تۈنجى قار تۈنجى قاردىن ئاق لىباس كەيدى زىمىن، دەل-دەرەخمۇ ئارتتى ئاق شايە رومال. سوغ- بېزەكچى ئەينەككە سىزسا رەسىم، جاندىن ئۆتەر قىشتىكى سوغۇق شامال.
پۇركۈنۈپتۇ كەڭ دالا پەرەنجىگە، بارچە گىيا كۆمۈلۈپ قار ئاستىغا. چاتقال ئارا سەكرىشەر توشقان ئەنە، قۇشلار سوغدىن مۇكۇشەربىر دالدىغا.
ئىگىز تاغلارماتەمدەسۈكۈت قىلسا، ئۇندا قارغاي قار كېچىپ مەزمۇت تۇرار. پىسەنت قىلماس زىمىستان چاپقۇنىغا، قار ئۈستىدە قايتىدىن بەزمە قۇرار.
دەريا سۈيى ھالسىراپ ئېغىر تىنىپ، قىرغاقتىكى شۈرمەلنى يالاپ ئۆتەر. قانچە ياغسا چۆمكەلمەس ئېقىنىنى ، دولقۇنلىرى دولقۇنلاپ باھار كۈتەر. مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-6 16:44
|