- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-1
- تىزىملاش
- 2010-4-25
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 177سائەت
- جۇغلانما
- 640
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 217
- تېما
- 23
- توردا
- 177سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 8
- يازما
- 217
- تېما
- 23
|
<<جەسەت >> دىگەن بۇ سۆزنى تىلغا ئىلىش تۈگۈل كۆرسەممۇ تەنلىرىم تىترەيدۇ، ھىلىمۇ ئىسىمدە تىببىي مەكتەكپتىكى چىغىمدا ئوقۇتقۇچىمىز <<جەسەت نىمە ئۈچۈن ھەيۋەتلىك>> دىگەن تىمىدا مەخسۇس مۇلاھىزە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھىچكىمدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ چىقمىغانىدى ھەم بىزمۇ شۇ مەزمۇننى چۇشىنەلمەيلا ئۆتۇپ كەتكەنتۇق!
بۈگۈن مىنىڭ ئىدارىگە ئىستاستىكا يوللايدىغان كۈنۈم، ھورۇنلۇقتىن بولدىمۇ ئىيتاۋۇر، چىقىشتا پەلەمپەي بىلەن چىقىپ، چۇشىدىغان چاغدا لىفىت بىلەن چۇشمەكچى بولدۇم، قولۇمدىكى جەدۋەلنىڭ بىر نۇسخىسىغا قاراپ مىڭىپ، 1 دىگەن كونۇپكىنى باسقاندەك قىپتىمەن، لىفىت توختىغاندا بىشىمنىمۇ كۆتۇرمەستن قولۇمدىكى جەدۋەلگە قارىغىنىمچە لىفىتتىن چۇشتۇم، چۇشتۇميۇ، قورقۇپ چىقىراپ ھوشۇمدىن كەتكىلى قىل قالدىم، مىنىڭ چۇشىۋالغىنىم يەر ئاستى 1-قەۋەت ئىدى، بۇ يەردە ئادەتتە بىزنىڭ ئىدارە بىلەن دوختۇرخانا بىر بىنادا بولغاچقا دوختۇرخانىنىڭ بىر قىسىم نەرسىلىرىنى قويىدىغان ئىسكىلات ئىدى، بۇ ئىسكىلات قاپقاراڭغۇ، زەي، ئىشقىلىپ كىرىشكىلا بىر خىل مۇدھىش پۇراپ تۇراتتى، قايسىبىردىن بۇ يەردە جەسەت ساقلىغىنىنىمۇ ئاڭلىغانتىم، مەن كۆزۇمنى يۇمغىنىمچە تىترەپ ئاستا كەينىمگە يىنىپ دەرھال لىفىتكە چىقىۋالدىم، ئۇستىگە چىقىپ بىردەم دىمىمنى ئىلىۋىلىپ، دادامنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىكى بىر تۇققىنىمىزنىڭ كىسىلىنى كۆرۇش ئۈچۈن ماڭدىم، لىكىن پۇت قولۇمدا پەقەت جان قالمىدى، كاللامدا شۇ يەردە جەسەت بار دىگەن بىر ئاڭ شەكىللىنىۋالغانتى، ئۆزۇم دوختۇر تۇرۇپ نىمىشقا جەسەتتىن بۇنچىۋالا تىنىم شۇركىنىغاندۇ؟ بۇ بەلكىم مەندىكى ئىدىيە ئاجىزلىقى بولسا كىرەك!!
گادىرماچ خىياللار بىلەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا كىلىپ قالغىنىمنىمۇ تۇيماپتىمەن، ئۆزۇمنى رۇسلىۋالغاندىن كىيىن ئاستا ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدىم، خۇددى كەينىمدىن بىرنىڭ روھى ئەگىشىپ كىلىۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى، تىز تىز چامداپ ئالدىمدا كىتىۋاتقان بىر ئايالغا يىتىشىۋىلىپ لىفىتقا تەڭلا چىقتۇق، ئۇ ئايال كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراپ قوياتتى، تىخىمۇ تىترەشكە باشلىدىم، كاللام ئايلىنىپلا كەتكەنتى، بىر چاغدا ياتاقدىشىم <<قىزىل ئۆتۇك>> نىڭ ھىكايسىنى ئوقۇپ مىنى قوۇقۇتۇپ ئايلاندۇرۋەتكەنتى، شۇنىڭدىكى روھ ھىلىقى بالىنىڭ گىلىنى بوغقاندەك، يىنىمدىكى مۇنۇ ئايالمۇ مىنى شۇنداق قىلىدىغاندەك تەشۋىشلىنشكە باشلىدىم، بىر مىنۇتتا چىقىپ بولىدىغان قەۋەتكە ئەجەب بىر سائەتتەكلا بىلىنۋاتاتتى، كۆزۇم بەش دىگەن رەقەمنى كۆرۇشى بىلەنلا خۇددى گەجگەمدىن بىرى ئىتتىرگەندەكلا ئۆزۇمنى سىرتقا ئاتتىم، ئۇھھھھھھھھھھھ، خۇداغا شۇكرى!! چىكەمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتكەنتى، تۇققىنىمىزنىڭ قىشىدا ئۇزۇن تۇرمايلا چىقىپ كەتتىم!
يەنە شۇ خىل سىزىم، مەن زادى نىمە بولغاندىمەن، توۋا، جەسەتنىڭ خىيالىنى قىىلىپلا كاللام نىمە بوپ كەتكەندۇ ئەمدى؟ ئۆزۇمنى بىردەم توختىۋالدىم، توغرا!، مەن پەقەت شۇ خىيالنى قىلمىساملا بۇ خىل سىزىمدىن قۇتۇلىمەنغۇ! ئۆزۇمنى زورلاپ خۇشال تۇتۇپ، چىرايىمغا كۇلكە يۇگۇرتۇپ ماڭدىم، يەنە شۇ لىفىت ئارقىلىق چۇشتۇم، بۇ قىتىم ئۆزۇم يالغۇز، لىفىت ئىچىدە ئەينەككە قاراپ چاچلىرىمنى تۇزەپمۇ ئۈلگۇردۈم، كۆڭلۇمدىكى غەشلىكمۇ يوقىغاندەك بولدى، مانا بىرىنچى قەۋەتكىمۇ چۇشۇپ بولدۇم، <<بىسمىللا >> دەپ پۇتۇمنى ئىلىپ، يۇمۇلغان كۆزۇمنى ئاچتىم، قولۇمدىكى سومكا يەرگە چۇشۇپ كەتتى، مانا.................. كۆز ئالدىمدا كارىۋاتتا بىر ئايالنىڭ جەسىتى................... ئىڭىكى چىتىلغان، لىكىن يۇزىگە بىر نىمە يىپىلمىغانتى، كۆزلىرى يىرىم ئوچۇق بولۇپ، خۇددى<<ئەمدى جەسەت كۆرگەنسەن؟>> دىگەندەك قىيسىيىپ يىرىم ئىچىق ھالەتتە ئىدى.................
ئەمدى روھىم راسلا چىقىپ كەتتى، چۇشۇممىدۇ دەپ قولۇمنى چىشلەپ باقتىم، قولۇم ئاغرىدى، راستىكەن، مىڭىشقا مادارىم يوق، پۇتۇمنىمۇ يۆتكىيەلمىدىىم.............. ئۇ ماڭا قولىنى تەڭلەۋاتقاندەك كۆرىنەتتى...!
شۇ ئارلىقتا نىمە ئىش بولغىنى ئىسىمدىمۇ يوق، ئاكامنىڭ قولۇمنى تارتىشى بىلەن ئىسىمنى يىغىدىم ---------: بۇ يەردە نىمە قاراپ تۇرىسەن؟ بايىقى ئايالغا قاراۋاتقانمىدىڭ؟ يۇرەك كىسىل باركەنتۇق، قوزغىلىپ قىلىپ تىز قۇتقۇزۇشقا ئەكىرىپتىكەن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىدى، ئۆيىدىكىلىرى جەسەتنى يۆتكەشكە ماشىنا ئىزدەپ چىقىپ كەتكەنتى، سەن نىمە بۇ جەسەتنى بىقىپ تۇرىسەن؟
ھاڭۋىقىپ قاراپلا قالغانتىم،: ئاكا، جەسەت...، جەسەت....
ئاكام ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى دە، :ھەي تىببىي خادىمدەك تىك تۇرە، سىياقىڭ بايىقى جەسەتتىن ئۆتە ساغىرىپ كىتىپتۇ، ساڭا بىرە ئىش بولمىغاندۇ؟ ماڭە تاماق يەيمىز!
خىيالىمدا بۇگۇنكى ئىشلارنى بىر چۇش بوپ قالسىكەن دەپ ئويلايتىم، ئىشخانامغا يالغۇز كىرىشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قالدىم، تىرىق قىلغان ئاۋازمۇ مىنى چۆچۆتۇپ نىرۋامنى كاردىن چىقارغانتى!!!
جەسەت زادى نىمە ئۈچۈن ھەيۋەتلىك؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-29 15:31
|
|