ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئاسىيادىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى

ۋاقتى:2010-12-18 10:41مەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھىرىر:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  
 
ئۆت سۇيۇقلۇقى ئېلىنىۋاتقان ئىت ئېيىق
 
    سۈرەتتىكى بۇ ھوشسىز ھالەتتە ئوڭدىسىغا ياتقان ئىت ئېيىقنىڭ تېنىگە بىر ئىشپىرىس ئۇلاپ قويۇلغان بولۇپ ، قارامتۇل سېرىق رەڭلىك ئۆت سۇيۇقلۇقى سۈمۈرۈپ ئېلىنىۋاتاتتى .
    ئۇلار ئېگىزلىكى ۋە كەڭلىكى تەخمىنەن ئىككى مېتىر كېلىدىغان چوڭ تۆمۈر قەپەسكە سولىنىپ بېقىلىدۇ . ھەر نۆۋەت خېرىدار كەلگەندە ، ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئەكىرىلىپ ، ناركوز ئۇرۇلغاندىن كېيىن ، يۇقىرى ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپارات ئارقىلىق ئۆت خالتىسى تېپىلىپ ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىرلىق مېتال ياكى كاۋچۇك ئۆتكۈزگۈچ نەيچە ئۇلارنىڭ قورساق دىۋارى ( مەخسۇس ئېچىلغان تۆشۈك ) دىن كىرگۈزۈلۈپ ، بىۋاستە ئۆت خالتىسىغا سانجىلىدۇ . بۇ ۋاقىتتىكى ئازابنى ھېچكىم ھېس قىلالمايدۇ . 
 
 
   جاكارتادىكى بىر گۈل–قۇش بازىرىدا ، فوتوگراف مۇخبىر لياڭ يوڭگۇاڭ ئۆز كۆزى بىلەن بىر ئەرمەك ھايۋان ساتقۇچىنىڭ فىلىپپىن ماكاكا مايمۇنىنىڭ ئۇتتۇر چىشلىرىنى كېسىۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئۇ ئادەم بىر قولىدا فىلىپپىن ماكاكا مايمۇنىنىڭ بېشىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ ، يەنە بىر قولىدا ئامبۇر (قىسقۇچ) نى تۇتۇپ ، ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى گۈرۈچتەك ئۇششاق چىشلارنى تېزلىكتە كېسىپ ئېلىۋاتاتتى .
 
 
   ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا تاقىم ئارىلىدىكى رانتاۋ پاراپاتنىڭ بۈك–باراقسان ۋە ياپيېشىل ئىپتىدائىي ئورمانلىقىقا يېقىن جايدا ، يىل بويى سېسىق پۇراق تارقىتىدىغان ئاددىي بىر كارخانا بار . ئىشىكنى ئېچىپ كىرسىڭىز ، چىگە ئارغامچا بىلەن قىستاپ ئېسىلغان ، يېتىلگەن ئەرلەرنىڭ يوتىسىدەك توملۇقتىكى ئون نەچچە بوغما يىلاننى كۆرىسىز . ئېسىلغان ھەر بىر بوغما يىلاننىڭ ئاغزى يوغان ئېچىقلىق بولۇپ ، ئۇلارنىڭ قىمىرلىغۇدەك مادارىمۇ يوق .
 
 
     2005–يىلىدىن باشلاپ ، فوتوگراف مۇخبىر لياڭ يوڭگۇاڭ تۆت يىل داۋامىدا ، تۈرلۈك يوللار ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار (NGO) نىڭ ياردىمى ئارقىلىق ، جۇڭگونىڭ گۈيلىندىكى شيۇڭخۇ تاغلىق يېزىسى ، ھىندونېزىيەدىكى لەھەڭ زاۋۇتى ، يىلان سويۇش كارخانىسى ، ۋېيتنامدىكى ئىت ئېيىقنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئېلىش بازىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋايى ھايۋانلار سودىسىغا ئائىت 100 نەچچە پارچە سۈرەتنى تارتىۋالغان .
 
 
ھىندونېزىيەدىكى لەھەڭ (ئاكۇلا) زاۋۇتى
 
   كۆپ قىسىم غەربلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تاشپاقا گۆشى ، لەھەڭ پالاقچىسى ۋە پىل چىشى قاتارلىقلار ئىنتايىن ناتونۇش نەرسىلەر ، ئۇلار بۇلارنىڭ سودىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ ؛ ھالبۇكى نۇرغۇن ئاسىيالىقلار بۇنى ئادەتتىكى ئىش دەپ قارايدۇ.
 
 
   نۆۋەتتە ، ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنىڭ ‹‹روناق›› تېپىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى ، ئەتكەسچىلەر ‹‹يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى›› (CITES) دىكى ‹‹سۈنئىي (قوتانغا سولاپ) بېقىلغان ھايۋانلارنى ئېلىپ–سېتىشقا بولىدۇ›› دېگەن ماددىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلانغان . كۆپلىگەن ئەتكەسچىلەر ‹‹كۆپەيتىش مەركىزى›› قۇرۇپ ، بۇ ئارقىلىق پاناھلىنىدۇ ، قىممەتلىك ھايۋانلارنى ئوغرىلىقچە ئوۋلايدۇ .
 
 
   قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغان قىزىل ئورانگۇتان بالىسى ھىندونېزىيەدىكى بىر ھاياتلىق باغچىسىدا مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگەنمەكتە. بۇ ‹‹يېتىم›› لارنىڭ ئاتا–ئانىلىرىنىڭ كۆپىنى مايلىق پالما زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ، بۇلارنى بولسا ئەرمەك ھايۋان ئورنىدا سېتىۋەتكەن.
 
 
   ياۋايى ھايۋانلار سودىسى كۆلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئېنىق بىلمەيدۇ ، لېكىن شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ، پايدا ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ . ئەتكەسچىلەر قانۇنلۇق مالنىڭ ئارىسىغا قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلارنى تىقىپ قويۇش ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تارماقلىرى ۋە تامۇژنا خادىملىرىغا پارا بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ . قولغا ئېلىنغانلارمۇ يوق دېيەرلىك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولغا ئېلىنغانلار ئۇچرايدىغان جازا ئادەتتە قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتقانلارغا قويغان جەرىمانىچىلىكمۇ ئەمەس .
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(11)
68.8%
ئالقىشلايمەن
(5)
31.2%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون ئىككى ئايال

    1. 1905- يىلى باش شتابى شۋېتسارىيە پايتەختى بېرن(Bern)گە جايلاشقان خەلقئارا تىنچلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارونېز بېرتا ۋون سۇتتنېر خانىم(Baroness Bertha von Suttner 1843-1914)، ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى قورالىمىزنى تاشلايلى دېگەن مەشھۇر ئەسىرى...

  • «يۈزى يوق ئادەم» يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    يۈزى يوق دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە... شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ي...

  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...

  • دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەر

    ماشساررا دەرىخى ، ئامېرىكا نېرۋانا شىتاتى 4800 يىللىق تارىخقائىگە سەئىد ئاباكۇ دەرىخى ئىران 4000 يىل باتاگونىيا دەرىخى چىلى 3600 يىل Jardine Juniper قارىغاي دەرىخى ئامېرىكا يۇتا شىتاتى 3200 يىل پاترىياك فلورېستا دەرىخى برازىلىيە 3200 يىل ئاق ئات دەرىخى سى...

  • ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

    ئەنگىلىيە ئەينەك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2010-يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان (ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئەڭ ياخشى)شەھەرلەر تىزىملىكى : 1. ميۇنخېن 2. كوپىنھاگېن 3. سيۇرىخ 4. توكيو 5. خېلىنىسكىي 6. ستوكھولىم 7. پارىژ 8. ۋېنا 9. مىلبۇرن 10 ....

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش

    1. ئىتالىيىدىكى پىسا يانتۇ مۇنارى 2. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاستانە دەرۋازىسى 3. گوللاندىيىدىكى ۋوزوك تۇرالغۇسى 4. گرىتسىيىدىكى بوشلۇق ئىبادەتخانىسى 5. ياۋروپا دەرۋازىسى ئىسپانىيە مادرىد 6. روسىيىدىكى ؟ ؟ ؟ 7. ئاسترا بىناسى گېرمانىيە ھامبۇرگ 8. تاكاسۇك...

  • دۇبەيدىكى ئاپتوماتىك ئالتۇن ئېلىش ماشىنىسى

    ...

  • سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسمى

    ...