ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز 80-يىللاردا تۇغۇلغانلارغا...
كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 10
go

80-يىللاردا تۇغۇلغانلارغا...

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

80-يىللاردا تۇغۇلغانلارغا...

ئۆمۈرنىڭ تولىسى ئۆتتى مەنىسىز،

قاراڭغۇ سايىدەك ئۈنسىز،سايىسىز.

قىراۋ باسماقتا باشۇ-ساقالنى تەڭلا،

قالارمۇ يوق ئەمدى بىرەر ئۆچمەس ئىز.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! 2010-يىلمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنلاپ بىز بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.بىز مەيلى خالايلى ياكى بېزار بولايلى،ۋاقىت بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشماي ئۆزىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى بىزگە نامايەن قىلماقچى بولغاندەك تېز-تېز ئۆتىۋىرىدۇ...مانا تۈنۈگۈنلا تېخى "قاچانمۇ چوڭ ئادەم بولۇپ،غايىلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرارمەن" دەپ بۈيۈك ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن قېرىنداشلار تېخى جاھان ئەلپازىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆزىتىپ ئۈلگۈرمەيلا،قىرانلىق-ياشلىق پەسلىمىزنى كۈتىۋالدۇق ياكى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بىرقىسىمىنى تۈگىتىپمۇۋەتتۇق.ۋەدەرىخا!ھازىر،كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئارمانلىرىمىزنىڭ قانچىلىكى ئىشقا ئاشتى قانچىلىكى كۆپۈككە ئايلاندى،قانچىلىكىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇق قانچىلىكى ھازىر ئۆزىمىزگە كۈلكىلىك تۇيىلىدۇ،بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان.

پەلەك چاقى چۆرگىلەپ مىلادىيە 2010-يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرغان مۇشۇ كۈنلەردە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا تۇغۇلغان قېرىنداشلىرىمىز مەيلى 1980-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان بولايلى ياكى 1989-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇغۇلغان بولايلى،شۇ تاپتا ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 20 يېشىمىزدىن ھالقىدۇق،بەزىلىرىمىز ھەتتا 30 ياشنى ئۇزىتىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز.تارىخ،بولۇپمۇ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى بىزلەرگە ئۇيغۇر بولۇپ ھېچكىمگە نىسىپ بولمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتىنى،ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر بولۇپ ھېچكىم دۇچ كەلمىگەن رىقابەت-خىرىسلارنى ئاتا قىلدى.بۇنداق دېسەم بەلكىم تازا قايىل بولماسلىقىڭىز مۇمكىن،لېكىن،تۆۋەندىكى بايانلىرىمنى ئاڭلىسىڭىز گېپىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. مىلادىيە 1949-يىلدىن بۇرۇنقى سۆزلەرنى ئېيتىپ يۈرۈش بىھاجەت،ئۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئاتا-ئانىڭىزدىن،بوۋا-مومىلىرىڭىزدىن سورىسىڭىزلا ھەممىسى "مانا مەن!" دەپلا ئايان بولىدۇ؛49-يىلىدىن 52-يىلىغىچە "يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى" دە ھەممىلا ئادەم باي-كەمبەغەللىك "تەركىب" ئايرىپ،"ھەرىكەت"مۇھىملىق جەھەتتە باشقا بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى،52-يىلنىڭ ئاخىرىدىن 56-يىلغىچە "سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىپ ئىشلەش دولقۇنى"؛56-يىلدىن 58-يىلغىچە "سولچىللىققا،يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت" ئېلىپ بېرىلدى؛58-يىلدىن 63-يىلنىڭ بېشىغىچە،بەزى جايلاردا ھەتتا 65-يىللارغىچە "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش،بەش يىلدا ئەنگىليىدىن ئالتە يىلدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش،يېزا-ئېگىلىكىدىن سانائەتلىشىشكە ئۆتۈش،بارچە پۇقرا ئوتۇن كېسىپ پولات تاۋلاش دولقۇنى" بولۇپ،يەرلەرنى تېرىيدىغان ئادەم،يەيدىغانغا ئاشلق يوق،قورساق تويغۇزۇشنىڭ ئۆزىلا "ئەڭ چوڭ بەخىت" كە،ئورمانلار "پولات تاۋلاش" ئۈچۈن كېسىپ تاشلىنىپ،بوستانلىقلار چۆللۈككە ئايلاندى،نۇرغۇن ئادەم ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپمۇ كەتتى...66-يىلدىن 76-يىلغىچە داۋاملاشقان "مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى" مەزگىلىدىكى تەتۈر قۇيۇنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا "كۈچلۈك" چىققان بولسا ئاپتونۇم رايونىمىزدا "تەيفىڭ بورىنى" بولۇپ چىققاننى ئاز دەپ،بۇ "ئىنقىلاب" نىڭ ئاسارىتى 78-يىللارغىچە داۋاملاشتى،ھەتتا "ئىنقىلاب" ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ بىر نەچچە يىللارغىچە كىشىلەر ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۈركۈپ يۈردى،بۇ ئەھۋالنى پەقەتلا "بىلىم قۇرۇلمىسى قانچە يۇقىرى بولسا ئالاقىزادىلىكى شۇنچە ئېغىر بولۇش" دەپ تەرىپلەش مۇمكىن.70-يىللاردىن بۇرۇن ساۋاتلىق بولۇش چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى،لېكىن،"مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى" باشلىنىپ يېزىق ئۆزگەرتىلىگەندىن كېيىن،ئىلگىرىكى ساۋاتلىقلارمۇ "ساۋاتسىزلار" غا ئايلىنىپ،قايتىدىن "ساۋات چىقىرىش جېڭى" گە ئاتلاندى....ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى،ئون نەچچە يىللاپ "ساۋات چىقارغان"،ئالىي مائارىپنى ئۆزگەرتىلگەن يېڭى يېزىقتا تاماملىغانلار 82-يىلغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم "ساۋاتسىزلار" غا ئايلاندى....ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدىغان كۆپچىلىكى تا ھازىرغا قەدەر چالا ساۋات ھالەتتە تۇرماقتا.

شۇنىڭغا تەتۈر ھالدا جاھان بىزلەرنى "يېتىشىۋالسۇن،كۆپلەپ ئازابلارنى چەكتى،ساقلاپ تۇرايلى" دېمىدى،ساقلاپ تۇرمىدىلا ئەمەس بەلكى بىزلەرنى "تېخىمۇ ئارقىدا قالسۇن!" دېگەندەك قىلىپ "كۈچەپ" تەرەققىي قىلدى:نۇرغۇن مۇستەملىكە مەملىكەتلەر،مىللەتلەر مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ،دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ياسالدى؛ئاتوم تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىپ،دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەن تىركەشتى،ئاخىرىدا "پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ" بولۇپ چىقتى؛ئۇچۇر تېخنىكىسى مىسلىسىز تەرەققىي قىلىپ،"يەرشارى بىر كىچىك كەنىتكە ئايلاندى"*؛ئىنسانلار "يەرشارىنى ياراتماي" ئالەمگە يۈرۈش قىلدى،ئاياغ ئىزىنى باشقا پىلانتلارغا "مۆھۈر قىلىپ باستى"؛چىگرا قاراۋۇلخانىلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، "ئوخشاش بىر خىل مەدەنىيەتكە تەۋە دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىر گەۋدىلىشىپ،خەلىقئارادىكى تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتتى"*؛ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قايىل قىلىپ،ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئىلىم-پەنگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالغان شۇ دەۋىردە،بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر "ساۋاتلىق بولۈش" پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق(بۇ پۇرسەت بىزدىن ئاۋۋالقىلارغا نىسىپ بولمىغان)... بىزلەرنىڭ__80-يىللاردا تۇغۇلغان بەخىتلىكلەرنىڭ كۆپىنچىمىز ئالىي دەرىجىلىك بولمىسىمۇ "ھەر ھالدا بولىدىغان" مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا بىلىم-مەرىپەت ئېگەللەشكە،كەلگۈسىمىزنىڭ،جۈملىدىن مىللىتىمىز،ۋەتىنىمىزنىڭ "كەلگۈسى خەرىتىسىنى سىزىشقا" باشلىدۇق،"ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش،ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش" ئەۋزەل شارائىتى ئاستىدا "ئىز"،"ئويغانغان زېمىن" قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەر يورۇقلۇققا چىقىپ، "بېلىق سۇغا تەشنا بولغاندەك" قەلىبلەرنى بىرئاز بولسىمۇ تەسەللىي تاپقۇزدى؛يېزىقىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،"خالىغاننى تاللاپ" مەدەنىيەت جەھەتتە ناھايىتى چوڭ تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى كۈتىۋالدۇق.

يۇقارىقى تەستە كەلگەن پۇرسەتلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر قاتار خىرىسلارنىمۇ "ئەگەشتۈرۈپ" كەلدى،يەنى:مەدەنىيەتتە پۈتۈنلەي "ئىستىمالچى" ئورۇنغا چۈشۈپ،باشقىلارنىڭكىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا قوبۇل قىلدۇق؛"مىللى پىسخىكىمىزدا جاھاندىن قېيداش،ئارسالدىلىق،تايىنۋېلىش قاتارلىق پاسسىپ ھالەتلەر شەكىللىنىپ،ئەۋىج ئالدى"*،نەتىجىدە "ئوقۇش خىزمەت ئۈچۈن،خىزمەت قىلىش پۇل ئۈچۈن،پۇل بولسا تۇرمۇش ئۈچۈن" دىن ئىبارەت "فورمۇلا" شەكىللىنىپ،ئالغا ئىنتىلىش،ئۆز-ئۆزىمىزگە ئىشىنىش،پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىمىز سۇسلىشىشقا باشلىدى؛بازار ئىگلىكى يولغا قويۇلۇپ خېلى ئۇزۇنغىچە كۈنلىرىمىز"ئىچىمىزنى تىڭشاپ"،"جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلىپ بېقىش" بىلەن ئۆتتى،شۇنىڭ بىلەن ئىقتساد جەھەتتە بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش ياكى "قۇلۇلىلەرچە ئىلگىرلەش" ئاساسى ئېقىم بولۇپ قالدى(ئىسلاھات ئېچىۋىتىلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە،ھازىرغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ).پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مەدەنىيەتلەر گىرەلىشىش،سىڭىشىش ھەتتا بىر مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتۇپ يەنە بىر مەدەنىيەتنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىش ھادىسلىرىمۇ يۈز بەردى(مەسىلەن:سىگانلار)؛ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشى،قىممەت قارىشى "تېز ۋە بىۋاستە ئۈنۈم بېرىدىغان" ماددى مەنپىئەتنىڭ ئالدىدا ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ،ھەممە ئىشتا ماددى مەنپىئەت سۈرۈشتۈرلىدىغان،ماددى مەنپىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىش "قۇلاققا خۇشياقمايدىغان" بولۇپ قالدى،بۇنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى ئىنسانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش،يارىدەم بېرىش،مېھىر-مۇھەببەت،ھەتتاكى قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن سۇسلىششى،پۇل-بايلىقنىڭ "قولىدىن كېلىدىغان ئىشى" نىڭ بارغانسىرى كۆپىيىپ،مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ كىشىلەر نەزىرىدىن بارغانسىرى يىراقتا قېلىشى بىلەن خۇلاسىلەندى.نۆۋىتى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى،يېقىنىقى مەزگىللەردىن بۇيان "قوش تىللىق مائارىپ" يولغا قويۇلۇپ،مىللىي ئۆسمۈرلەرنىڭ دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى ۋە ئۆز ئانا تىلىنى تەڭ ئۆگۈنۈپ،ھەم ئۆز مىللىتىنىڭ ھەم دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسەتلەر يارىتىپ بېرىلگەن كۈنلەردىمۇ،نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز "بالىلارنىڭ كەلگۈسى مەنپىئەتى" نى قالقان قىلىپ تۇرۇپ،ئەمەلىيەتتە بولسا "ئەمەلىي ئۈنۈم" گە ئېرىشىش ئۈچۈن(ئېچىپ ئېيتقاندا <تۆمۈر تاۋاق>قا تېزراق<ئېغىز تەككۈزۈش>ئۈچۈن)بالىلىرىنى ساپ خەنزۇ تىلىدا دەرىس ئۆتىلىدىغان مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە بېرىپ،ئەسلىدىنلا تېلۋىزور،ئىنتېر تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق باشقا مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ،ئارسالدىلىق ئىلكىدە تۇرغان نارسىدە بالىلارنىڭ ئاجىز پىسخىكىسىنى "ئۆزىدىن ياتلىشىش" يولىغا قىستىماقتا.بۇ قانداقتۇر قەلەم ئېگىسىنىڭ "كاسا يانچۇقىغا ئۇرۇپلا" تاپقان گېپى بولماستىن،پىسخلوگلار پىسىخلوگيە نوقتىسىدىن يەكۈنلەپ چىققان پاكىتتۇر.

بۇ خىل ماددى مەنپىئەتكە بېرىلىش،يات مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز غىدىقلىشىغا ئۇچراش،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشى،بىزلەردە بىر مەيدان ئېتقاد كىرزىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ھامىلدار بولدى.ئارىدىن 30 يىللارچە ۋاقىت ئۆتۈپ،بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ كىرزىس ئېغىرلىشىپ،يوشۇرۇن ھالەتتىن ئاشكارە،قورقۇنۇشلۇق ھالەتكە ئۆتتى....ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق پۇل-بايلىق ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرى،مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ئانىلىرى بولغان بالىلارنى،قىز-ئاياللارنى پۇل-بايلىق ئۈچۈن باشقىلارغا سېتىۋاتقان،ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ تويماس نەپسى ئۈچۈن ئوغۇرلۇق-بۇلاڭچىلىققا،ئۇياتسىزلىق-پاھىشىلىككە مەجبۇرلاۋاتقان؛بىر چېكىم خىروئېن ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ يىلىكىنى شوراپ،ھەرقانداق ئۇياتسىز ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمىغان،بىرى زورلىمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئالىدىغان ئازغىنە نەپنى دەپ چىركاۋلارغا "يۇيۇنۇش" ئۈچۈن كىرىپ كېتىۋاتقان،ياتلارنىڭ ئارقىدىن مېھمان-سارايلارغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان قىز-ئوغۇللارنىڭ سىيماسى...قاتارلىق ئاچچىق كارتىنىلار بىزگە ئۇنچە سىر ئەمەس.

ھازىر غەرىبي رايونلارنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈش،شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش،"ھەربىر ئائىلىدىن كەم دېگەندىمۇ بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" قاتارلىق مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا يوق ئەۋزەل شارائىتلار بىزلەر ئۈچۈن تەمىنلەندى،گەپ بىزلەرنىڭ مۇشۇ ئەۋزەل شارائىتلاردىن قانداق قىلىپ قانۇنلۇق،ياخشى پايدىلنالىشىمىزدا.دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتەلىشىمىزدە.بۇ يەردە "سىياسي سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش كېسىلى" بار دوستلارغا شۇنى دەپ قويماقچىمەنكى:يۇقارىقى بايانلىرىمىنىڭ ھەممىسى تورداشلارنى ئۆزىنى،مىللىتىمىزنى،جۈملىدىن دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشقا چاقىرغانلىق،ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىك،ئەيىبلەرنى تېپىشقا،يوقىتىش ياكى يېنىكلىتىشكە ئۇرۇنغانلىق.كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزى-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىشى،ھېچ بولمىغاندا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماسلىششىمۇ دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ھېمايە قىلغانلىق،ياقىلىغانلىقتۇر!

ئەمدى رەسمىي مەقسەتكە كەلسەك:_بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلارغا نېسىپ بولمىغان پايدىلىق شارائىتلار ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،باشقا مىللەت،باشقا دۆلەت ياشلىرىغا ئوخشاشلا رېتىمى تېزلەشكەن،رىقابەت كەسكىنلەشكەن مۇشۇ دەۋىردىكى بارلىق پۇرسەت ۋە خىرىسلارغا،تاللاش ۋە شاللاشلارغا دۇچ كەلدۇق.بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىز،تەييارلىق ئەھۋالىمىزنىڭ قانداقلىقى سۈرۈشتۈرۈلمىگەن،ئالدىن ئۇقتۇرۇلمىغان،"مەرىتنى مەيداندا سىنايدىغان"،مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش،شاللىنىپ كېتىش ياكى تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرىدىغان "جەڭگاھ" تۇر.دوستۇم!سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز قانداقراق؟...

مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ قارىغان بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:

1.سىزنىڭ بىردىن-بىر ۋە ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىڭىز__تىرشىش،سىز ۋە ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا،ياكى ئۈنۈملۈك تاللاش يولى يوق!

2.سىز مەيلى ئوقۇۋاتقان سىتۇدېنىت بولۇڭ،مەيلى خىزمەتچى ۋە مەيلى سودىگەر-بايۋەتچە بولۇڭ،بىلىم-قۇرۇلمىڭىز،ئىقتىسادىي كىرىمىڭىز ھەم نەچچە ياشقا كىرگىنىڭىزدىنىمۇ بەكرەك مۇھىم نوقتا شۇكى:ھەممىنى ھازىردىن،بوشاشماسلىقتىن،كىچىكتىن باشلاڭ!

3.ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىز قوينىدا ياشاۋاتقان قەۋمىڭىزنىڭ ئېغىر يۈكى سىز-بىزلەرنىڭ يەلكىمىزگە ئۆتىۋاتىدۇ،ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ھېس قىلمىغان بولسىڭىز ئەتراپىڭىزغا قاراڭ،سىزدىن كىچىكلەر تېخى كىچىك،چوڭلار بولسا (ئىتراپ قىلىشنى خالىمىسىمۇ ئامال يوق) ئاللىقاچان ئۆز زامانىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ،"زاماننى" بىزلەرگە "ئۆتۈنۈش" باسقۇچىدا تۇرماقتا.بۇ زاماننىڭ بارلىق يۈكلىرى بىزلەرگە قالىدۇ،بۇرۇن باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى،يول كۆرسىتىش بىلەن ماڭغان بولساق ئەمدى باشقىلارنى يېتەكلىشىمىز،يول كۆرسىتىشىمىز لازىم.بۇ ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيتىدۇر...

4.مەيلى قانداقلا ئىش قىلىڭ،نېمىلا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ،ئۈمىدلىك،ئىرادىلىك بولۇڭ.پەقەت تەۋرەنمەس ئېتقاد-ئىرادە،ئۈمىدۋارلىق روھى سىز ۋە ماڭا ھەرقانداق قورالدىنمۇ كۈچلۈك قورال بولالايدۇ.

5.ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ،سىز بۇ جەمئىيتىمىزگە كېرەك!ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ،ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى سىز قىلالمايسىز ئەمەس بەلكى قىلمايۋاتىسىز.سىزنىڭ زېھنىڭىز،قولىڭىزدىن كېلىدىغانلىرى ھەرگىز باشقىلاردىن كەم ئەمەس!بىرەر قېرىندىشىڭىزغا ئاپتوبۇستا ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگۈدەك مادارنىڭ سىزدە يوقلۇقىغا ئىشەنمەيمەن...بىزلەرگە ئەڭ كېرەك بولىۋاتقىنى رىۋايەتلەردىكىدەك "كاتتا قەھرىمان" ئەمەس،بەلكى،قولىدىن كېلىدىغاننى باشقىلاردىن ئايىمايدىغان رېئال شەخىستۇر.

6.ھال-ئەھۋالىڭىزنىڭ ھازىر قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر،چوقۇم بىرەر ئارتۇقچىلىققا ئېگە بولۇڭ.ماددى مەئىشىتىڭىزنىڭ ئېشىپ-تېشىپ تۇرىشىدىن،باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ بولغانلىقىدىن قانائەتلىنىپ،توختاپ قالماڭ.بارچە ئېمكانىيەت بىلەن بىرەر تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى،بىر ياكى بىر نەچچىلىگەن تىللارنى ئۆگۈنۈڭ،ھېچ بولمىغاندا ماشىنا،موتسىكىلىت ھەيدەشتەك بىرەر تېخنىكىمۇ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

7.ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ كىتاب ئوقۇڭ،خەۋەر كۆرۈڭ(ئاڭلاڭ).كىتاب سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرىشىڭىزگە يارىدەم قىلسا،ئەتراپىڭىزدا،دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىزنى ئېچىپ،بىلەلمىگەن بەزى سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب تېپىلىدۇ.گېزى كەلگەندە شۇنداق ئەسكەرتىش كېرەككى:ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىپ،بالا ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا "مۇھەببەتلەشكەن" نى ئاز دەپ،توردا قۇرۇق پاراڭ سېلىپ "مۇھەببەتلىشش" ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

8.ئەۋلادلىرىڭىزنى تەربىيلەشكە مەبلەغ سېلىشتىن باش تارتماڭ.خۇددى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئېيىتاندەك:"بىر تۈپ توغراق يىقىلسا كۆتىكىدىن نوتىلىرى كۆكلەپ چىقىدۇ،سەن ئۆلسەڭ بالاڭ ئىزىڭنى باسىدۇ،سەن ئۆلگەندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بالاڭ سېنىڭ سىيمايىڭ،كىچىكلىتىلگەن ئۆزەڭدۇر"*.بالىڭىزنى تىرشچان،ئېنسابلىق،ئىرادىلىك،بىلىملىك،ئىلىم-تېخنىكىغا ھېرىسمەن،ئۆز كۆز قارىشىنى ئىلمى شەرھلىيەلەيدىغان،ئەخلاقىلىق،كىتابخۇمار،جاھاننىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش،مەيلى دىني نوقتىدىن ۋە مەيلى پەننىي نوقتىدىن ئېيتقاندىمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىڭىز،ھەم مىللىتىڭىز،ۋەتىنىڭىزگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىڭىزدۇر.ئەكسىچە بولسا سىز دۇنيادىن ياخشى نام بىلەن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ،ئەۋلادلىرىڭىز تەرىپىدىن "ئىككى پۇللۇق" قىلىنىسىز!يەنە شۇ نوقتىنى تورداشلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:تىل ئۆگىنىش ناھايىتى ياخشى ئىش،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مىللىيلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن "قوش تىللىق مائارىپ" نى يولغا قويۇپ،ئەۋلادلىرىمىزنى ھەم مىللىتىنىڭ ھەم دۆلىتىنىڭ ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەشكە نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلىۋاتىدۇ.لېكىن،بەزىلەر يەنىلا كۆرۈنۈشتە بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن قېچىپ،بالىلارنى مەڭگۈلۈك "پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىق" ۋە مەدەنىيەتتە "ئۆزىدىن ياتلىشىش" ئاسارىتىگە قالدۇرپ،"تۆگىگە مىنىپ تۆگە ئىزدىگەندەك"،ھۆكىمەت يارىتىپ بەرگەن شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلانماي،بالىلارنى ساپ خەنزۇ تىلىدا دەرىس ئۆتىلىدىغان "يەككە تىللىق مائارىپ" بويىچە تەربىيلىمەكتە.شۇڭا سىزگە تەۋسىيرىم:بالىلىرىڭىزنى ئاۋۋال ئانا تىلىدا،ھېچ بولمىغاندا "قوش تىل" دا تەربىيلەڭ،ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا تىللارنى ئۆگەتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىددىن ئېيتقاندەك:"ئانا تىل ئۆزىمىزنىڭ كۆزىگە،يات تىللار دىربۇن ۋە باشقا كۆرۈشكە يارىدەم بەرگۈچى ئەسۋابلارغا ئوخشايدۇ"*،ئانا تىلدىن ئىبارەت "تەبىئي كۆز" بولمىسا،ھازىرقى ئەڭ ئىلغار تېلىسكوپنىڭمۇ سىزنىڭ جاھاننى كۆرشىڭىزگە يارىدىمى تېگىشى ناتايىن!

9.ئىقتىسادىڭىزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىڭ،راھاتپەرەسلىك ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭىزدۇر.بىزلەرنىڭ ئىقتىسادىمىز كۆز-كۆز قىلىپ كەتكۈدەك،بىر-بىرىمىزگە قىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە مول ۋە باياشات ئەمەس.چەكلىك ئىقتىسادىڭىزنى ئايىغى چىقماس توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراقلار ۋە ئاتالمىش ئادەمىگەرچىلىكلەر،كەيىپ-ساپا،ئەيىش-ئىشرەتلەرگە ئازراق،ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە،ئەۋلادلىرىڭىزنى تەربىيەلەشكە كۆپرەك سەرىپ قىلشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

10.سىز ۋە مەن بىر-بىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزگە ۋەكىللىك قىلغان بىلەن،باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىمىز.مەن ئۆز نوقتىينەزىرىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇدەك يۈكسەك ئوبراز ۋە سالاھىيەتكە ئېگە ئەمەسمەن.بىراق،ئېتراپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇكى،ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى بىلمەيدىغان،تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقان ياكى بىۋاستە ئۇچىرىشىۋاتقانلارغا نىسبەتەن،سىز ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلىسىز!ھېچ بولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئۇيغۇردىن ئېبارەت بىر مىللەتكە بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىسى سىز ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ.شۇڭا ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ،مەدەنىيتىڭىزنىڭ ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىڭىزنىڭ شەكىللىنىشى،تارىخىي ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىپ قويۇش،خۇددى نەپەس ئېلىشقا ئوخشاش مۇھىم،تەخىرسىز ئىشتۇر!ئىشىنىمەنكى سىز بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشنى،مازاق قىلىنىشنى ياكى ئۇيغۇردىن ئېبارەت پۈتۈنسۈرۈك بىر مىللەت توغرىسىدا يامان تەسىر بېرىپ قويۇشنى خالىمايسىز.

11.خىروئېندىن،ئەيدىزدىن يىراق بولۇڭ!ئەگەر زەھەرگە ئۆگۈنۈپ قالغان بولسىڭىز "ياپسام پىشارمۇ،كۆمسەممۇ" دېمەي باشقىلاردىن،زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىدىن يارىدەم تەلەپ قىلىڭ.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى "كېلەر قېتىم چوقۇم تاشلايمەن" دېگەن سۆز ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!ئەگەر ئەتراپىڭىزدا زەھەرگە ئۆگۈنۈپ قالغانلار بولسا تاشلىشىغا،يامان يولدىن قايتىشىغا يارىدەم بېرىڭ.پەقەت قىلالمىسىڭىز،ساقچىغا مەلۇم قىلىشمۇ شۇلارغا ۋە ئۆزىڭىزگە يارىدەم قىلىش بىلەن باراۋەر.ئۇلار ئېلىپ-سېتىۋاتقان،چېكىۋاتقان زەھەر سىزنى قېرىنداشلىرىڭىزدىن،ھەتتا ھاياتىڭىزدىن ئايرىشى مۇمكىن.ئۆزىڭىزنىڭ تىزگىنىنى ھاۋايى-ھەۋىسىڭىزنىڭ،پاسىقلىق-زىناخورلۇقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويماڭ!ئېسىڭىزدە بولسۇنكى؛ھاراقكەشلىك،زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ بىزلەرگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنى سىز ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر!

12.مىللىي كارخانچىلىرىمىزنى،ھەرقايسى كەسىپ-ساھەلەردە ئازراق بولسىمۇ نەتىجە قازىنىۋاتقان ئاكىتىپلىرىمىزنى قوللاشنى ئۇنۇتماڭ.ھەممىمىز دوكتور،كەشپىياتچى،داڭلىق كارخانىچى...لاردىن بولۇپ بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىپ كېتىشمىز ناتايىن،لېكىن،ئارىمىزدا نەتىجە قازانغانلار،نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار بار.سىزنىڭ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغىنىڭىز،ئۇلار ئۈچۈن ئاۋاز بەرگىنىڭىز(توردا بېلەت تاشلىسىڭىزمۇ ھېساب)،ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلغىنىڭىز؛پەقەت قىلالمىسىڭىز،ئۇلارنىڭ ئارقىدىن گەپ تاپمىغانلىقىڭىزمۇ ئۇلارنى قوللىغان بىلەن باراۋەر.

قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ قېرىندىشىم!بىز قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىگە،دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ يېتىلگەنلىكىمىزنى،ئاجىز ئەمەسلىكىمىزنى،تېخمۇ مۇھىمى باشقىلاردىن كەم ئەمەسلىكىمىزنى ئەمەلىيتىمىز ئارقىلىق جاكارلايلى!!!...

ئېلاۋە:مەن سىزگە ئوخشاشلا ئاددىي بىر ياشمەن،بۇ يازمام ئارقىلىق بىرىدىن يامانلىماقچى،بىرىنىڭ ئەيىپىنى ئاچماقچى ياكى بىرىدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلماقچى ئەمەسمەن(ئۇنداق قىلىشقا ھەققىممۇ يوق ئەلۋەتتە).يۇقۇرىدىكى قۇرلارنى ئوقۇغاندا ئازراق ئويلانغان،ئۆزىڭىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى بىلەن بىر ئاز ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىڭىز،مۇرادىم ھاسىل بولغان بولىدۇ....

نەقىل مەنبەلىرى:*توردىكى ئاتالمىلاردىن ئېلىندى.

*سەيمېل خانتىڭتوڭنىڭ "مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى ۋە دۇنيا تەرتىۋىنىڭ قايتا ئورنىتىلشى" ناملىق كىتابىدىن.

*ئەسەد سۇلايماننىڭ "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر روھىيەت قوۇرۇلمىسى ئۈستىدە پىسخىك دېئاگنوز" ناملىق ماقالىسىدىن.

*"ئەختەم ئۆمەر پوۋىستلىرىدىن تاللانما" ناملىق كىتابدىن.

*ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرىدىن.

بۇ يازما ھەرقايسى تورلارغا كۆچۈرۈلسە،ئۇلانما قىلىنسا بولىدۇ.يازما ئېگىسىنىڭ ھېسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشنى،دەسلەپ يازما بېرىلگەن تورنىڭ نامىنى كېلىش مەنبەسىگە ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 8319 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-21 17:28

توردا
170سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
115 
تېما
28 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تولىمۇ ياخشى چاغدا تۇغۇلۇپتىمەن ، بۇ تارىخلارنى ئېنىق بىلىپ كەتمەيتتىم ئەمدى تۇلۇق چۈشەندىم ، ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز رەخمەت .

Rank: 8Rank: 8

توردا
1190سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
1316 
تېما
123 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياش چوڭ بولغان بىلەن ئەقىل چوڭ بولمىسا بىكاردە.ھەي..............
ياخشى گەپلەركەن، مۇشۇنداق تېمىلىرىڭز مۇنبىرىمىزدىن ئۈزۈلمىگەي.

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادەم 20 ياشتا گۈزەل،30 ياشتا بىلىملىك،40 ياشتا باي بولۇشقا قادىر!

توردا
28سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
27 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى تىمىكەن ، رەخمەت سىزگە

توردا
24سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى تىمىكەن ، رەخمەت سىزگە

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز يەنە مۇشۇنداك ياخشى تىمىلارنى داۋاملىك يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد كىلىمەن

توردا
147سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
354 
تېما
75 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنىمۇ تىرشىڭ دوستۇم قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قوللىغىنىڭلارغا ۋە مەدىتىڭلارغا رەھمەت!

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز ناھايىتى ياخشى تىما تاللاپسىز ،داۋاملىق ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.شۇنداقلا داۋاملىق تىرشىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-26 11:50

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.