- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-31
- تىزىملاش
- 2010-4-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 261سائەت
- جۇغلانما
- 1682
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 484
- تېما
- 108
- توردا
- 261سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 5
- يازما
- 484
- تېما
- 108
|
نېمىشقا تۇيۇقسىزلا ئۆسۈم قوشۇش قەدىمى بېسىلدى
—خەلق پۇلىنىڭ ئامانەت-قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەشتە كۆزدە تۇتۇلغان نۇقتا ۋە مۇلاھىزە توغرىسىدا

26-دېكابىر، نۇرغۇنلىغان شاڭخەي ئاھالىسى بانىكىغا بېرىپ، ئامانەت پۇل كەسپىنى بېجىردى. سۈرەتتە بىر قىسىم ئاھالە شاڭخەي شەھىرى ۋۇنىڭ يولى ياقىسىدىكى پوچتىخانا ئالدىدا ئامانەت پۇل كەسپىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن فېي فوتوسى)
خەلق گېزىتىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 25-چېسلا كەچتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، 26-چېسلادىن باشلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىر يىللىق قەرەلدىكى ئامانەت-قەرز پۇل ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.25 پىرسەنت پوئىنت ئۆستۈرىدۇ، باشقا دەرىجە تەرتىپى بويىچىمۇ ئامانەت-قەرز پۇلىنىڭ ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، دېگەنلەر كۆرسىتىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەڭشەش پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئىمكانقەدەر تېزرەك نورماللاشتۇرۇش ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مەركىزىي بانكىنىڭ بۇ يىل 20-ئۆكتەبىردىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشى، شۇنداقلا مەركەز پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى جاكارلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشى ھېسابلىنىدۇ. (تيەن لى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى
|
|