ئىز مۇنبەر ژورنىلى
1.سان
 
(تېمىنى چىكىپ مەزمۇنىنى كۆرۈڭ) 1.پىسا يانتۇ مۇنارى يەنە200يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ 2.ئاسىيادىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى 3.ئالتۇن ھەققىدە قىزىقارلىق ئىشلار 4.مانا بۇ ھەقىقى كەشمىر  
كۇچۇم يوقتۇر تارتىشقا قۇلۇم ئاپتۇرى:راخمانجان(abdukurax)
خەت يېزىپسەن"ساقلا منى يار، بۇلاق سۈيى شۇنچە ئويناقشىپ،
بىز تۇنۇشقان بۇلاق بويىدا ". قارشى ئالىدى مىنى ھەم سىنى.
نىمە سۆزۈڭ بارتى بىلمىدىم، كۆزلۇرۇمگە تىكىلدىڭ شۇ دەم،
ئالدىرايتىم ئاڭلاش ئويىدا. قۇلۇم تۇتۇپ تارتتىڭ يار مىنى. *********************************************
تارتالمىدىم ئۆزۈمنى سەندىن، ئىتتىرمەكچى بولدۇم يار سىنى،
چىڭ قۇچاقلاپ سۆيدۇڭ لىۋىمگە. تارايغاندەك بىلىندى يولۇم.
باسالمىدىم ئۆزۈمنى پەقەت، ئاجىز كەلدىم ئىشقىڭدا ئەمما،
قاراپ سىنىڭ ئوتلۇق كۆزۈڭگە. كۈچۈم يوقتۇر تارتىشقا قۇلۇم. **********************************
كۆزيىشىم شەمشىدىن ئابدۇراخمان(يانبۇلاق) كۆزۈڭ ياش دىمەئۇ-كۆزدىكى ئاچچىق، كۆز يىشىم رەقىپكە ئاچچىقتىن ئاقار، كۆزۈڭ ياش دىمەئۇ-دىلدىكى ھەسرەت. ئەمەستۇر تەغدىردىن بىراۋغا داتلاش. كۆزياش ئۇ-تومۇردا ئۇرغىغان غەزەپ، ھەممىمىز دۇنياغا يىغلاپ كۆز ئاچقان، كۆزۈڭ ياش دىمە ئۇ-قەلبدىكى نەپرەت. كۆزيىشىم بەزىدە ماڭا چىن سىرداش.
*****************************
كۆزيىشىم سۆيگۈدەيىغىلغان ھەسرەت، كۆزيېشىم غەزەپنىڭ دولقۇنى تاشقان، ئەمەستۇر زارلىنىش ۋاپاسىز ياردىن.نا ئەھلى، تۇزكورنى ھە! يالماپ يۇتقاي. ئالدانغان پاك كۆڭۈل چىدارمۇئاڭا، ۋىجدان ۋەغورۇرنى يوقاتقانلارنىڭ، كۆز يىشىم نەشتەر دەك ئۆچ ئالارئاندىن. كۆزيىشىم لەھەڭدەك جىسمىنى تىتقاي. ********************************
كۆزيىشىم ۋاپاسىز ئىنسانغا نەپرەت، (مەڭگۈگە دوزاققا بەخشەندە قىلغاي.) كۇپۇرلۇق قىلغاننىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ، كۆز يىشىم خەنجەر دەك باغرىنى تىلغاي. ئىز مۇنبىرىدىن ئىلىندى  

بەختىيار يۈسۈپ مەخمۇت يانبۇلاق بەختىيار يۈسۈپ ئايگۈل
 
باغلانغان تاش 0903mamtiminكۈزۋ اقتىداقوي ئالىمەن دەپ بىر سەراغاچىقىپتۇ.مەلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا بىر ھويلىدىن بىر ئىت چىقىپ ئۇنى قوغلاپ كېتىپتۇ. قارسا ئىت ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي قوغلاپ كىلىۋەگىدەك، 0903mamtiminيەرگە ئېڭىشىپ تاش ئالاي دىسە تاش قولىغا چىقماپتۇ،ئىت يېقىنلاپ كەپ قالغاندا 0903mamtiminجان ئاچچىغىدا:" بۇ قانداق يۇرت، تاشنى باغلاپ قويۇپ، ئىتىنى قويۇۋىتىدىغان" دەپ ۋاقىراپتۇ. ھىساۋات قىلىش herepنىڭ بىر مۇشۇگى باركەن.مۇشۇك herepنىڭ خوشنىسىنىڭ 6 جۇجىسىنى يەۋىتىپتۇ.خوشنىسى ،ۇشۇكنى تۇتالماي جىلە بولۇپ يۇرگەندە ،بىر كۈنى ئۆگۈزىگە چىقسا ھېلىقى مۇشۇك بىر پاختەكنى تۇتۇپ يەۋاتقىدەك.herepنىڭ خوشنىسى ئۇنى چاقىرىپتۇ:"herepغوجام ئۆگۈزگە چىقسىلا،ما ئىشنى كۆسىلە "-دەپتۇ. herep :"نىمە ئىش بولغاندۇ؟دەپ ئۆگۈزىگە چىقىپ قارىسا مۇشۇگى پاختەك يەۋاتقىدەك."" كۆدىلىمۇ ما مۇشۇكلىرى مىنىڭ 6 جۇجەمنى يەپ بولۇپ، ئەمدى پاختەك يېگىلى تۇرۇپتۇ،ئىككىمىز ھىساپىنى ئوچۇق قىلىۋىتەيلى'" دەپتۇ. "نىمە ھىساپ ئۇ؟"-دەپتۇherep."مەن سىلىدىن100يۇەن قەرزئالغانغۇ؟.شۇنىڭ ھىسابى.ئاۋۇ 6 چۇجە 15كويدىن90كوي،ما پاختەك 10كوي جەمئىي 100 كوي،شۇنىڭ بىلەن ھىساب تۈگىدى" دەپتۇ خوشنىسى. چىلەك تۈۋلىتىش iliqiچىلىگى تېشىلىپ كېتىپ بازاغا ئاپىرىپ تۈۋلىتىپ چىقىپتۇ.ئۆيدە چىلەككە سۇ ئالسا ئېقىپ كېتىپتۇ.iliqiنىڭ ئاچچىغا كىلىپ، چىلەكنى يەرگە تاشلاپ دەسسىگەچ تىللاشقا باشلاپتۇ:'" مانا ئەمسە،مانا، ئۇستامنىڭ ئالدىدا ئاقماي، ئۆيگە چىقىپ ئاققان غەلۋىرەك چىلەك، ئاقە ئەمدى....." ئاياق سېتىش بىر كۈنى ARTUQجىق ئاياقلارنى يايما قىلىپ سېتىۋاتسا بىر دىۋانە سەدىقە سوراپ كەپتۇ.
ARTUQ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغىرىپ بىر كىشلىك ئاياقىنى بېرىپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى دىۋانە ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ:"ما ئاياقنىڭ بىر پىيى كىچىككەن، ئالمايمەن،پۇلنى قايتۇرۇپ بەسىلە" دىگىدەك. ماختىنىش
007AZAP بىر ساياھەتكە كەلگەن ئامېرىكىلىق بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ. ئامېرىكىلىق ماختىنىپ «بىزنىڭ دۆلەتتە خەلق بەكمۇ ئەركىن ، ئەگەر زوڭتـۇڭدىن نارازى بولساق، قىلچە قورقماي زوڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ
ئالدىدا زۇڭتۇڭ چۈشۈپ كەتسۇن!" دەپ ۋاقىرالايمىز، سىلەر پېتىنالامسىلەر؟!» دەپتۈكەن،007AZAP«بۇ قانچىلىك ئىشتى!» دەپ، ئامىرىكىلىقنى ئىز تورى ئىشخانىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا
باشلاپ كىلىپ ۋاقىراپتۇ:«ئامۇتجان مۇنبەردىن چۈشۈپ كەتسۇن!!!» ئۇلار قانداق ماڭىدۇ ئىزمۇنبىرىدە abudulaبىلەن abdukoraxئۇچۇرۇشۇپ قاپتۇ. abudula،abdukoraxدىن سوراپتۇ:" بىز نېمىشقا بىكاغا مۇنبەرگە تېما يوللايمىز؟،باشقۇرغۇچى تەھررلەپلا قويۇپ پايدىنى شۇلار ئالىدىكەن" . abdukorax،abudulaگەقاراپ قويۇپ: «ھەي،بىز ئەشۇ تېمىلىرمىز بىلەن ئىز چىقىرىپ بەرمىسەك ، ئۇلار قانداق ماڭىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. يوللىغۇچى:يانبۇلاق
مەن مىكىيان ئەمەس قاق سەھەردىلا ئانا قىزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قىزىنىڭ يوتقىنىنى قايرىپ تۇرۇپ توۋلاپتۇ؛
-___نادىرە، تېز تۇرە، خوراز ئاللىقاچان ئۈچ مەرتەم چىللاپ بولدى.
_ئۇ چىللىسا چىللاۋەرسۇن،مەن مىكىيان ئەمەس،_دەپلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۇيقۇسىنى داۋام قىپتۇ قىزى.
ھامىلدار بولۇش ئۈچ ئاغىنە تاماق يېگەچ پاراڭغا چۈشۈپتۇ. پاراڭ ئارىسىدا ،ئېلى ۋەلىدىن سۇراپتۇ؛
_ئاڭلىسام ،ئايالىڭ قوشكېزەك تۇغۇپتۇ. بۇنىڭدا بىرە سىر بارمۇ؟
_بولمامدىغان ،ئايالىم ھامىلدار ۋاقتىدا <ئىككى ئەسكەر >>دېگەن كىتابنى كۆرگەن ،دەپتۇ ۋەلى.
_سىنىڭ ئايالىڭ ئۈچ كېزەك تۇغۇپتۇ، بۇنىڭدىمۇ بىرەر سىر بارمۇ؟دەپ سوراپتۇ ئېلى غېنىدىن .
_ئەلۋەتتە سىر بار ئايالىم ھامىلدار ۋاقىتتا<<ئۈچ چەۋەنداز >>دېگەن كىتابنى ئۇقۇغان_ دەپتۇ غېنى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئېلى چۆچىگەن ھالدا؛___مېنىڭ ئايالىمنىڭ بويىدا بار ئىدى.ئۇھازىر <<ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى>>دېگەن كىتاپنى ئوقۇۋاتاتتى ،دېگىنىچە ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ.
يوللىغۇچى:مۇراتجان مۇختەر(EPSUN) 
مۇنبەر ئەزالار ئالبۇمى(1) |
يانبۇلاق ئىشلىدى  
تەكىلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-21 15:59
|