ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بىر قىزنىڭ نىداسى -ئەر بامۇ؟
كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 16
go

بىر قىزنىڭ نىداسى -ئەر بامۇ؟  

Rank: 8Rank: 8

توردا
352سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
443 
تېما
108 

ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن تۆۋەندىكى شېئىرىمنى جەمىيەتتىكى بىر قىسىم «ئېسىل» يىگىتلەرگە قارىتا يازغان، بەزى بىر قىسىملار باركەن خامىيلون كەبى ئۆزگىرەلەيدىغان، بەزى جايلاردا شۇنچىلىك ئېسىل پەزىلەتلىك بۇلالايدىغان، بۇنداق جايلاردا جەمىيتىمىزدە يامان نامىنى ئېلىپ قېلىۋاتقان قىزلىرىمىزنى تىللاپ بىر نىمىگە ئوخشىتىپ قويىدىغان ، بىراق ۋاقتى كەلگەندە شۇنداق قىزلارنى بىر سورۇن بۇلۇشقا تەكلىپ قىلىپ توسۇز ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆ قولى بىلەن ھاراق تاماكا سۇنىدىنغان، مەن بۇ ئەسىرىمنى شۇنداقلارغا قارتا يازغان ، مۇنبەرداشلارنىڭ قالايمىقان ھالدا ئۆزىگە ئېلىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەر بامۇ؟......
ئەجىر قىلىپ، تەر تۆكۈپ ئۇرۇق سالسا دېھقانلار،
قۇرۇق قۇيۇپ ئەجىرنى ئۇزۇق بەرمەس يەر بارمۇ؟؟؟
جاپاكەش شۇ دېھقاندەك ئەجىر تۆكۈپ تەر تۆكۈپ،
ئادالەت دەپ قەدەملەر ئالىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

بۈگۈن كۈندە ھەممىسى قاقشايدىكەن قىزلاردىن،
ئەمەس قىزلار ئۇلارچە، ئەخلاقلىق ھەم ئۇزلاردىن.
ئىزدەپ باقماس ئۆزلىرى يۈتۈپ كەتكەن ئىزلاردىن،
چىراي ئەمەس قەلبىنى سۆيىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

بۇزۇلدى دەپ قىزلارنى تىللايدىكەن كەينىدىن،
ھاراق ئىچىپ چېكىشتە يېنىشمايدۇ پەيلىدىن،
تۈن كېچىدە دالدىدا كېلىشمەيدۇ « سەيلىدىن»
لېكىن مەيدە ئۇرۇپ ھەم توسايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

شاراپ سۇندى قىزلارغا غەيۋەت قىلغان يىگىتلەر،
مەس قىلىشتى، كۆڭلىگە پۈكۈپ رەزىل نىيەتلەر.
شاراپ ئىچمەس قىزلارغا مۇش كۆتۈردى «ئەزمەتلەر»
قېنى، ئاجىز قىزلارنى قوغدايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

كەلتۈرگىچە قىزلارنى ئاپپاق دەيدۇ، ئۇز دەيدۇ،
بەزى شەرتكە كۆنمىسە« ئۆمۈرلۈكقۇ بىز » دەيدۇ.
ئېرىشىدۇ كۈتكەنگە« نېرى تۇرغىن بەز» دەيدۇ،
مەسۇليەتنى ئادا قىپ ياشايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

ياغلىق ئارتقان قىزلارنى «موماي» دېدى بەزىسى،
يوپكا كەيسە ھەم شۇندا «مەتو» بولدى بەلگىىسى ،
ئوچۇق يەرلەر كۆپەيسە خۇشال بولدى بەزىسى ،
«بىر ماڭىلا تەئەللۇق، ياپقىن» دېگەن ئەر بارمۇ؟؟؟

يېقىلسا گەر يوللاردا مەنپەت ئۈچۈن يۆلەيدۇ،
«بىخەتەر» دەپ قىزلارنى ياتاقلارغا زورلايدۇ،
تېيشسا گەر بىچچارە« بىكارغا ئىش بامۇ»دەيدۇ،
مېھىر ئۈچۈن قىزلارنى يۆلەيدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

بىلىپ- بىلمەي تالاي قىز پېتىپ قالدى پاتقاققا،
دېيەلمىگەچ دەردىنى ئەتراپىدىكى تۇنۇش «ياتقا»،
ئىلاج يوقتۇر ئاقىۋەت « بۇزۇق » نامنى ئالماسقا،
كۆكرەك كېرىپ پاتقاقتىن تارتىدىغان ئەر بارمۇ؟؟

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2- كۈنى ئاقسۇ (مۇسلىمە0997)

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
223 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى چىقىپتۇ،مېنىڭمۇ شۇنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ:
‹ ئەر ئەمەس،ئەركەك بارمىدۇ؟؟›

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
52 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بار لىكىن ئاز دەپ ئويلايمەن .بەك ياخشى چىقىپتۇ بەك تىرىشچان بۇلۇپ كەتتىڭىز جۇمۇ مۇشۇ كۇنلەردە .داۋاملىق تىرشىڭ خۇدا قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.

توردا
759سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
873 
تېما
90 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
summayya يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 20:37
بەك ياخشى چىقىپتۇ،مېنىڭمۇ شۇنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ:
‹ ئ ...

نىمە دىسەم بۇلا .......؟

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
223 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
uyguhur يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 21:05
نىمە دىسەم بۇلا .......؟

نىمە دىگۈڭىز كىلىۋاتىدۇ،ئۇيغۇرجان؟؟
ياكى مەن سوراشقا تىگىشىلىك بولمىغان سوئالنى سوراپ قالدىممۇ؟؟

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش summayya نىڭ يازمىسى

مەنچە ..بار لىكىن ئۇلار ئاز.ھازىر ياشلارغەرىبنىڭ مۇدىللىرنى بىرىنچى بۇلۇپ قۇبۇل قىلماقتا..شۇسەۋەپلىك ياخشى سەمىمى باللار دۆت -مۆرىمەس بۇلۇپ .ئوغوللار-قىزلارنىڭ مەسخىرەقىلدىغان نىشانى بۇپ ئۇزىنى ئاشكارلىيالمايۋاتقانلارمۇ بار

Rank: 8Rank: 8

توردا
148سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
204 
تېما
136 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش summayya نىڭ يازمىسى

ياخشى يېزىلغان شېئىركەن.شۇنداق ئەرلىرىمىزمۇ بار.لىكىن ھىلىقىنداق ئەرلەر كۆپۈيۈپ كېتىپ بارامدۇ قانداق؟؟.........

توردا
74سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
28 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن كىيىن قالغاندەك قىلىۋاتىمەن شۇنداقتىمۇ ئىككى ئىغىز سۆزلەپ قوياي . ياخشى يىزىپ سىز يەنىمۇ تىرىشىڭ ، شۇنداق ئەركەكلەرمۇ بار لىكىن ئازساندا ، ھازىر مودىلىشىپ كىتىۋاتىدۇ ،شۇنداقلا سودىلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. مەن ھىلىقى مودا بولدى ئاجرىشىش دىگەن شىئىردا يازغاندەك . مودا ھەي مودا ئاخىردا ھاياتىمىزدىن قىلىسەنغۇ جۇدا ،بولدى كۆپ سۆزلەپ كەتمەي .

توردا
32سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
256 
تېما
47 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ قالتىس ياخشى يېزىلغان شىئىرىكەن .

توردا
155سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
137 
تېما
15 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ياخشى چىقىپتۇ . بولسا يىگىتلىرمىز ئويغىنىپ ۋىجدانى غورورى بىلەن ياشىغان بولسا قىزلارمۇ بۇنداق يوللارغا ماڭمايىتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-10 15:59

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.