- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-24
- تىزىملاش
- 2010-4-13
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 61سائەت
- جۇغلانما
- 1035
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 603
- تېما
- 10
- توردا
- 61سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 603
- تېما
- 10
|
بۇرۇن بىر ئاتا بالا بولغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ بىر ئىشىگى بولۇپ ئۇلار ئىشەكنى ئىلىپ سەپەرگە چىقىپۇ . يولدا ئاتا بالا ئىككەيلەن ئىشىككە مىنىپ كىتىپ بىرىپ بىر بازارغا كەپتۇ . بۇ بازاردىكىلە بۇ ئىككەيلەننى كۆرۈپ << بىر ئىشەككە ئىككىسى مىنىۋاپتۇ . قاراڭلار بىچارە ئىشەكنىڭ ھالىنى قويماپتۇ >> دىيشىپتۇ . ئاتا بالا خىجىل بولغىنىدىن ئىشەكتىن چۈشۈپ ئىككىلىسى پىيادە مىڭىپتۇ . ئۇلار مىڭىپ يەنە بىر بازارغا كەپتۇ . بۇ بازاردىكىلەر بۇلارنى كۆرۈپ << ئىشىكى تۇرۇپ بىرسىمۇ ئىشىككە مىنمەي كىتىپ بارغىنىنى قاراڭلار ! ئەخمەقلەر !!!! >> دەپتۇ بۇنى ئاڭلاپ ئوغلى دادىسنى ئىشەككە مىندۈرۈپتۇ . ئۇلار مىڭىپ يەنە بىر بازارغا كەپتۇ . بۇ بازاردىكىلەرمۇ يەنە غەيۋەتكە چۈشۈپتۇ .<< قاراڭلار ، قاراڭلار ئاۋۇ ئادەمگە ئۆزى ئىشەككە مىنىۋىلىپ بالىسنى پىيادە قويۇپتۇ ......باغرى تاش >> بۇنى ئاڭلاپ دادىسى دەرھال ئىشەكتىن چۈشۈپ بالىسنى ئىشەككە مىندۈرۈپتۇ . ئۇلار يەنە بىر بازارغا بۇ بازاردىكىلەرمۇ گەپنى باشلاپتۇ . << دادىسىنى پىيادە قۇيۇپ بالىسى ئىشەككە مىنىۋاپتۇ . .... ۋاپاسىز >> دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن دادا بالا ئاخىرى چارە تاپالماي ئىشەكنى سىتىۋىتىپ پىيادە مىڭىشقا باشلاپتۇ . ....................
بۇ قايسى كۈنى تاغامنىڭ ماڭا نەسىھەت قىلغاندا ماڭا سۆزلەپ بەرگەن مىسالى . نەسىھەتنىڭ تۈپ مەنىسى بىرەر ئىش قىلغاندا بشقىلارنىڭ بىزنى نىمە دەپ ئويلىشى نىمە دەپ زاڭلىق قىلىشى بىلەن توختاپ قالماستىن توغرا دەپ قارىغان ئىشىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بىقىشمىز كىرەكلىكىنى ئەگەر بۇ يول خاتا بولغاندىمۇ بۇنىڭدىن بىرەر ساۋاققا بولسىمۇ ئىرىكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن .
بىراق بۇ دىگەنلىك باشقىلارنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالماسلىق ، ئۆز بىشىمچىلىق قىلىش دىگەندەك مەنىلەرنى بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurlan0018 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-21 13:49
|
|