تۆگە بىلەن بوتىلاق
فۇ تيەنيۈ بوتىلاق: دادا، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ لوكىمىز بولىدۇ؟
تۆگە: چۈنكى، قۇملۇق دېگەندە سۇ بولمايدۇ، بىزنىڭ سۇ ساقلايدىغان لوكىمىز بولغاچقا، سەپەرگە چىققاندا سۇدىن قىينالمايمىز.
بوتىلاق: دادا، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ كىرپىكىمىز شۇنچە ئۇزۇن؟
تۆگە: قۇملۇقتا دائىم بوران چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇزۇن كىرپىكلىرىمىز كۆزىمىزگە قۇم كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بوتىلاق: دادا، بىزنىڭ تاپىنىمىز نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قېلىن؟
تۆگە: بىز دائىم قۇملۇقتا ماڭىمىز، تاپىنىمىز قېلىن بولغاچقىلا، بىپايان قۇملۇقتىمۇ مەزمۇت ماڭالايمىز.
بوتىلاق: دادا، ئەڭ ئاخىرقى بىر سوئال، ئۇنداق بولسا، بىز بۇ ھايۋانات باغچىسىدا نېمە ئىش قىلىمىز؟
تۆگە: …
چىرايلىق يالغان گەپلەر تور پونكىتلىرى: تورىمىزغا چىقسىڭىز ھەق ئالمايمىز.
تېلېگراف ئىدارىلىرى: بىز زىيان تارتىپ كېلىۋاتىمىز.
خىيانەتچى ئەمەلدارلار: بىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.
پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەر: بىز ساختا مەلۇمات بەرمەيمىز.
خوجايىنلار: تۆھپىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرلىرى: دەل ۋاقتىدا يولغا چىقىمىز.
شىركەت خىزمەتچىلىرى: ئەتىدىن باشلاپ بۇ شىركەتتە ئىشلىمەيمەن.
سودىگەرلەر: ماللىرىمنى زىيىنىغا سېتىۋاتىمەن.
كىنو - تېلېۋىزىيە چولپانلىرى: بىز پەقەت دوست، باشقا مۇناسىۋىتىمىز يوق.
ساقچىلار: ھەرقانداق جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويمايمىز.
پارىخور ئەمەلدارلار: مەن بىر تىيىنمۇ ئالمىدىم.
رەھبەرلەر: تۆۋەندە ئاددىي قىلىپ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ ئۆتىمەن.
ئىشقىلىپ ھەممىسى «نەتىجە»
ياڭ خەندۇەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سانى كۆپەيسە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ؛
تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئازايسا، پاك، ئىنتىزامچان بولۇش تەربىيىسى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
پۇقرالار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ يېڭىپ چىققان دېلولارنىڭ سانى كۆپەيسە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ؛
پۇقرالار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ يېڭىپ چىققان دېلولارنىڭ سانى ئازايسا، ئورگان قۇرۇلۇشى خىزمىتى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
جەرىمانە ئېلىنىدىغان ئىشلارنىڭ سانى كۆپەيسە، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ؛
جەرىمانە ئېلىنىدىغان ئىشلارنىڭ سانى ئازايسا، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىش خىزمىتى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
ھال - ئەھۋال ئېيتىپ كېلىدىغان ئاممىنىڭ سانى كۆپەيسە، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش خىزمىتى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ؛
ھال - ئەھۋال ئېيتىپ كېلىدىغان ئاممىنىڭ سانى ئازايسا، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق خىزمىتى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
…
ئىشقىلىپ، ھەممىسى «نەتىجە»
ھاكىمنىڭ قىزىقىشى
جۇ ئېنگې ۋاڭ ھاكىم يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېزىغا چۈشۈپ دېھقانلار بىلەن «ئۈچتە بىرگە بولۇش» پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. كەنت مۇدىرى ئىت ئۆلتۈرۈپ، توخۇ بوغۇزلاپ، بېلىق تۇتۇپ، مول داستىخان بىلەن كۈتۈۋالدى. ۋاڭ ھاكىم ئاشخانىغا كىرىپ، شىرەدىكى نازۇنېمەتلەرنى كۆرۈپ قايناپلا كەتتى:
__ مۇدىر، نېمىدېگەن ئىسراپچىلىق بۇ، نېمە دەپ ئىت ئۆلتۈرىسىلەر؟ مەن ئەمەلىيەتتە ئىت گۆشىگە ئەمەس، بەلكى ئىتنىڭ جىگىرىگە ئامراق، ماڭا ئازراق ئىت جىگىرى تېپىپ بەرسەڭلەرلا بولاتتى ئەمەسمۇ؟ مەن توخۇ گۆشىنىمۇ ئانچە يەپ كەتمەيمەن، توخۇنىڭ تاشلىقىغا ئامراقلىقىم راست، ئازراق توخۇ تاشلىقى بولسىلا بولاتتى؛ تېخى بېلىق گۆشىمۇ تەييارلاپسلەر، مەن بېلىق گۆشىگە ئەمەس، بەلكى بېلىقنىڭ بېشىغا ئامراقتىم ئەمەسمۇ؟
يىغىنغا قاتنىشىش
ۋۇ جېلياڭ مەلۇم شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى، يىغىنغا تۇنجى كۈنى 30 ئادەم قاتناشتى، ئەتىسى 60 ئادەم قاتناشتى، ئۈچىنچى كۈنگە كەلگەندە، يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى بىراقلا 100 دىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن بىرەيلەن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىدىن: «قارىغاندا، يىغىنىڭلار بارغانسېرى ياخشى ئېچىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ سورىۋېدى، ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «نەدىكىنى، يىغىنىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىنى: تۇنجى كۈنى رەھبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش؛ ئەتىسى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش؛ ئۈچىنچى كۈنى ساياھەت، ئۇزىتىش زىياپىتى، خاتىرە بۇيۇم تارقىتىش، دەپ ئورۇنلاشتۇرغانىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى .
دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش
خۇاڭ جېن بىر كۈنى، يېزا باشلىقى بىرنەچچە كادىرنى دېھقانلارغا «دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش قوللانمىسى»نى تارقىتىپ بېرىشكە بۇيرۇپ، ئاخىرىدا مۇنداق جېكىلىدى:
__ قوللانمىنى تارقىتىپ بېرىدىغان چاغدا ئۇنىڭ تەننەرخ ھەققىنى يىغىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ھەربىر پارچىسىنىڭ تەننەرخ ھەققى ئون يۈەن.
خەۋەر تەھرىرلەش
لاۋجۇ يولداش:
ياخشىمۇسىز، مۇبارەك ئەسىرىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئورېگىنالىڭىز بەك زىچ بولغاچقا، ئايرىم قەغەزگە ئۆزگەرتىپ قويدۇق، مۇشۇ بويىچە ئۆزگەرتىپ گېزىتىمىزگە قايتا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز: «پۈتۈن ناھىيىدىكى دېھقانلارنىڭ 300 مىڭ يۈەن يۈكى يەڭگىللىتىلدى، بۇ 300 مىڭ دېھقانغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يۈەندىن توغرا كېلىدۇ» دېگەن جۈملە «پۈتۈن ناھىيىدىكى دېھقانلارنىڭ 300 مىڭ يۈەن يۈكى يەڭگىللىتىلدى، %100 دېھقان بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولدى» دەپ ئۆزگەرتىلسە؛ «پۈتۈن ناھىيىنىڭ سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئۆتكەن يىلدىكى بىر مىليون يۈەندىن ئىككى مىليون يۈەنگە ئاشتى» دېگەن جۈملە «پۈتۈن ناھىيىنىڭ سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن بىر قاتلاندى» دەپ ئۆزگەرتىلسە؛ «ناھىيە بويىچە 10مىڭ مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىلدى» دېگەن جۈملە «ناھىيە بويىچە 50 مىليون تۈپ كۆممىقوناق تېرىلدى» دەپ ئۆزگەرتىلسە؛ «دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى بۇلتۇرقى 100 يۈەندىن200 يۈەنگە كۆپەيدى» دېگەن جۈملە «دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى بۇلتۇرقىدىن %100 كۆپەيدى» دەپ ئۆزگەرتىلسە؛«ناھىيىمىز 2003 - يىلى نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى» دېگەن جۈملە «ناھىيىمىز ئەسلىي پىلاندىكى 2004 - يىلىدىن بىر يىل بۇرۇن پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولدى» دەپ ئۆزگەرتىلسە؛ «ۋەقە داۋامىدا، قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەۋاتقان 30 كان ئىشچىسىنىڭ بىرىدىن باشقا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى»دېگەن جۈملە «ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ قۇتقۇزۇشقا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى نەتىجىسىدە، قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەۋاتقان كان ئىشچىلىرىدىن 29 ىنى قۇتقۇزۇشقا ئامال بولمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ھايات قالدى» دەپ ئۆزگەرتىلسە.
(قاھار ئوسمان تەرجىمە قىلدى)
مەنبە؛جۇڭگو مىللەتلەر ژورنىلى
|