- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-18
- تىزىملاش
- 2011-1-17
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 86سائەت
- جۇغلانما
- 781
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 137
- تېما
- 31
 
- توردا
- 86سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 137
- تېما
- 31
|
ئۆمەرجان سىدىق
ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم كىشىلىك تۇرمۇش سەپىرىدە يەنە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئالاقە قىلىدۇ. ئاقىللاردىن، ھەر خىل كىتاب، دەستۇرلاردىن قانداق ياشاش ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئۈگۈت، تەۋسىيىلەرنى ئاڭلايدۇ. ئازاب - ئوقۇبەتكە يولۇققاندا ھەر خىل تەسەللىيلەرگە، ئازابلارنى قانداق تاشلىۋېتىش، قانداق ھايات كەچۈرۈش ھەققىدىكى ئەقىل، مەسلىھەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيا مۇشۇنداق قىزغىنلىقى، مېھرىبانلىقى، ياخشى نىيەتلىك ئىنسانلىرى بىلەن گۈزەلدۇر.
نىھايەت بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، ھاياتنىڭ قېلىپى بولمايدۇ، دۇنيادىكى ئىككى ئادەمنىڭ ھەرگىزمۇ ئوپئوخشاش ھايات كەچۈرمىشى بولۇشسىزگە: »ئازابلارنى ئۆزەڭگە روھىي يۈك قىلىۋالما، دادىل كەينىڭگە تاشلىۋېتىپ، خۇشال - خورام ياشا« دەپ تەسەللىي بېرىشىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنبىڭ ياخشى كۆڭلى. لېكىن نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن؟ ئەگەر ئازابلارنى راستىنلا بوپىغا ئوخشاش كەينىگە تاشلىۋېتىش ئىمكانىيىتى بولسا، يۈرەكتىكى دەرتنى تاملاردىكى ى ناتايىن. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا تاللىغان ياشاش شەكلى، تۇرمۇش يولى بولىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ نەسىھەت، ئۆرنەكلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇكى، شۇلارغا ئوخشاش، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك ياشىماقچى بولسىىز خاتالاشقان بولىسىز، تېخىمۇ كۆپ ئازابلارنى يۈكلىۋالىسىز. ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بېزەڭ ئېلانلارنى قىرىۋەتكەندەك قىرىپ چىقىرىۋەتكىلى بولسا، بۇ دۇنيا نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى - ھە؟ ۋەھالەنكى، بۇ ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش، ئەمەلىيەتتە ئادەم مۇشۇنداق ئازاب ۋە خوشاللىقنى تەڭ ھېس قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەنلا باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلىنىدۇ. دۇنيا ئازاب ۋە خۇشاللىق گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا جەلپكار بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ ياشاش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئازابلىنىپ يۈرمەڭ، ھاياتنىڭ قېلىپى بولمايدۇ، سىزگە ئىش ئۆگىتىۋاتقان، ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەرت - ئېسەلىرى بولىدۇ. پەقەت ھاياتقا، تۇرمۇشقا، ئازابقا دادىل يۈزلىنىڭ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ. مەغلۇبىيەت، ئازاب - ئوقۇبەت، جۇدالىق دېگەنلەر ھەر قانداق كىشى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر جەرياندۇر، بۇ جەريان سىزنى تاۋلايدۇ، چېنىقتۇرۇدۇ، تەجرىبە ئۆگىتىدۇ. سىز مۇشۇنداق پېچتا تاۋلىنىپ چىققىنىڭىزدىلا، ئۆزىڭىزگە خاس ھايات يولىنى تاپالايسىز، باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ياشىيالايسىز.
مەنبە؛خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/156014/11240537.html |
|