ئۆتسىمۇ يىللار دولقۇنلۇق سۇ كەبى ئۆتسىمۇ يىللار، كىتەلمەس روھىمنى ھەرگىز ئېقىتىپ. سانچىيدۇ بېشىمغا ئاق ساچ پەقەتلا ، غەيرىتىم سۇنمايدۇكەتمەس يىقىتىپ.
ئۈمۈدۈم ئۈزۈلمەس قوغلاپ يىتىمەن، قارىما ئەپتىمگە يىللار ئېچىنىپ. ئوغۇرلا ئۆمۈرنى مەيلى ئادىتىڭ، شۇندىمۇ يۈرۈگۈم تۇرار ئېنتىلىپ.
قاقاقلاپ كۈلسەڭمۇتۇتۇپ مەيدەڭنى، ئىقبالغا يول سالدۇق ئوقتەك ئېتىلىپ. ئۆتسەڭمۇ قوغلۇشۇپ دەۋىر ئالمىشار، ئەپكەلگەن سىرلىرىڭ كىتەر ئېچىلىپ .
ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسمەن يىللار ئۆتتى دەپ، ئەجىرىمدىن تۇرۇدۇ نۇرلارچىچىلىپ. ئەپ قالساڭ ۋاقىتسىز مىنى بۇ سەپتىن، بىلىپ قال ئەۋلادلاركەتتى يىتىلىپ.
مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-29 17:48
|