- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-10
- تىزىملاش
- 2010-5-12
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 352سائەت
- جۇغلانما
- 1236
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 443
- تېما
- 108
 
- توردا
- 352سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 1
- يازما
- 443
- تېما
- 108
|
‹‹بۇ پەقەت بىر ھېكايە خالاس . ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەسلىكىڭلارنى سورايمەن .
ئۇ ، مەن چىن دىلىمدىن قەدىرلەپ سۆيگەن ئايال ، مىنىڭ قانۇنلۇق ئايالىم ئالدىمدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىغلىماقتا:
-مىنى كەچۈرۈڭ ، سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن . مەن ئۇنى ئۇنتۇيالمىدىم ، ئۇنتۇيالمىدىم ...بىز ئايرىلىپ كېتەيلى.
_ نىمە ؟! - مېڭەمدىن كىرگەن بىر ئوت پۈتۈن ئەزالىرىمنى چاراسلىتىپ كۆيدۈرۈپ تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى . ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنى ئولتۇرغان جايىدىن يۇلۇپ ئالدىم - دە ، بىر قۇلۇم بىلەن گېلىدىن بوغدۇم .
- نىمە دىدىڭ ؟ يەنە بىر دىگۈنە ،- ئىككى كۆزۈم لىق قانغا تولغان ھالدا ئۇنىڭغا چەكچەيدىم . ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەيتتى . نەپەس ئالالماي يۈزلىرى ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتتى . ئۇ خۇددى مىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېتىشىمنى كۈتكەندەك ھىچ قارشىلىق قىلمايتتى . پەقەتلا كۆزلىرىدىن ياش يامغۇردەك تۆكۈلەتتى . شۇ تۇرقىدا ئۇنى گېلىدىن بوغقان پېتى ئۆلتۈرىۋەتكۈم كەلدى . كۆزۈم ئۇنىڭ بىچارە ، مەيۈس ، ئىلتىجالىق كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىلا يۈرىكىم ‹جىغ› قىلىپ ، قولۇمنى بوشاتتىم . ئۇنى سەت تىللار بىلەن تىللايمۇ ، ئۇرايمۇ ؟ تويۇقسىز بۇ زەربىدىن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى .
- يوقال !، - زەردە بىلەن ۋارىقىرىدىم . ئاچچىقتىن مېڭەمگە ئاغرىق چۈشتى . ئۇ دەلدۈگۈنۈپ كېلىپ پۇتۇمغا ئېسىلدى .
- مىنى كەچۈرۈڭ ؟......مىنى كەچۇرۇڭ؟...
- يوقال ! سىنى يوقال دىدىم...!!!،- ئۇنىڭ دولىسىدىن تۇتۇپ ئىتتىرىۋەتتىم . ئۇ ئولتۇرغان جايىدىلا يۈكۈنۈپ يىغلايتتى .
توۋا ... مەن بىچارىمۇ ياكى ئۇمۇ ؟
- يوقال ، يوقال...،- بىر سۆزنى تەكرارلىغىنىمچە بار كۈچۈم بىلەن تامنى مۇشتلاپ ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم . تامغا قانچىلىك مۇشتلىغىنىمنى ، ئۇنىڭ ئۆيدىن قاچان چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن ، پەقەت پۇت - قوللىرىمدىن ماغدۇر كەتكەندىلا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم . قولۇمدىن چىققان قان تامنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى . تۇرمۇش دىگەندە ئاجايىپ ھېكايىلەر بولىدىكەن . بىرسىگە كۆڭۈل بىرىپ ، چىن دىلىمدىن سۆيۈپ ، قەدىرلەپ ئېرىشكىنىم مۇشۇ بولدىمۇ ئەمدى . بىردىنلا تۇرمۇشتىن رايىم يېنىپ كەتتى . يۈرىكىمگە سوغۇق ئېقىم شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىردى . شۇ كۈنى تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالغانچە نەچچە كۈن ئۆيدىن چىقمىدىم . ساقاللار ئۆسۈپ قېرىلىق يەتكەندەك بولۇپ قالدىم ، بىر نەچچە تال چېكە چاچلىرىممۇ ئاقىرىپ قاپتۇ . شۇ ئولتۇرغانچە تاش ئادەمگە ئايلىنىپ قالسامچۇ دەپمۇ ئويلاپ كەتتىم . ئەمما كىممۇ رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلغان دەيسىز . مانا گۈزەل غايىلىرىم ، ئائىلەم تويۇقسىز ئۈششۈكتە قالغان گۈلدەك توزۇپ كەتتى . خۇددى بىر گۈزەل شىرىن چۈشتەك يالت قىلىپلا غايىپ بولدى . جاننى ئۇرۇپ ئىشلەپ كىم ئۈچۈن پۇل تاپىمەن ؟
ئىشلەشتىنمۇ زېرىكتىم . يىغىپ ئېيتقاندا ئۇنداق تەتقىقات ، ئىزدىنىش دىگەنلەرگە كاللام يوق . خىزمەتتىن توختىدىم . ئاپامنىڭ يالۋۇرۇشلىرى كارغا كەلمىدى . دادام ئۇھسىنغان ھالدا :
- بوپتۇ ، ئوغۇل بالا بولغانكىن ھەممە قازاندا قايناپ باق . ئەمما قانۇننىڭ ئالدىغا بارىدىغان ئىش قىلما ، -
دىدى.
ئۇلارغا بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىمۇ خالىمىدىم . بىكارچىلىقتا كۈندە تۈگىمەس ئولتۇرۇشلار بوپ تۇردى . ئىلگىرى خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا كۆڭلىنى ئېلىپ بۇلالمىغان ئاغىنىلەرنىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى قايتۇرۇپ ، كېچە - كېچە ، ئۇ شەھەر بۇ شەھەردە ئۇچۇپ يۈردۈم . بىراق كاللامدىكى ئۇ تۈگۈن ، يۈرىكىمدىكى ئۇ يارا يەنىلا شۇ پېتى . ئۆيدە قونۇپ قالغان ۋاقىتلاردا ، نىمىشقىكىن كارىۋاتتا ياتقۇم كەلمەيدۇ . ئۇ ياتقان ياستۇقنى ئېلىپ تامغا زەردە بىلەن ئاتىمەن . ‹ شۇ تاپتا ئۇ نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ ›دىگەن ئويمۇ كاللامدىن كېچەتتى . بىراق ئامال بار ئۇنى ئويلىماسلىققا تىرىشاتتىم . ھەي... تۇنجى سۆيگۈ ، تۇنجى سۆيگۈ... كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە قىشنىڭ زېرىكىشلىك كۈنلىرىمۇ يىتىپ كەلدى . ئىلگىرى ماشىنا ھەيدەپ كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن ، ماشىنامنى سېتىۋەتكەندىن بىرى سىرتقا چىققۇم كەلمىدى . ئەتىدىن كەچكىچە تېلىۋېزور كۆرۈپ ياتقىنىم ياتقان . ئاشخانىغا تېلىفۇن قىلىمەن ، تاماقنى ئەكىرىپ بېرىدۇ . قوساقنى تويغۇزۇپ يەنە شۇ پەدەمدە تېلىۋىزورغا قادىلىپ ئولتۇرىمەن . كۈندە بىر ۋاق تاماق ئېتىلمىگەن ، قازان قاينىتىلمىغان ئۆينىڭ مېھرىمۇ بولمايدىكەن . چارچىدىم تولا خىياللارنى قىلىپ ، تاماكامنىڭ ئاچچىق ئىسىدا بۇرۇختۇم بولىمەن . ئىلگىرى تاماكا چەكسەم ، ئۇ ئىككى مۆرەمدىن يىنىك ئىتتىرىپ بالىكونغا ياكى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ چېكىشكە بۇيرۇيتتى . مانا ئەمدى ئۆينىڭ قەيەرىگە قارىسىڭىز تاماكا قالدۇقى ، تېلىۋىزور يېنىدا چېچىلىپ ياتقان VCD پىلاستىنكىلىرى ، كىرىسلودا يېيىلىپ كەتكەن كىيىم - كېچەكلەر...بەزىدە مۇشۇ قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدە ئۆزۈمنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويىدىغاندەك ھىس قىلىمەن . تويۇقسىز تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى . ئىرىنچەكلىك بىلەن تېلىفۇننى قولۇمغا ئالدىم - دە ، ئىكراندا چىققان تۇنۇش نومۇرنى كۆرۈپلا تېلىفۇننى بىر چەتكە تاشلىۋەتتىم . تېلىفۇن توختىماي سايرايتتى . ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە قىلچە رايىم يوق . تېلىفۇننىڭ توختىماي سايرىشى نېرۋامغا تەگدى .
-ئەمدى سايرىغىنە قېنى ، سايرا ،- دىگىنىمچە تەلۋىلەرچە بېرىپ ، يەردە تۇرغان تېلىفۇننى دەسسەپ دەسسەپ چېقىۋەتتىم . ئۇنىڭ بىر تېلىفۇنى بىلەن يۈرەك يارام تاتىلىنىپ قاناپ كەتتى . مېڭەم ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك چىققىلىپ ئاغرىيتتى . چاپاننى كىيىپ سىرتقا چىقتىم . تۆنۈگۈنكى قارنىڭ سوغۇقىدىن يەرلەر مۇز تۇتۇپ تېيىلىپ ماڭغىلى بولمايتتى . قار ئۇچقۇندايتتى . ئاچچىق سوغۇق يۈزلىرىمنى ، قۇلاقلىرىمنى ۋىژ - ۋىژ ئېچىشتۇراتتى . ئېلىنمىغىلى نەچچە كۈن بولغان ساقال - بۇرۇتلىرىمنى قىرو تۇتتى .
بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ، قوللىرىنى يانچۇقلىرىغا سېلىشىپ نىمىلەرگىدۇر ئالدىراش كېتىپ بارغان ئادەملەر ، يول بويىدىكى قارنى تازىلاۋاتقانلار ، بىر خىل رېتىمدا مۇز چوقۇشتىن چىققان ئاۋازلار ، كەينى - كەينىدىن سىگنال ئۇرۇپ كىشىگە ئاراملىق بەرمەيۋاتقان ماشىنىلار ، تۇتۇق ھاۋا ، قارغا چۆمكىلىپ شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي ئىگىلىپ قالغان شاخلار ، سارغايغان يوپۇرماقلار... ... ھەممە ، ھەممە ماڭا ناتۇنۇشتەك ، قىلچىلىك ئىللىقلىق بېرەلمەيتتى . ئاپامنىڭ داۋاملىق بىزدىن ئەنسىرەپ ياش قۇرىمايدىغان كۆزلىرى ، پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ يەنىلا كادىرلىق پېتىدىن چۈشمەي يۈرۈيدىغان دادامنىڭ ئۇھسىنىشلىرى ، ئىنىمنىڭ مۈرەمگە يىنىك پوپىلاپ قويۇشلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى .
تۈگىدى ، ھەممىسى تۈگىدى...خۇددى بىر تىراگىدىيىلىك كىنو ئاخىرلاشقاندەك...ئىچىمگە ئاچچىق بىر ئەلەمنى سېلىپ ئاخىرلاشتى .
بىر كەچقۇرۇنلۇقى ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم . ئىشىك تويۇقسىز چىكىلدى . مايكامنى يېپىنچاقلاپ چىقىپ ئىشىكنى ئاچتىم .
- ئاكا ، ماۋۇنى رەيھانگۈل ئاچام سىزگە بېرىپ قويىشىمنى ئېيتقانتى ،- قوشنىمىزنىڭ كىچىك ئوغلى ئىشىك ئالدىدا بىر كونۋېرتنى تۇتقىنىچە تۇراتتى ، كونۋېرتنى ئالدىم . قۇلۇم كۆيگەندەك بولۇپ ، بۇ كۆيەك يۈرىكىمگە تۇتاشتى . چىشلەپ تۇرغان تاماكامنىڭ كۈچلۈك يالقۇنى لىۋىمنى ئېيچىشتۇرغاندىلا ئاندىن ئەسلىمگە كەلدىم -دە ، ئىشىكنى يېپىپ كونۋېرتنى غەزەپ بىلەن ئۈستەلگە تاشلىدىم . تاماكىنى كەينى - كەينىدىن پۇرقىرىتىپ چېكىپ ، سەل تىنچلىنىۋالغاندىن كىيىن كونۋېرتنى ئاچتىم .
- سالام ئەكبەر ، سىزنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇرىۋاتامسىز دەپ ئەھۋال سوراشقا تىلىم بارمىدى . سېزىپ تۇرىۋاتىمەن ، سىز ماڭا بەك ئۆچ بۇلۇپ كەتتىڭىز ، مىنى كۆرەرگە كۆزىڭىز يوق . يۈز - تۇرانە تۇرۇپ سۆزلىشىشكە پۇرسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن سىزگە بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بىر پارتىدا ئولتۇرغان شۇ كۈندىن باشلاپلا سىز مىنى چىن دىلىڭىزدىن ياخشى كۆرۈپ كەلدىڭىز . مىنى قەدىرلىدىڭىز . دەسلەپتە سىزنى قۇرۇق سۆلەت بەگزادىمىكىن دەپ چىراي ئاچمىدىم . كىيىن ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىپ ئىككىمىز ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق . سىز مىنى دەپلا ئەتىراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ تۇرغان قىزلارغىمۇ كۆز قىرىڭىزنى سالمىدىڭىز . سىنىپتىكى قىزلار سىزگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن تۈرلۈك باھانىلەرنى تاپاتتى . ھېلى كىر - قاتلىرىڭىزنى يۇيۇپ بېرەي دىسە ، ھېلى پالانچى دەرسنى چۈشۈندۈرۈپ قويسىڭىز دەپ . بۇلارنى بىلىپ تۇراتتىم . ھەتتا بىر قېتىم قوشنا ياتاقتىكى بىر قىزدىن ‹ ئەكبەر بىلەن يۈرسەڭ تۈزۈك يۈر ، بولمىسا گېپىڭنى ئوچۇق قىل › دىگەن بىر پارچە خەتنىمۇ تاپشۇرىۋالدىم . سىز ماڭا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلغانسېرى بەزى قىزلار ماڭا شۇنچە ھەسەت قىلاتتى . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە يېرىم يىل قالغاندا ، ۋەلى بىلەن بولغان ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى . ئۇنى ھەر قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم . كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ باردىم . ئاپىسى قان يىغلاپ تۇرۇپ مىنىڭ ۋەلىنى ئىزدىمەسلىكىمنى ، ۋەلىنىڭ مىنى بەخىتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى . ۋەلىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ، مەن ئۈچۈن قىيامەت قايىم بولغان شۇ كۈنلەردە يەنىلا سىز ماڭا تۆۋرۈك بولدىڭىز . بىر يىلدىن كىيىن ئىككىمىز توي قىلدۇق . ئەمما مىنى ئەڭ ئازاپلىغىنى شۇ بولدىكى ، توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر دوستۇم ۋەلىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى .
ئۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئىكەن . شۇ كۈنىلا مەن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئۇنى كۆرگىلى باردىم . ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا دادىسى تۈگۈپ كەتكەن . شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئۇششاق تىجارەت قىلىپ ئائىلىسىنى باقاتتى . ئۇ كۆپ جاپا چەكتى . بىلىسىز ، مىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىممۇ چاغلىق .
ۋەلى بولمىغان بولسا مەن ئالىي مەكتەپنى خاتىرجەم ئوقۇپ پۈتتۈرەلمەيتتىم .
ھازىرقى كۈنۈمنى ۋەلى ماڭا بەرگەن دىسەممۇ بۇلىدۇ . ئۇ ھەم مىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم .
ئۇنىڭ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ ئورۇقلاپ كەتكەن تۇرقىغا ، بىلەكلىرىدىكى تاتۇقلارغا ، تاماكا يېقىلغان ئىزلارغا قاراپ يۈرىكىم پۇچىلاندى . ئۇ مىنى ئەمدى بەخىتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ، ماڭا ھىچنىمە بېرەلمەيدىغانلىقىنى ، ئۆزىنى قايتا ئىزدىمەسلىكىمنى ئېيتتى . ئۇنىڭ قانداقلارچە ئۇ نىجىس تاماكىغا ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى بىلمىدىم . ئېيتىپ بېقىڭە ، مەن ئۇنى شۇنداق ھالەتتە تاشلاپ قويارمەنمۇ !؟
ئۇ يەنە ئىككى ئۈچ ئايدىن كىيىن تۈرمىدىن چىقىدۇ . مەن قەتئىي نىيەتكە كەلدىم . مەن ئۇنى چۇقۇم ئۈزۈل
- كېسىل تاشلاتقۇزىمەن .
بىلىمەن ، بۇ قارار بەك رەھىمسىزلەرچە چىقىرىلدى . سىزگە ئادىللىق بولمىدى .
سىزگە « مىنى كەچۈرۈڭ » دىيىشكىمۇ يۈزۈم چىدىمايدۇ ›
ئۇف ... ! نەچچە تامچە ياشنىڭ كۆزۈمدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدىم .
خىياللىرىم تاماكامنىڭ ئىسىدا ئاستا - ئاستا لەيلەپ ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا قۇچاق ئاچتى . تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ،چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئارزۇيۇم بولغاچقا ، شەھىرىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ئالغاندىن كىيىنمۇ مەكتەپكە تىزىملىتىشقا بارمىدىم . ئاپام ، داداملارنىڭ يالۋۇرۇشلىرى بىلەن ئاخىرى ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى مەكتەپكە كەلدىم . نەرسە - كېرەكلىرىمنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ، مەسئۇل ئوقۇتقۇچىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ سىنىپنى تاپتىم . ئەمدىلا سىنىپنىڭ ئىشىكىنى چىكىشىمگە ، كارىدورنىڭ ئۇ بېشىدا تۇرۇپ نىمىلەرنىدۇ تالىشىۋاتقان ئىككى كىشى دىققىتىمنى تارتتى . شۇ ئەسنادا ناۋايغا پۇل بىرىپ قاسساپقا قاراپ مۇئەللىمنىڭ « كىرىڭ! » دىگەن سۆزىنىمۇ ئاڭلىماپتىمەن . ئىشىكنى يەنە چەكتىم . ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ھاڭۋېقىپلا قاراپ تۇرۇپ قالدىم . ئالدىمدا شۇنچىلىك چىرايلىق بىر قىز تۇراتتى . ئۇنىڭ ئاپئاق سۈزۈك تېرىلىرى ، تەبىئىي ئىگىلگەن ئۇزۇن كىرپىكلىرى ، قاپقارا مۇنچاقتەك كۆزلىرى ، كىچىككىنە نىپىز لەۋلىرى ، ناھايىتى سۇس قىلىنغان گىرىملىرى ... ئىشقىلىپ قىسقىغىنا شۇ دەقىقىلەردە قىزنىڭ ھەممە يېرىگە سەپسېلىپ ئۈلگۈردۈم . بۇسۇغىدىن بىر پۇتۇمنى ئېلىپلا ، « توۋا نىمانداق ئۇماق » دەپ سالغىنىمنى ئۆزۈممۇ تۇيماي قاپتىمەن . سىنىپ ئىچىدە پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلگەندىن كىيىنلا ئىسىمنى يىغىپ ، مۇنبەرگە يۆلىنىپ تۇرغان مۇئەللىمگە قارىدىم .
- ھە، ئۆزلىرى ئەكبەر قارىم بۇلاملا ؟
- قايۋاقتىكى گەپنى قىلىلا مەلىم ، داموللا دىسىلە ، داموللا ، - چاچلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتكەن بۇ مۇئەللىمنىڭ چاقچاقچى ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغاچقا مەنمۇ مۇئەللىمگە چاقچاق ئارىلاش جاۋاب قايتۇردۇم .
- ۋوي ، داموللىلىق دەرىجىسىگە ئۆتۈپ بولغان دىگۈنە ، بۇنىڭدىن كىيىن كۆپرەك تەلىم بېرىپ تۇراسەن جۇما ، تاھارەت ئېلىشقا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىۋەتتىڭمۇ نىمە ، كېچىكىپ قالدىڭغۇ ، جامائەت ساقلاپ كەتتى سىنى ،-سىنىپتا يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى . مۇئەللىم «جايىڭغا بېرىپ ئولتۇر» دىگەننى ئىشارە قىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى .
ئىشىكنى ئاچقان قىز يەنە بىر قىز بىلەن بىللە بىرىنچى پارتىدا ئولتۇرغان ئىدى . قىزغا لەپپىدە بىر قاراپ قويدۇم - دە ، مۇئەللىمگە :
- مۇئەللىم ، گەرچە كېچىكىپ قالغان بولساممۇ ، سىزگە كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى . ئىجاۋەت بولۇرمىكى ،- دىدىم.
- ھە ، داموللام دىگۈنە قېنى .
- مەن تۇنجى كۈنىلا كىچىكىپ قېلىپ ، ئەھلى جامائەتنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم . بۇ گۇناھىم ئۈچۈن ئۆزەمگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرەيمىكىن دىگەن . بىرىنچى پارتىدا ئولتۇرسام ، بۇنىڭدىن كىيىن ئىشىك ئېچىش ئىشلىرىغا مەن مەسئۇل بولسام قانداق دەيسىز ؟
سىنىپ ئىچىدە يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى . مۇئەللىمنىڭ جاۋابىنى كۈتمەستىنلا ، بىرىنچى پارتىدا ئولتۇرغان يەنە بىر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ قاراپ تۇردۇم . ئۇ قىزمۇ ئۆزىنى بىلىپلا ئاستا تۇرۇپ كەينىدىكى پارتىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ بىرىنچى قەدەمدە ھېلىقى پەرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم . نېمىشقىكىن يۈرىكىم گۈپۈلدەپ سوقۇپ ئارام بەرمەيتتى .
- ھە ساۋاقداشلار ، ئوقۇش باشلىغان تۇنجى كۈنى ئۆزىمىزنى بىرەر قۇر تونۇشتۇرۇپ چىقساق قانداق ؟ ئەكبەر داموللام بىرىنچى پارتىدا ئولتۇرغانكىن ، سەن ئاۋال باشلاپ بېرە .
- مەن ، مەن ... شۇ ئەكبەر . ئۆزۈم چىقىشقاق ، ئانچە - مۇنچە ناخشا پاخشا ئېيتىپ قويىمەن .
- ھە ، ئانچە - مۇنچە دۇتتارمۇ چېلىپ قويىسەن دەيلى ،- مۇئەللىم گەپ قوشتى .
- قېنە ، پەيزىڭنى بىر كۆرەيلى ، بىر پەدە ناخشاڭنى باشلىغىنە .
چاۋاك كۆتۈرۈلدى .
- ھە بوپتۇ ئەمسە ، قەلبىمدىكى گۈلۈم ئۈچۈن بىر ناخشا ئېيتاي ، - گېلىمنى قىرىپ قويۇپ ناخشامنى باشلىۋەتتىم .
ھاۋادىن ئۇچۇپ چۈشكەن ،
قارمىدۇ ، يامغۇرمىدۇ .
مەن ئەقىدە باغلىغان ،
يايرىم باغرىڭ تاشمىدۇ .
كۆيەپ قالدىم دىسەممۇ ،
پەرۋايىڭ يوق مەن بىلەن .
كۆيگەنىمنى بىلەمسەن ،
مەن ئازاپلانغان بىلەن .
بۇ ئۆز - ئارا تونۇشۇشتا يېنىمدىكى گۈلۈمنىڭ ئىسمىنىڭ رەيھان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم . سىنىپ باشلىقى سايلايدىغان چاغدا ساۋاقداشلار داموللا دىسە داموللا دەپ سىنىپ باشلىقىمۇ بوپ قالدىم . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ داموللا دىگەن سۆز ماڭا لەقەم بوپ قالدى . مۇشۇ ناخشىنى گۈلۈمگە قانچە قېتىملاپ ئېيتىپ بەرگىنىمنى
بىلمەيمەن . يولدا ماڭساممۇ ، تاپشۇرۇق ئىشلىسەممۇ بۇ ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتىمەن . كىيىن ، گۈلۈمنىڭ ۋەلى ئىسىملىك مۇھەببىتى بارلىقىنى بىلدىم ، ئەمما ئۇلار توي قىلغۇچە قوغلىشىش ھوقۇقۇم بارغۇ دىگەن نىيەتتە ، ئىزچىل تۈردە ئۇنى قوغلاشتىم . ئۇ ئېغىر - بېسىق ، كۆپ گەپ قىلىشنى خالىمايتتى . شۇڭا ھەر كۈنى دىگۈدەك بىر ئاماللارنى قىلىپ ، قىزىق گەپلەرنى تېپىپ ئۇنى كۈلدۈرۈشنى ئويلايتتىم . ئۇنىڭ ئۆزى كۈلسىمۇ كۆزى كۈلمەيدىغان ئاشۇ غەمكىن چىرايىغا قاراپ ، ئۇنىڭغا قىلچىلىك ئازار بەرگۈم كەلمەيتتى ... ... ئاھ ، ئەسلىمىلەر ! خىياللىرىمدىن ئۆزۈمنى تارتتىم . قىسقىسى ،ئاخىرىنى خىيال قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم . ئاجراشتۇق . ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاق تاماقنى ئۈن - تۈنسىز ئولتۇرۇپ يەپ خوشلاشتۇق . ئۇنىڭ جۆدەپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى .
ئۇ مەندىن خېلى ئۇزىغاندا ، پۈتۈن غەيرىتىم بىلەن ئۇنى چاقىردىم .
- رەيھان !
ئۇ ئۆرۈلۈپ ئاستا ماڭا قارىدى .
- بەختلىك بول !
مەنبە :-سىرلىق تور بىتى |
|