- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-1
- تىزىملاش
- 2010-6-20
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 256سائەت
- جۇغلانما
- 1665
- نادىر تېما
- 6
- يازما
- 430
- تېما
- 40
 
- توردا
- 256سائەت
- نادىر تېما
- 6
- دوست
- 11
- يازما
- 430
- تېما
- 40
|
نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقوم ھەر بىر مىنوت ۋاقىتنى چىڭ تۇرۇش كىرەك.
ۋاقىت گوياكى ئىقىن سۇغا ئوخشايدۇ، مىلىيونلاپ پۇل خەجلەپمۇ،بارچە ئاماللارنىڭ ھەممىنى قىلىپمۇ، قولىمىزدىن كەتكەن ھەر بىر مىنوت ۋاقىتنى قايتۇرۋالالمايمىز،ۋاقىت گوياكى ئۆمۈر دىمەكتۇر.ئۆتكەن ھەپتە يىڭى بىر يىلنىڭ ئالمىشىشى بىلەن ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆمۈر دەپتىرىدىن بىر ۋاراق ئۆرۈلدى،بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز گوياكى شۇ بىر بەتتىكى ھەر بىر قۇردۇر.بىز شۇ قۇرغا نىمىلەرنى يازىمىز؟شۇ بىر بەتنى قانداق بىزەيمىز؟شۇ بىر خاتىرىمىزنى قانداق توشقۇزىمىز ؟
يىڭى يىل باشلانغاندىن بۇيان بىزدە نىمە ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ياكى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا يۈگەنسىز ئاتقا ئوخشاش كىتىپ بارامدۇق؟
...
ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ بىر قۇرنىڭ مۇقەددەس شاھىدى بولغان شۇ بىر كۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن.
پۈتۈن ئۆمرۈم،ھەر بىر يىل،ھەر بىر ئاي،ھەر بىر كۈنۈمدىكى نىشانىمنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويمايمەن.ھەر بىر كۈنۈمدە ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەس ھاياتلىق نىشانىم ئۈچۈن ئىلگىرلەيمەن.
مىنىڭ ھەر بىر كۈن،ھەر بىر سائەت،ھەر بىر مىنوت ھەتتا ھەر بىر سىكونىت ۋاختىمنى نىشانسىز،پىلانسىز،قۇرۇق ئۆتكۈزىۋىتىشكە ھەققىم يوق.بۇ مىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ نىسىۋەم، بۇ ماڭا بىرىلگەن ئامانەت.مەن بۇ ئامانەتكە خيانەت قىلالمايمەن،ئامانەتكە خىيانەت قىلىش جىنايەتتۇر.
تۈنۈگۈنكى جاراھەتلىرىمگە توغرا قارايمەن.سەۋەنلىكلىرىم،كۆز ياشلىرىم،نادانلىق ۋە مەغلۇبىيەتلىرىم بىلەن تولغان تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ كىتىمەن،مىنىڭ جاپا مۇشاقەت ئازاپ،ئوقىبەتلىرىم بىلەن تولغان تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ كىتىمەن.
تەھتىد،خرىس،توسالغۇلار بىلەن تولغان ئەتىنى بۈگۈن ئويلىمايمەن.مەن ئۆلىمەن لىكىن ئۆلىمىم ئۈچۈن بۈگۈن قايغۇرىشىم ھاجەتسىز،ئاتا-ئانام،خيالىمدىكى پەرىشتەم ۋە بارلىق يىقىنلىرىم ئۆلۈپ كىتىدۇ،لىكىن كىيىنكى قايغۇ ئۈچۈن بۈگۈن ئازاپلانمايمەن،شىرىن قۇرۇق خيال،ئارزۇ ھەۋەسلەرگە بەنىت بولوپ بۈگۈنكى بۇ قىممەتلىك ۋاختىمغا خيانەت قىلمايمەن.مەن پەقەت ۋە پەقەت بۈگۈنۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
بۈگۈننى چىڭ تۇتىمەن .بۈگۈننىڭ ھەر بىر مىنوت سىكونىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، پۈتۈن مىھرىم بىلەن سىيلايمەن،ھەر بىر كۈنۈمنىڭ شاھىدى بولغان بۇ ھەر بىر كۈننى ،ھەر بىر قۇرنى ئەڭ مەزمۇنلۇق،ئەڭ قىممەتلىك جاۋاھىراتلار بىلەن تولدۇرىمەن.‹‹ پەقەت قەلبى مۇكەممەل بولمىغان ئادەملەرلا كالىنداردىن ئەتىنى ئىزدەيدۇ››‹‹پەقەت ئاجىز يار يۈلەكسىز ئادەملەرلا خىيالى دۇنيادىكى ئەتە ئىچىگە غەرق بولوپ يۈرىيدۇ››. مەن ھىچقايسىسى ئەمەس،مەن دىگەن مەن،مەن دىگەن كۆرەش،مەن دىگەن ئابدۇكۆرەش،مەن بۇ ئىسمىمنىڭ ئىڭىمدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۇرۇپ قويمايمەن.ئۆزۈمنى يوقوتۇپ قويمايمەن.مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان بۇ بىر كۈننى.قولومدا ھەقىقىي بار ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمنى ئىسراپ قىلىۋەتمەيمەن .قولومدا تىخى مەۋجۇت بولمىغان مەۋھۇم نەرسىلەرنىڭ كەينىدىن پايپىتەك بولوپ ئەڭ قىممەتلىك بۈگۈنىمنى ئىسراپ قىلىۋەتمەيمەن.قەلبىمنى كۈندىلىك ئۇششاق چۈشەك ئىشلىرىمنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايمەن.
بۈگۈننى مەھكەم تۇتىمەن،بۈگۈننىڭ ھەر مىنوت ھەر سىكونىتىدىن تولوق پايدىلنىمەن.پۈتۈن زىھنىمنى،تالانتىمنى،بارلىق ئەقىل پاراسىتىىمنى،ۋە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمنى مەكەزلەشتۈرۈپ بۈگۈن ئۈچۈن كۆرەش قىلىمەن.بۈگۈن ئۈچۈن غەيرەت قىلىمەن،بۈگۈن ئۈچۈن چەكسىز تەنتەنە قىلىمەن...
خوشامەتچى،قۇرۇق گەپ ساتىدىغان،نىشانسىز،پىلانسىز،بىچارە بايقۇشلاردىن يىراق تۇرىمەن.ئارزۇ ئارمانلىرىنى قەغەز يۈزىگە يىزىۋىلىپ،ساختا،يالغان ۋەدىلەرنى ئىغىزىدىن شالۇك ئىقىتىپ،تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ سۆزلەيدىغان لىكىن ئەمەلىيەتتە ھىچ بىر ئەمەلىي قەدەم ئالمايدىغان بىچارىلەردىن يىراق تۇرىمەن.ھەر مىنوت سەگەك،تىنىچ،ۋە بىمالال كەيپىياتىمنى،كەڭ قورساق،ئوچوق يوروق ھالىتىمنى،سەزگۈر،ئۆتكۈر،يىڭى تەپەككۇرۇمنى ساقلايمەن.
ھەر قىتىم ئاجايىپ قىزغىنلىق،كۆتۈرەڭگۈ روھ،تولوپ تاشقان قىزغىنلىقىم بىلەن يولغا چىقىمەن،ئوڭىشسىزلىق،قىيچىلىق ئالدىدا توخو يۈرەكلىك قىلمايمەن،رىقابەت ئالدىدا چىشىمنى چىشلەپ بولومسىزلار ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمەيمەن.ھاياتلىق نىشانىمنى ھەر ۋاقىت ئىسىمدە ساقلايمەن.بىلىمەن بىلىمسىز،نادان ،ئەقىلسىز ئادەملەرلا نىشانسىز ماڭىدۇ.نىشانسىز ھەركەت قىلىدۇ.ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيلا ھەركەت قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ نەگە بىرىشىنى ئۇقمايلا يول ماڭىدۇ.خۇددى بىر توپ چۈمىلىلەرنى بىر بوتولكا ئەتراپىغا دۈگىلەك ھالەتتە تىزىپ قويسا توختىماي يول يۈرگەنگە ئوخشاش.يول يۈرىدۇ،ھەركەت قىلىدۇ ئەمما ئۈنۈمسىز ھەركەت قىلىدۇ،ئۇنىڭ ھەركىتى ئۇنى ھىچ نەرسىگە ئىرىشتۈرەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن نىشانىمنى ئىنىق كۆرۈپ تۇرۇپ ھەركەت قىلىمەن.ھاياتلىق خەرىتەمنى ھەر ۋاقىت ئىڭىمدىن ،كۆز ئالدىمدىن نىرى قىلمايمەن .
شۇنداق بىر نەرسە ئىسىمدە تۇرۇش كىرەككى،كۆپىنچە ھاللاردا ئادەم ئۆزى ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىگە ئەڭ تەستە ئىرىشىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن چوقوم يىتەرلىك،تولوق ئەجىر سىڭدۈرىشىم كىرەك.ئاز ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ياكى ۋايىغا يەتكۈدەك ئەجىر سىڭدۈرۈلمىگەن ھەركەتلەر ھىچ بىر ئۈنۈم بەرمەيدۇ،بۇنىڭ نىشانسىز،پىلانسىز ھەركەت قىلغاندىن ھىچ بىر پەرقى يوق.شۇڭا چىدامچانلىق بىلەن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىمەن،ئازغىنە نەتىجە ئۈچۈن قانائەت قىلىپ بولدى قىلمايمەن،چوقوم تولوق ئەجىر سىڭدۈرىمەن.ئىشنى يىرىم يولدا توختىتىپ قويمايمەن.بۇ خۇددى ئىغىر بىر دۈگىلەك جىسىمنى بىر داۋاندىن يۇقىرغا كۆتۈرۈپ چىققانغا ئوخشاش.مەن چوقوم بۇنى كۆتۈرگەن پىتى شۇ داۋاننىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئىلىپ چىقىپ بولغاندىلا قويىشىم كىرەك،ئەگەر بوشاڭلىق قىلىپ بەرداشلىق،بىرەلمەي ئۇنى قويوپ ئازراق تۇرىۋالماقچى بولىدىكەنمەن،بۇ دومىلاپ پەسكە چۈشۈپ كىتىدۇ،مەن ئۇنى يەنە نۆلىدىن باشلايمەن،ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىگە بىر قەدەم قالغاندا قويساممۇ ئوخشاش يەنە ئۇنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ،مىنىڭ بارلىق تارتقان جاپالىرىمنى يوققا چىقىرىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن چوقوم تولوق ئەجىر سىڭدۈرىمەن.
ھەر قانچە مۇكەممەل خەرىتىمۇ ئادەمنى بىر قەدەم ئالدىغا يۆتكىيەلمەيدۇ.مۇۋەپپەقيەتنىڭ بىردىنبىر ھىكمەتلىك سۆزى ھەركەتنى ھازىرلا باشلاش.ئاجىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك كىسەللىكى ئاخىرغا سۆرۈش ئادىتىنى قەتئى يۇقتۇرىۋالماسلىق كىرەك.ئۆزىگە ھەر قانداق باھانە سەۋەپ قالدۇرماستىن،بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماستىن ھەركەتنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە باشلاش كىرەك،مەن چوقوم شۇنداق قىلىمەن.قەلبىمدىن،تۇرمۇشۇمدىن كەينىگە سۆرەشتن ئىبارەت بۇ ھالاكەتنى چوقوم سىقىپ چىقىرىمەن.ھەركەت بولمىسا كاللام قۇپقۇرۇق قاپاققا ئايلىنىپ قالىدۇ.ھەركەت بولمىسا مول بىلىمىم،ئەقىل پاراسىتىم ھىچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.ھەركەت بولمىسا ھەر قانچە زور ھەيۋىتىممۇ ئۆلۈك سۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ.مەن چوقوم ياپۇنلۇقلارنىڭ ‹‹ مەن ئادەم شۇڭا ھەركەت قىلىشىم كىرەك›› دەيدىغان قان- قېنغا سىڭىپ كەتكەن ئىددىيسىنى ئىسىمدە چىڭ ساقلايمەن.خىزمىتىمدە،تۇرمۇشۇمدا قەتئى سۆرەلمىلىك قىلمايمەن.
توختاش چىكىنىشنىڭ،سۈكۈت ئۆلۈمنىڭ بىشارىتىدۇر.مەن چوقوم كەينىگە سۆرۈش،توختاش،سۈكۈت دىگەنلەرنىڭ بويونتۇرقىدىن قۇتۇلۇپ ھەركەتنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ۋايىغا كەتكۈزۈپ تولوقى بىلەن ئوروندايمەن،ھەر بىر ھەركىتىمنىڭ تولوق ئۈنىمىنى كۆرمىگىچە،نىشانىمغا يەتمىگۈچە قەتئى بولدى قىلمايمەن.
ئەڭ ئالدى بىلەن نىشان،ئاندىن پىلان،ئاندىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ھەركەتنى باشلاش كىرەك.
ئىشنى نىشانلىق،پىلانلىق،تەرتىپلىك قىلىشقا ئادەتلىنىشىم كىرەك.
ئۆز كەيپىياتىمنى يۈگەنسىز ئاتقا ئوخشاش قويىۋەتمەستىن،ئۆزىمنى تۇتىۋىلىپ ھەر بىر ھەركىتىم ۋە ھەر بىر ئىغىز سۆزۈمدە سالماق بولىشىم،ئۈنۈمنى،نىشانىمنى ئۆلچەم ۋە قىبلىنامە قىلىشىم كىرەك.روھى چۈشكۈن،جانسىز ئۆلۈكتەك كەيپىياتقا چۈشۈپ قالماسلىقىم كىرەك.قەددىمنى تىك كۆتۈرۈپ نىشانىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن،ئۆز نىشانىمغا قاراپ كىتىۋاتقاندەك،چىرايىمدا ئىللىق تەبەسسۇم،ئىغىزىمدا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قولومنى يىنىك سىلىپ،كىچىك تىز،رىتىملىق قەدەملىرىم بىلەن ئالدىمغا قاراپ ماڭىمەن.شۇ بىر نەرسە ئايانكى بىر ئادەمنىڭ يول يۈرگەندىكى قىياپىتى،ئۇنىڭ روھى ھالىتى،قەدىمىنىڭ رىتىمى شۇ ئادەمنىڭ قەلىب ئەينىگىنىڭ ئىپادىسىدۇر.ئادەم خۇشال ۋاقىتلىرىدا روھلوق،قەدىمى تىز،جانلىق بولىدۇ.قايغۇغا چۈمگەندە بولسا روھسىز،جانسىز،قاپىقى تۈرۈك بولىدۇ.قايناق بازاردا كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ ئادەملەرگە سىنچىلاپ سەپە سالساق گوياكى ئۇلارنىڭ قەلىپ ئەينىگىنى كۆرەلەيمىز. ئەمما مەن مەيلى خۇشال بولاي ياكى قايغۇغا چۈمەي كەيپىياتىمنى چوقوم تۇراقلىق ساقلايمەن.يەنى چىرايىمدا ئىللىق تەبەسسۇم،ئىغىزىمدا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قولومنى يىنىك سىلىپ،كىچىك تىز،رىتىملىق قەدەملىرىم بىلەن ئالدىمغا قاراپ ماڭىمەن.
ھەر بىر قەدىمىم ۋە ھەر بىر ئىغىز سۆزۈمدە چوقوم جانلىق ۋە كەسكىن مىجەز خاراكتىرىمنى نامايەن قىلىمەن.مەزمۇنلۇق،مىغىزلىق سۆزلىرىم،چەبدەس قەدەملىرىم بىلەن ئۆزۈمنى ئىپادىلەيمەن،مىنىڭ كۆزۈم ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ نىشانىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.مىنىڭ ھەر بىر تەپەككۇرۇم ئۆز نىشانىم ئۈستىدە بولىدۇ،ھەر بىر ئالغان قەدىمىم ئۆز نىشانىم تەرەپكە يىقىنلاپ بارىدۇ .
نىشانسىز ئادەمنىڭ ئۆلۈكتىن،لايدىن قاتۇرۇپ قويغان بۇتتىن بىرلا پەرقى ئۇ قىمىرلىيالايدۇ،ئۇندىن باشقا ھىچ قانداق پەقى يوق...
نىشان مەيلى ئۇ يوللوق ياكى يولسىز بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىزنى شۇنىڭغا ھەركەت قىلدۇرىدۇ ھەم بىزمۇ شۇنىڭغا ئىرىشىمىز.خۇددى كونىلار تىلىسەڭ تاپارسەن دىگەندەك.ئىسلام دىنىدا بولسا ھەر بىر ئادەم ئۆزى تىلىگەنگە ئىرىشىدۇ دىگەندەك.يەنە شۇنداق بىر ئۇلۇغ سۆز بار ‹‹ تەڭرى مۇرادىغا يەتمىگەن بەندىلىرىنى بۇ دۇنيادىن ئالدىراپ ئىلىپ كەتمەيدۇ›› .
ئەگەر بىر ئۇلۇغ نىيتى بار بىر ئادەم بولسا ئۇمۇ مەخسىتىگە يىتىدۇ.يىتەلمىگەندىمۇ ئاللا شۇ ئۇلۇغ نىيتىگە يەتكەننىڭ ساۋابىنى بىرىدۇ.ئەڭ رەزىل نىيەتلىك بىر ئادەممۇ ئۆزىنىڭ مەخسىتىگە ھەم يىتىدۇ. ھەم ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تىگىشلىك جاجىسىنى يەيدۇ.بۇنى ھۆرمەتلىك ئۇستازىم زۇلپىقارنىڭ ‹‹ھەر قانداق بىر بىيتى قارا ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا قارا تەقدىرى بولىدۇ ››‹‹ ئەگەر سەن ئۆتمۈشكە تاپانچىدا ئوق ئاتساڭ كەلگۈسى سىنى زەمبىرەك بىلەن ئاتىدۇ››دىگەن سۆزى بىلەن ئىپادىلەش مومكىن.ئادەم مەيلى ساق نورمال ھالەتتە ياكى بىھۇش ئىغىر مەسىت ھالەتتە بولسۇن ئۆزىنىڭ شۇ نىيتىنى ئۇنتىيالمايدۇ.بۇ ھەم مىنىڭ بىشىمدىن ئەمەلىي ئۆتكەن.
‹‹ 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6- كۈنى شەنبە كەچ،خوتەن ۋىلايەتلىك رادىيو تىلىۋىزىيە مەكتىپىنىڭ كەينى تەرەپتىن ئىجارە ئالغان ياتاقتا،بىر نەچچە تەڭتۈش ھەم يىقىن يوروقلار بىلەن ئولتۇرۇش باشلاندى.ھەر خىل ئىچىملىك،چوڭ،كىچىك چىكىملىك...ھەممسى بار ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە،شۇ يىشىمغىچە قولومغا يىقىن يوللىمىغان نەرسىلەر خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ھەر خىل ئىھتىياج ھەر خىل سەۋەپلەر،ھەر خىل موھىت،ئەڭ موھىمى ئىرادىسىزلىكىم بوشاقلىقىم بىلەن ئارلاپ قولومغا چىقىشقا باشلىدى.مانا بۈگۈنمۇ ھەر خل ئىچىملىك،ھەر خىل چوڭ كىچىك چىكىملىك،ئىچىملىك ھەممىسى قولومغا چىقتى...بەزىلىرى تۇنجى بولغاچقا ماڭا خىلى كۈچىنى كۆرسەتتى...
باشقىچە بىر دۇنياغا كەلدىم،ھەممە جاي ئاپپئاق،خۇددى قار پۈتۈن جاھاننى ئۆز قوينىغا ئالغاندەك،لىكىن قاردىن ئەسەرمۇ يوق.ئەتراپ تاقىر ئاپقاق دالا.بۇ قايسى دۇنيا،بۇ قەيەر دەۋاتىمەن،قانداقتۇر بىر ئاۋاز سۇئالىمنى قايتۇرۇپ،سەن كىم،سەن قەيەردە دەۋاتىدۇ.مەن ئابدۇكۆرەش،مەن...راستىمنى دىسەم زۇۋانىم تۇتۇلدى،ئابدۇكۆرەش دىگەن ئىسىمنى ئىغىزىمغا ئالغىنىمدىن نۇمۇس قىلدىم.ئاخىرىدا مەن بىر توپ كور بەڭگى ۋە ئاچچىق ئىس تۈتەكلەر ئىچىدە دىيەلمىدىم،بۇنى دىيەلمەسلىك بىلەن تەڭ ئۆزىىمدىن نۇمۇس ھىس قىلدىم.ۋۇجۇدۇمنى يىغا قاپلىدى،مەن كىم؟مىنىڭ نىشانىم زادى نىمە؟... ھەممىسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولوشقا باشلىدى.ھەر بىر نىشانىمنى تىخىمۇ ئىنىق كۆردۈم،ئۆزۈمنىڭ ھالىغا قاراپ سىنىڭ كۈتكىنىڭ ھەم سىنىڭ ھالىڭ مۇشۇمۇ دىگەنىنى ئويلاپ بولغۇچە يىغا كۆزۈمدىن ھەم كانىيىمدىن ئالدى.سىرتقا يۈگۈردۈم،كۈزۈمدىن چىقمايۋاتقان ياشلىرىم ۋە گىلىمدىن چىقمايۋاتقان قۇسۇقلار جىنىمنى ئالدى شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كىتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم،ئىنتايىن بەك قىينالدىم.ھەم ھەر بىر نىشانلىرىم كۆز ئالدىمدا بىر بىرلەپ زاھىر بولوشقا باشلىدى...
توغرا مەن ئىچىدىكىلەر قىلغاننى قىلدىم،ئەمما ئۇلار پەرۋاسىز،مەن بولسام مۇشۇ ھالەتتە ھالىمغا قاراپ ئىچىنىۋاتىمەن ھەم ئۆز نىشانىلىرىمنى تىخىمۇ ئىنىق كۆرىۋاتىمەن.قەددىمنى رۇسلىدىم،ئۆزۈمنى تىخىمۇ كۈچلەنگەندەك ھىس قىلدىم.قۇلاق تۈۋىمدە بىر ئاۋاز،مانا بۇ ھاياتلىق.ھاياتلىقتا توغرا قىلىشمۇ خاتا قىلىشمۇ بار،سەن قايسىسىنى قىلىمەن دىسەڭ شۇنى قىلالايسەن،ھەر قايسىنى تاللاشقا تامامەن ھوقوقلوقسەن،ئۇنداقتا نىمە دەپ خاتاسىنى قىلغۇدەكسەن،سەن بۈگۈن خاتا قىلدىڭ،ھىچقىسى يوق داۋاملاشتۇر،ئۆز قەدىمىڭنى داۋاملاشتۇر دەۋاتقۇدەك...رەھمەت دەۋەتتىم،ئەمما كىمگە دىگىنىمنى ئۇخمايمەن.ئابدۇكۈرەش،ئابدۇكۈرەش مەن دىگەن ئابدۇكۆرەش ....
ئىبادەت قىلىۋىتىپتىمەن،شۈنچىلىك خاتىرجەم،پۈتۈن ئىخلاسىم، خاتىرجەملىك بىلەن ئىبادەت قىلىۋىتىپتىمەن،ھىچ قاچان بۈگۈنكىدەك ئىبادەت قىلالىغىنىمنى ئەسلىيەلمىدىم.بىر چاغدا ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم،كۆزۈمدىن بىر تامچە يىشىمنى،گىلىمغا تۈرۈپ قالغان قانداقتۇر بىر نەرسىنى يا يۇتالماي يا چىقىرىۋىتەلمەي تۇرغىدەكمەن.چىرايىمدا بىر خىل تەمكىلىك ھەم ئۆزۈمنى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمدا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان تەبەسسۇم بار ئىدى.ئىغىزىمدىن فۇنتاندىن ژۈندە ئىتىلىپ چىقىۋاتقاندەك قۇسۇق كۈچلۈك ئىتىلىپ چىقىشقا باشلىدى...
روھىم كۆتىرەڭگۈ،كۆڭلۈم خاتىرجەم.ئۆزۈمنى چاقىردىدىم،ئابدۇكۆرەش ياخشىمۇ سەم؟ ئىللىق بىر تەبەسسۇم بىلەن‹‹ مەن دىگەن ئابدۇكۆرەش›› دەپ جاۋاپ بەردىم.سوغوقتىن خىلى توڭغانلىقىمنى ھىس قىلدىم دە ياتاق ئىسىمگە كەلدى.قەددىمنى رۇسلىدىم،نىشانلىرىمنى ئويلىدىم،چىرايىمدا تەبەسسۇم ،چەبدەس قەدەملىرىم بىلەن ياتاققا ماڭدىم،ئەمما قەدەملىرىم ئازراق بىنورمال ئىدى...
ئاچچىق كۆكىش تۈتۈنلەر ھەم سىسىق پۇراققا تولوپ كەتكەن ياتاققا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ قايتىپ كىردىم...ھەممەيلەن مىنىڭ ھالىمغا قاراپ تۇرۇپ قىلىشتى،قارىغاندا ئارىدىن بىر نەچچەيلەن بۈگۈنكى سوروندا كەيىپ قىلماي تاماشا كۆرىۋاتقاندەك قىلاتتى.ھەي سىلى ھىچنىمە بولمىدىڭلىما؟بىخارامان نورمال تۇرىۋاتىسىلىغۇ؟شۇ چاغدا سوروندىكى بىر نەچچەيلەننىڭ مىنىڭ ئويونىمنى كۆرۈش ئۈچۈن ماڭا ئىچىملىك ھەم چىكىملىكتىن قەستەن ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى پەمىلىدىم.ئۈزۈمنى گوياكى يىپيىڭى ساپساق قىياپەتتە ھىس قىلدىم،ياق مەن ھىچنىمە بولمىدىم،مەن ياخشىغۇ دەپ جاۋاپ بەردىم،ھەممەيلەن ھەيران بولىۋاتقاندەك ئىدى،كىچە سائەت 3:45 بوپتۇ...
سورون شۇ يەردە ئاخىرلاشتى.مەن ھاياتلىقتا توغرا قىلىشمۇ بار خاتا قىلىشمۇ بار،ئەمما نىمىشقا خاتا قىلىشنى تاللىغۇدەكمەن دەپ تەكرارلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن...
ئەتىگىنى سائەت 7:30 دە مەن دەرىسكە قاراپ ماڭدىم،ئەمما باشقىلار قاپاقلىرىنى كۆتۈرگىدەكمۇ ھالى يوق،قالايمىقان سوزولوپ يىتىپ قالدى››.
شۇ كۈندىن كىيىن ئۆزۈمنى يەنە يىڭىدىن تىپىۋالغاندەك بولدۇم...
ئازغىنە مال دۇنيارىغا ئىشىنىپ ئۆز خۇدىنى يوقوتۇپ قويىۋاتقانلار.كىچىككىنە ھوقوقىنىڭ تەمەنناسى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقانلار.تاماق قاچىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىۋىتىشتىن يانمايدىغان بىر توپ ...
تىنىم تاپماي تىرىشىۋاتقان ،كۆرەش قىلىۋاتقان،زور شان شەرەپ قۇچىۋاتقانلار،ئىشقىلىپ ھەممىسى مەلۇم بىر خىل ئىستەك ۋە نىشاننىڭ تۈرتكىسى بىلەن بولىدىكەن،ئادەم قانداق بولسا نىشانى،ئىنتىلىشى شۇنداق بولىدىكەن...ئىشقىلىپ ھەممىسى يوللوق يولسىز بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆز مەخسەتلىرىگە يىتىدىكەن.ھەممە ئۈزىگە يارىشا جاۋاپقا ئىرىشىدىكەن،ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدىكەن،ئۆتۈپ كەتكەننىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىزناسى قالىدىكەن،مانا بۇ مۇشۇنداق جاھان ئىكەن.
يىغىپ ئىيتقاندا ئادەمنىڭ نىشانى ئۇنىڭ،ئۆمرىنىڭ،ۋاختىنىڭ قىممىتىڭ تۈۋرىگى نىشان ئىكەن .نىشان گوياكى ھاياتلىقنىڭ يۈرىكى،پىلان يۈرەكنىڭ تومورى،ھەركەت ئۇنىڭ قىنىدۇر دەپ چۈشەندىم...
بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى يەنى 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چارشەنبە، خاتىرەمگە يازغان مۇنۇ سۆزۈم بىلەن ئۇشبۇ يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن‹‹ھاياتىمنىڭ ماڭا تەتۈر قارايدىغانلىقىنى ياكى ماڭا ئوڭ قارىمايدىغانلىقىنى بىلگەن ھالەتتىمۇ مەن ھاياتىمغان ئوڭ قارايمەن،چۈنكى بۇ مىنىڭ ئىنسانىي موقەددەس مەجبۇرىيتىم››
تۈگىدى...
بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىم.ئىددىيە ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە خاتالىقلار بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىشنى سورايمەن.
ئامان بولغايسىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-9 03:31
|
|