
قەلبىمدە مۇڭلىنار شىرىن تۇيغۇلار،
مۇھەببىتىڭگە ئىنتىزار بۇلۇپ كۈتۈپ.
ئالامچە سۆيگۈڭنى كۈتۈپ يۈرۈيمەن،
بۇ ئاجىز قەلبىمدىن لىرىكا تۈزۈپ.

ھۇجۇدۇمدا قۇترايدۇ ئىشقى ئارمانلار،
پىنھان قەلبىم پىچىرلايدۇ توختىماي.
ئالدىڭغا بېرىشقا جۈئەت قىلمىدىم،
قىزلىق غورورۇم يول ماڭا قويماي.

شۇ سەۋەپ ھەممىسى ئاياندۇر ساڭا،
چۈشەنگىن-چۈشەن ئەقلىمنى لال قىلماي.
مىھرىڭ سىڭگەن قەلبىمگە مىنىڭ،
قارچۇغۇم قېتىغا قېتىلغىن قىينىماي.

بۇ كۆڭلۈم مەڭگۈگە ساڭا ئاتالدى،
سادىق ئىشقىمدىن قىلىپ ئىختىيار.
ئېچىلدۇرغىن سۆيگۈ گۈلىنى پورەكلىتىپ،
قەلبىم تولسۇن خۇشاللىققا يارى-يار.

ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-25 13:01
|