ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر تەكلىپ قىلاي باشلىقىم (ئۆگەنگۈچى)
كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 4
go

تەكلىپ قىلاي باشلىقىم (ئۆگەنگۈچى)

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
75 
تېما
24 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 17:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تەكلىپ قىلاي باشلىقىم

(ئۆگەنگۈچى)

ساڭا سورۇن راسلىدىم،داخىل بۇلۇپ كىلىپ كەت،

ياخشى كادىر دەپ قۇيۇپ،ھوزۇرنۇلۇپ كۈلۈپ كەت،

ئاچاي بىردەم كۆڭلىڭنى،خاپىلىقنى ئۇنتۇپ كەت،

رەڭلىك سورۇن قىلايلى،قۇشقاچلارنى تۇتۇپ كەت،

ئولتۇر بىر رەت مەن بىلەن تەكلىپ قىلاي باشلىقىم.

جاپا چىكىپ ئىشلەيسەن ،كىچە-كۈندۈز ئارام يوق،

پاك ئەمەلدار داڭقىڭ بار ،ھالال بارۇ ھارام يوق،

تاشلاپ كەلدىم ئۆيۈمنى،خىيالىمدا بالام يوق،

ھايىتلا دېسەڭ تەييار مەن،سورۇنۇمدا چالام يوق،

سىنچاي قۇياي قەن بىلەن،تەكلىپ قىلاي باشلىقىم.

خەلقىم دەپلا كۆيىسەن،سەن گۇياكى بۇلۇپ شام ،

قۇرۇق گەپكە قۇلاق يوق،تۇسۇپ تۇرار قېلىن تام،

تەربىيلىگە شاگىرىت كۆپ،ئۇلار ئەمەس ئەمدى خام،

ئېشىپ كەتتى سىنىڭدىن،تەييار ئېغىز يەيدۇ ھام،

دەرىس بىرىشكە تەييارسەن،تەكلىپ قىلاي باشلىقىم.

كۆپ ئاسرىغىن ئۆزەڭنى، ئەلگە كىرەك كادىرسەن،

تۇرسا ھۇقۇق قۇلۇڭدا،خېلى ئىشقا قادىر سەن،

چاپارمەنلەر ھەم نەپەس،ھۆرمىتىڭ بار سادىر سەن،

پۇتاقلىرىڭ بەكلا كۆپ،ئەمما لازىم بادىر سەن،

تۈلكىدەك ھەم ھەييارسەن،تەكلىپ قىلاي باشلىقىم.

پىكاپ مىنىپ يۈرۈيسەن،مەن خەلىقنىڭ چاكىرى دەپ،

ئىشرەتخانا ئالدىراش،ئىشتىن چۈشسەم باكىرى دەپ،

كۆز-كۆز قىلدىڭ سەنمۇ ھەم،مەنمۇ باشلىق قاتىرى دەپ،

ئويلاپ ئەلنى-ۋەتەننى،بۇلۇپ قالدىم تاقىرى دەپ،

خىزمەت قىلىپ ھارمايسەن،تەكلىپ قىلاي باشلىقىم.

ئۆگەنگۈم بار مىنىڭمۇ،سەندەك ياخشى ئىشلەشنى،

مەنمۇ مېڭىپ ئىزىڭدىن،قۇبۇل قىلىپ خىسلەتنى،

ئۆزەم كۈلۈپ تۇرساممۇ، ئۇنتالمايمەن كۈلپەتنى،

دائىم داستىخان سالايمەن،چاقىرىپ تۇر ئۈلپەتنى،

نەپ يوق يەرگە بارمايسەن،تەكلىپ قىلاي باشلىقىم.

تەكلىپ قىلىپ تاماققا،ئۇشبۇ نامە يوللۇدۇم،

خاتىرجەم بول باشلىقىم،ھەر چاغ سىنى قوللۇدۇم،

ماختاپ چاۋاك چېلىشقا،تەييار مىنىڭ قوللۇرۇم،

مەنمۇ ماڭدىم ئەگىشىپ،لېكىن غۇۋا يوللورۇم،

توسقان يولدىن يانمايسەن،تەكلىپ قىلاي باشلىقىم.

مەنبە.ئۆگەنگۈچى قەلىمى .ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ(رەھمەت)

2010-يىلى 12-ئاينىڭ28-كۈنى .كۈسەندە يېزىلدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oganguqi88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-29 11:13

توردا
365سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
631 
تېما
31 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 19:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىپسىز ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي. ئىككى ئۇقىسا ھاردۇقى چىقاتتى شۇلارنىڭ .ئۆزىنىڭ رۇلىنى بىلەتتى.

توردا
141سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
200 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 20:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز دوستۇم قەلەم تۇلپارىڭىزنىڭ توختىماي چىپىپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن دوستۇم

توردا
355سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1226 
تېما
26 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-28 23:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قالتىس كەپتۇ جۇمۇ...يېزىقچىلىق قابىلىيىتىڭىزگە ئاپرىن دوستۇم

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
661 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 14:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . شائىرمۇ سىز . باشلىقلارنى پەردە ئىچىدە تەسۋىرلىدىڭىزمۇ قانداق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-12 15:57

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.