىن تارتىپ تولۇقسىزغىچە تاماق پۇلى بەردى ئوقۇغۇچىلارغا،ئەمما قىرقىپ قويۇلدى،ھىسابات تولۇق،چاتاق چىقمايدۇ،يىزىلق ھۆكۈمەت بۇيرۇق چىقىاردى،ۋەزىپە تاپشۇردى،مەكتەپ مۇدىرى خوشامەتچىلك بىلەن قوبۇل قىلدى،قاپىقىنى تۈرۈپ ئوقۇتقۇچىغا بۇيرۇق قىلدى،بىچارە مۇئەللىم قوبۇل قىلدى،ئامال يوق،،ئاچچىقىدا ئەرزمۇ قىلدى،ئەمما ئاشكارىنلىپ يىل ئاخىرىدا لاياقەتسىز بولۇپ باھالىنىپ مائاشى تۇتۇلدى،ئۈنۋان رەسمىيتى ئالالمىدى،مانا ئۇ يەنە دەرس مۇنبىرىدە ،،تەر تۆكمەكتە،ئشلىمەكتە،،،،كيىنكى قىتمدا ئۇلارنىڭ تۆلىگەن جەرىمانلىرى ۋە داۋالىنىش جەريانىدىكى ئادالەتسىزلككە ئۇچىراش ئەھۋاللىرى سۆزلىنىدۇ،،،،،،،مەنبە؛مۇئەللىم بىلەن سۆھبەت،،،بوران114 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-16 23:20
|
|