ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سەھىرالىقنىڭ كەچۇرمىشى
كۆرۈش: 2007|ئىنكاس: 19
go

سەھىرالىقنىڭ كەچۇرمىشى    

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 14:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سەھىرالىقنىڭ كەچۇرمىشى
ھىكايە

بۇگۇن ئەتتىگەن سەھەردە ئۇرۇندىن تۇرغان مامۇت دادىسغا ياردەملىشىپ ئىغىلىدىكى قۇي كاللارغا يەم خەشەك بىرىپ ئەتتىگەنىلىك تامىقىنى يەپ بۇلۇپ دادا مەن بۇگۇن شەھەرىگە كىرىپ چىقايمىكىن دىدى. دادىسى ناسىىر كۇلۇپ تۇرۇپ بۇلىدۇ بالام چىقىپ ئۇيناپ كىرىگىن بىر يىل ئىتىزىدا ئشلەپ جاپا چەكتىڭ بۇگۇن بارساڭ قاچان قايتىپ كىلىسەن دەپ سۇردى.
دادا كەچتە قايىتپ كىلەرمەن دەپ جاۋاپ بەردى مامۇت .
ھە.. . مۇنداق قىل بالام بۇگۇن كۇنگە شەنبە بىرىپ بۇلغۇچە چۇش بۇلىدۇ ناھيە بازىرى يىراق بىرىپلا قايتىپ كەلسەڭ بازار كۇرمەمسەن شۇڭا ئەتە كەچتە قايتىپ كەلگىن لىكىن يۇلدا ۋە كۇچىدا بىخەتەرىلككە دىققەت قىل مىنىڭ سەندىن باشقا ھىچنىمەم يۇق بۇلامدۇ ؟
- بۇلىدۇ دادا لىكىن سىز يالغۇز قالىسىز مەيلىمۇ ؟
- مەيلى بالام ئەنىسرمە . دەپ بۇۋاي يانچۇقىدىن 100يۇئەنلىك پۇلدىن 10تال ئايىرىپ ئالە بالام بۇنىڭغا ئۇزۇڭگە قىشلىق كىيم ئىلىپ كەي قالغننى خىراجەت قىل سەنمۇ چۇڭ بۇلۇپ قالدىڭ بۇ يىل ساق 20 گە كىرىپسەن سىنى يا تۇزۇك ئۇقۇتالمىدىم ئاناڭ رەخمەتلك ئۇلۇپ كەتكەندىن بۇيان مەن بىلەن يەر تىرىپ بىللە ئشلىدىڭ شۇڭا سىنىڭمۇ كۇڭلىڭ خۇش بۇلسۇن بالام دەپ كۇزىگە ئىسسىق ياش ئالدى . مامۇتنىڭمۇ كۇزىگە ياش لىغىرىلاپ كەپ قالغان بۇلسمۇ چاندۇرماي ، دادا بۇ پۇل بەك كۇپكەن مەن...........
بۇلدى ئال دىگەنىدىن كىيىن ئالە بالام ئىشىپ قالسا سەنمۇ تاشلىۋەتمەيسەندە ،دەپ مامۇتنىڭ چاڭگلغا تۇتقۇزىدى.
مامۇت ماقۇل دادا دەپ پۇلنى ئىلىپ ناھىيە بازىرغا بىرىش ئۇچۇن غىر بانە كەپىسىدىن ئايرىلپ چۇڭ يۇلغا چىقىپ ناھيەگە قاتنايدىغان ئاپتۇبۇسنى ساقلاپ تۇراتتى . ئۇزۇن ئۇتمەي كۇنا بىر ئاپتۇبۇس كىلىپ مامۇتنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇختىدى . شۇپۇر ئۇستام ئۇكامۇي نەگە بارسەن دەپ سۇردى دەرىزىدىن بىشنى چىقىرىپ .
ناھىيە گە بارىمەن ئۇستام مىنى ئالغاچ كىتەمىسز دەپ سۇردى ئەدەپ بىلەن .
چىقە ئۇكا لىكىن سەن ئۇلتۇرغۇدەك ئۇرۇن يۇق مەيلىمۇ دىدى شۇپۇر ئۇستام .
مەيىلى ئۇستام مەن ئۇرە تۇرساممۇ بۇلىدۇ ، دەپ ئاپتۇبۇسقا چىقىتى دىگەندەك ئاپتۇبۇس ئىچى شۇنداق قىستاڭچىلىق ئىدى، بۇ يۇلدا كۇندە ئىككى قىتىم ئاپتۇبۇس قاتنايتى بۇ ئاپتۇبۇس 1-قىتىم قاتنايدىغنى بۇلۇپ چۇشتىن كىين قالسا مامۇت قاراڭغۇ چۇشكەندە مەنىزىلگە يىتىپ باراتتى شۇڭا ئۇ ئككلەنمەيلا ئاپتۇبۇسقا چقىتى ،ئۇ قىستىلىپ دىگۇدەك ئىشىك تۇۋىدە ئۇرە تۇراتتى ئاپتۇبۇس ناھىيە بازىرىغا بىرىش ئۇچۇن بىر نەچچە يېزنى كىسىپ ئۇتەتتى مەلۇم بىر يېزىغا يتىپ كەلگەندە مۇشۇ يېزىدا بىر نەچچە ئادەم چۇشۇپ قالدى ئاپتۇبۇس ئىچى سەل شالاڭلاشتى مامۇتمۇ سەل ئازادىلىك ھىس قىلىپ بىر دەم سىرتىقا قارسا بىردەم ئاپتۇبۇس ئىچىدىكىلەرىگە قارايتى كۇڭلىدە ناھىتى خۇشالدەك كۇرنەتتى . ئاپتۇبۇس بىر مەزىگىل ماڭغاندىن كىيىن ئاستا تۇختىدى ئىشىك ئىچىلىپ 65ياشلار ئەتىراپىدىكى بىر مۇماينى 18ياش ئەتىراپىدىكى بىر قىز يۇلەپ ماشىنغا چىقاردى ، ئۇلار قىستلىپ ئىشىك تۇۋىدە ئۇرە تۇردى بۇنى كۇرىگەن مامۇت تۇز كۇڭۇللۇك بىلەن چۇڭ ئانا يۇقۇرىغا چىقىۋالسلا سىڭلىم سىزمۇ يۇقۇرغا چىقىۋىلىڭ مەن ئۇرۇن ئالمىشاي دەپ مۇماينى يۇلەشتۇرۇپ ئۇستىگە چىقاردى ۋە ئۇزى ئىشىك يۇلەپ تۇردى مۇماي رەخمەت بالام دەپ قۇيدى يۇ باشقا گەپ سۇز قىلمىدى، ماشىنا ئۇڭغۇل دۇڭغۇل يۇللارنى بىسىپ بىر خىل رتىمىدا كىتىۋاتاتتى قىزچاق مۇما ينى يۇلەپ تۇرۇپ پات- پات مامۇتقا قاراپ قۇياتتى مامۇت بىلەن كۇزىلىرى ئۇچىرىشپ قالغاندا مامۇت خىجىللىق ھىس قىلىپ يەرىگە قارۋالاتتى ،
ماشىنا ئىچىدىكلەر بۇ بالىنىڭ ئاقكۇڭۇللۇككە ۋە مۇمايغا ئازادە شارائىت يارتىپ بەرىگنگە ئاپىرىن ئۇقۇشتى بىراق ئۇزى ئۇلتۇرغان ئۇرۇننى بۇشۇتۇپ بىرىشكە كۇڭلى ئۇنىمايىتى چۇنىك يۇل يىراق يۇل جاپاسى چىكىشكە ھىچكىمنىڭ كۇڭلى ئۇنىمايتى. مۇماي يۇلنىڭ ئىگىز پەسىلىگىدىن ئۇرە تۇرالماي قىينالماقتا ئىدى بۇنى كۇرىگەن مامۇتنىڭ ئىچى بىرقىسىم بۇلۇپ ئالدنىقى قاتارىدا ئۇلتۇرغان يالاڭباش 25ياشلاردىكى بىر بالغا ئاكا بۇ مۇمايغا ئۇرنىڭىزنى بىرەمسىز ؟ دەپ ئۇتۇندى .
ۋۇي مەن بۇ ماشىنغا پۇل بىرىپ چىقىتىم نىمە دەپ ئۇرۇن بىرەتتىم دىدى قۇپاللىق بىلەن مامۇت ئۇڭايسىزىلىنىپ ئاكا بۇ مۇماي ئۇرە تۇرالمايۋاتىدۇ شۇڭا .... گەپنىڭ ئاخىرى چىقماستنلا ئۇ يىگىت ئۇكامۇي سەن تۇلا گەپ قىلماي بۇ ئۇرۇننى بۇ ئاچىمىزىغا ئىلىپ بىرىش نىيتىڭ بۇلسا ماڭا پۇل بەر ئاندىن بىرەي دىدى مەسخىرە قىلىپ ،
مامۇت ئۇيلىنىپ ئۇلتۇرمايلا ئاكا نەچچە پۇلغا بۇشتىسز بۇ ئۇرۇننى دەپ سۇرىدى
100يۇئەن دىدى ئۇ خىيالىدا بۇ پۇلنى چىقىرالمايدۇ دەپ ئۇيلاپ . بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتى مامۇتقا يۇزىلەندى .
مامۇت ئىككلەنمەيلا يانچۇقىدىن 100يۇئەنلىك پۇلندىن بىرنى چىقىرىپ ئۇ يىگىتكە تەڭلىدى .
ئۇ يىگىت بىر پۇلغا قاراپ بىر مۇمايغا قارايىتى بىر تۇرۇپ ئەتىراپىدىكلەرىگە قارايتى يۇزىلىرى قىپ- قىزىل بۇلۇپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى يا پۇلنى ئىلشقا جۇرئەت قىلالمايتى ۋە ياكى ئۇرۇننى بۇشتۇپ بىرشىكە كۇڭلى ئۇنىمايتى ، نىمە ئامال ئۇزى ئاغىزىدىن كەتتى دە . ئامالىسز 100 يۇئەن پۇلغا كىشلىك غۇرۇرنى سىتىپ سالغانغا مىڭ پۇشايمان يەپ پۇلنى ئالدى دە ئۇرۇننى بۇشتۇپ بەرىدى ، مامۇت چۇڭ ئانا كەلسلە بۇ ئۇرۇندا ئۇلتۇرۋالسلا دەپ مۇماينى يۇلەشتۇرۇپ ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرغۇزىدى .
ماشىنا ئىچىنى غۇلغۇلا قاپلىدى ھەممە ئادەم مامۇتقا ئاپىرىن ئۇقۇدى مۇمايمۇ ۋە ئۇنىڭ نەۋىرسمۇ پات- پات مامۇتقا قاراپ قۇياتتى .
ھىلىق يىگىت بۇلسا سۇغا چۇشكەن مۇشۇكتەك ئۇرە تۇراتتى ئۇنىڭ بىشنى كۇتۇرىگىدەك ھالى يۇق ئىدى.
بۇ ئىشلارنى كۇرۇپ تۇرغان شۇپۇر ئۇستام كۇلۇپ قۇيۇپ ماشنسىنى ھەيدەشنى داۋام قىلماقتا ئىدى ،ئۇمۇ كۇڭلىدە مامۇتقا قايىل بۇلغان ئىدى .
ماشىنا ھالاھەزەل 3 4 سائەت يۇل يۇرۇپ ناھىيە مەرىكىزىدىكى بىكەتكە كىلىپ تۇختىدى ، ھەممە ئادەم ماشىنىدىن چۇشۇشكە ئەلىدىرايىتى مۇماي ئۇنىڭ نەۋىرىسى ۋە مامۇت ئەڭ ئاخرىدا قالدى مامۇت مۇماينى يۇلەشتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ماشىنىدىن چۇشتى .
پەستە شۇپۇر ئۇستام كىرا يىغۋاتقان بۇلۇپ مامۇت ئۇستام ماۋۇ پۇلنى ئىلىپ قۇيسلا مانا بۇ 3كىشلىك كىرا دەپ 100يۇئەنلىك پۇلدىن بىرنى تەڭلەپ تۇراتتى ، شۇپۇر ئۇستام كۇلۇپ تۇرۇپ ئۇكام ئسىمىڭ نىمە دەپ سۇرىدى .
مامۇت دىدى ئۇ.
- ھە مامۇت .... ئاتا ئاناڭ دىھقانمۇ؟
- شۇنداق ئۇستام ، دادام دىھقان ئانام ئۇلۇپ كەتكەن دەپ جاۋاپ بەرىدى .
بۇنى ئاڭلاپ مۇماي ۋە ئۇنىڭ نەۋىرىسى نىمە قىلارنى بىلمەي قاراپ تۇراتتى .
- ئۇكا سەن بۇلارنى بۇرۇن تۇنۇمتۇڭ دەپ سۇرىدى .
- ياق ئۇستام تۇنۇشمايمىز دەپ جاۋاپ بەرىدى.
ـ ھە مۇنداق دە ھەققىتەن ياخشى بالا ئىكەنسەن ، مەن ئاڭلىغان دىھقان باللىرى بەك ئاقكۇڭۇل كىلىدۇ دەپ راستىنلا شۇنداق ئىكەن بۇگۇن ئشەندىم .
- ھە سىڭلىم سىلەر قەيەرىدىن - دەپ سۇئالنى يۇتكىدى.
بىز دۇڭ قۇم يېزسىدىن دىدى قىز پەس ئاۋازىدا .
ناھىيەگە نىمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار دەپ سۇرىدى شۇپۇر ئۇستام .
- ئاپام مۇشۇ ناھىيەدە تىجارەت قىلاتتى مەن مۇمامنى بىر مەزىگىل مۇشۇ يەردە تۇرغۇزۇپ باقايىلى دەپ ئىلىپ كىلىشىم دىدى قىزچاق .
شۇپۇر ئۇستام بۇ ئىككى ئائىلنڭ بۇنداق مىھىرىبانىلقىغا قايىل بۇلدى بۇلغاي كۇلۇپ تۇرۇپ ئۇكا بۇ پۇلنى مەن ئالمايمەن سەن بۇگۇن ئۇغۇل باللقىڭنى ۋە كىشلىك مىھىرى مۇھاببەتنى ماڭا قايتا تۇنۇتتۇپ قۇيدىڭ ، سىلەرنى مەن بىكارغا ئەكىلىپ قۇيغان بۇلاي دەپ ماشنسنىڭ ئشىكىنى ياپتى ، مامۇت رەخمەت ئۇستام دەپ ئۇزنىڭ رەخمىتىنى بىلىدۇرىدى ، شۇپۇر ئۇستام مامۇتقا ئۇكام بۇندىن كىيىن قانداق ۋاقىتتا مىنىڭ ماشىنامغا چىقساڭ ھەقىسىز مۇلازىمەت قىلىمەن جۇمۇ سەن ئۇچۇن دەپ كۇلۇپ قۇيدى .
مۇماي بالام رەخمەت ساڭا ئالە ماۋۇ 100 كۇي پۇل مەن ساڭا قايتۇرۇپ بىرەي دىدى .
مامۇت ياق چۇڭ ئانا بۇ منىڭ مەجبۇريتىم ، بۇلدى سالامەتلىكلىرنى ئاسىرىسلا دەپ بىكەتتىن چىقىپ كەتتى .مۇماي ۋە نەۋىرىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدى .
مامۇت قۇسقىنى تۇقلىۋىلىپ كىچىدە ياتىدىغان ياتاقنى ئىلىۋىلىپ بازار كۇرۇشكە ئاتلانىدى .
مۇماي بىلەن نەۋىرىسى ئۇيگە قايتىپ كىلىپ يۇلدا بۇلغان ئىشلارنى ئۇيدىكلەرىگە بىرمۇ - بىر سۆزىلەپ بەرىدى . قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى مامۇتنى كۇرمىسمۇ لىكىن كۇڭلىدە ئۇنىڭغا قايىل بۇلدى ھەمدە قىزى ساچىدەمنى شۇنداقراق بىر ياخشى بالىغا ياتىلىق قىلىشنى ئارىزۇ قىلىشتى .
ئەمدى گەپنى مامۇتقا يۇتكسەك . مامۇت بازار ئارىلاپ ئۇتۇرا بازارغا كىرىدى كۇڭلىدە داسىغا ۋە ئۇزىگە بىرىدىن قىشلىق چاپان ئىلىشنى خىيال قىلىپ دۇكان كۇرۇپ بىر دۇكانغا كىرىدى دە ئۇزى ۋە دادىسغا بىردىن ئىككى چاپان تاللىدى ، دۇكان خۇجايىنى ئۇنىڭغا ئۇكا بۇ كيىملەر قىممەت سىز ئالالماسسىزمىكىن دىدى.
مامۇت ئاكا بىز دىھقانلارمۇ ئادەمغۇ نىمىشقا قىممەت كىيىم كەيسەك بۇلمىغۇدەك ئالدى بىلەن باھا ئيىتسلا مال سىلىنىڭ پۇل مىنىڭ باھادا كىلشەلسەك ئالىمەن بۇلمىسا ...... دەپ كۇلۇپ قۇيدى ،
دۇكاندار بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئۇڭايسىزىلاندى بۇلغان ئۇكا بۇ ئىككى چاپانغا 250يۇئەن بەرسىلە دىدى.
مامۇت كۇلۇپ تۇرۇپ:

- ئۇستام مانا ئاران 250 يۇئەنكەنغۇ مانا دەپ 250يۇئەن پۇلنى تەڭلىدى . دۇكاندار بۇ ئىككى چاپانغا ئەسلى باھاسدىن70 يۇئەن يۇقۇرى باھا قۇيغان بۇلۇپ كۇڭلىدە 200يۇئەنگە ئالسا ساتاي دەپ ئۇيلغان ئىدى قۇلىدىكى 250يۇئەن پۇلنى كۇرۇپ بىر دە خۇشال بۇلسا بىرىدە ئاچكۇزىلۇك قىلغىنىغا كۇڭلى يىرىم ئىدى . ئۇ ئۇيلىدى بىركۇن مال سىتىپ 50يۇئەن پايدا ئالالمايمەن بۇپتۇ بۇ گۇن تىخى سۇدا قىلمىغان ئىدىم بۇمۇ ياخشى باشلىنىش بۇلدى دەپ ئۇيلىدى دە چاپانلارنى خاشۇ خالتىغا سىلىپ بالنىڭ قۇلغا تۇتقۇزۇپ تۇرشغا قىزى كىرىپ كەلدى دادا تاماق ئەكەلدىم يەۋىلىڭ دەپ دادىسغا قۇلىدىكى تاماق قاچىسنى تەڭلىدى ، بۇ ئاۋاز مامۇتقا تۇنۇشتەكلا بىلىنىدى ، مامۇت قىزىغا قارىدى قىزمۇ مامۇتقا قارىدى ، مامۇت كۇلۇپ قۇيۇپ سىرتقا ماڭدى ، قىزنىڭ بۇ يىگىتكە بۇنداق تىكىلىپ تۇرشىدىن گۇمانلانغان دادا قىزىم ماڭ ئشىڭنى قىل ئۇ سەھىرالىققا نىمانداق تىكىلىپ قارايسەن سەن سەھىرالقلارنى كۇرمىگەنما دەپ دۇق قىلىدى .
- دادا دىدى قىز سىز بىلمەيىسز ئۇنداق سەھىرالقلار سىز بىزىدىن ياخشى ، دەپ جاۋاپ بەردى ،
-نىمە دەيسەن قىزىم بۇ قانداق گەپ دەپ سۇرىدى دادا .
دادا بۇ بالا چۇڭ ئاپامغا يۇلدا ياردەم قىلغان بالا شۇ .
- نمە بۇرۇنىراق دىسەڭ بۇلمامدۇ. دىدى دادا ئۇڭايسىزلىنىپ ئۇزنىڭ سۇدا جەريانىدا قىلغان ئاچكۇزىلۇككە ئۇڭايسىزلىنىپ . يۇرىكى بىرنىمىنى سىزىگەندەك بۇلۇپ ئۇ بالىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ كەتتى مامۇتمۇ بەك يىراق كەتمىگەن ئىدى ئۇكا دىدى دۇكاندار سىزىگە يانىدۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك پۇلنى قايتۇرماپتىمەن يۇرۇڭ دۇكاندىن ئىلىۋىلىڭ دەپ مامۇتنىڭ قۇلىدىن تارتىپ ئۇنىمىغانغا ئۇنمىاي دۇكانغا ئىلىپ كىرىدى ۋە قۇلغا 50 يۇئەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ بۇ ئاشقان پۇلىڭىز دىدى ، مامۇت نىمە ئىش بۇلغىننى بىلمەي تۇرۇپ قالدى ، دۇكاندار يەنە بىر شىمنى مامۇتقا تۇتقۇزۇپ بۇ مىنىڭ كۇڭلۇم دەپ خالتىغا سىلىپ بەرىگەچ ئۇكا ئسىمىڭز نىمە ؟ نمىە ئىش قىلىسىز دەپ سۇرىدى مامۇت ئسمىنى ۋە ئائىلە ئەھىۋالنى بىرمۇ - بىر سۇزىلەپ بەرىدى . بۇنى ئاڭلاپ ئۇلتۇرغان قىزى كۇڭلىدە مامۇتقا نىسبەتەن مۇھەببەت شەككىلەندۇرىگەن ئىدى .
دۇكاندار ئۇكام قارسام بەك ئاقكۇڭۇل بالىكەنىسز مەن يىقىندا دۇكاننى كەڭەيتىمەكچى بىراق مىنىڭ ئۇغلۇم يۇق مەنمۇ سىزىگە ئۇخشاش يالغۇز ئۇغۇل ناۋادا مۇمكىن بۇلسا دادىڭىزنى ۋە سىزنى ناھىيەگە ياندۇرۇپ كەلسەم ماڭا ھەمدەم بۇلسىڭىز سىزىگە چۇقۇم ياخشى قارايمەن دىدى ئۇڭايسىزىلىنىپ تۇرۇپ. قىزى ساچىدەم بۇگەپنى ئاڭلاپ كۇڭلىدە مامۇتنى تىزىراق ماقۇل دىسىكەن دىگەن ئۇمۇتتە مامۇتقا قارىدى ، مامۇت بۇغىداي ئۇڭ قاراقاش كىلىشكەن يىگىت ئىدى ساچىدەممۇ قارا كۇز زىلىۋا قىز بۇلغان بۇلۇپ بۇ ئائىلمۇ باياشات ھەم ئاقكۇڭۇل ئائىلە ئىدى .
مامۇت مەن ،،،، مەن ،،،،، مەن دادام بىلەن مەسلەھەتلىشىپ بىر نىمە دىسەم قانداق دىدى كىكەچلەپ تۇرۇپ .
بۇلىدۇ مەن جاۋابىڭىزنى كۇتىمەن ماۋۇ مىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇم دەپ ئىسىم كارتىسىنى مامۇتقا تۇتقۇزىدى .مامۇت دۇكاندىن چىقىپ ياتاققا بارىدى كۇڭلىدە ساچىدەمگە قارتا بىرخىل مۇھەببەت شەككلەنگەنلگنى ھىس قىلىدى ، ۋە ئەتىسى سەھەردە يۇرتىغا يۇل ئالدى بۇلغان ئىشلارنى بىرمۇ-- بىر دادىسغا سۇزىلەپ بەرىدى دادىسى كۇلۇپ تۇرۇپ بالام مەن باشقا پىكىرىدە بۇلمايمەن ، شۇ ، شەھەرىگە بارساق كۇنەلمەسمىزمۇ دەپ ئەنىسىرەيمەن .
دادا دىدى مامۇت شەھەر دىگەن نۇرغۇن ئادەم سىغىپ كىتىدۇ بىر ئۇمۇر جاپا چىكىپتىمىز بىزىگمۇ ئاللاھنىڭ بەرىگىنى بارىدۇ . ئۇمۇرۇڭنىڭ ئاخىرىدا بۇلسمۇ ياخشى تۇرمۇش كۇچۇرسەڭ مەنمۇ خۇش بۇلىمەن ئانامنىڭمۇ رۇھى خۇش بۇلار دىدى، كەسكىن قىلىپ .
ماقۇل بالام كۇچۇپ بارساق بارايلى سەن ئالدى بىلەن بانكىدىكى پۇللارنى ئىلىپ كەل بىز بىرىپ بىر ئۇي سىتىۋالايلى ئانىدىن كۇچۇپ بارساق بۇلىدۇ دىدى.
ئىشلار شۇنداق بۇلىدى ئۇلار ئۇي ماكان سىتىۋالىدى ناھىيەگە تۇلۇق كۇچۇپ بۇلغاندىن كىيىن دۇكاندار بىلەن ئالاقلاشتى دۇكاندار ئۇلارغا بىر ئۇينى كۇرسۇتۇپ بۇ ئۇي سىلەرنىڭ دادا بالا ئۇلتۇرۇڭلار دىدى . بۇنى ئاڭلىغان دادا ئۇكام بىز ئۇي سىتىۋالدۇق بالام ئالدىڭىزىدا شاگىرىت بۇلسا ياخشى بىر تىجارەتچى بۇلۇپ چىقسلا بۇلدى دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ دۇكاندار ھەيىرانىلىق ھىس قىلىپ بۇ سەھىرالىقلارغا يەنە بىر قىتىم قايىل بۇلدى .
دىگەندەك دۇكاندار دۇكاننى كەڭەيتىپ بىر دۇكاننى ئىككى قىلىدى ،بىرىگە مامۇت خۇجايىن بۇلدى بىرنى ئۇزى ئاچتى يۇقۇرىدىن مال كىرگۇزۇش ئشلىرنمۇ ئىككىسى مەسلەھەت بىلەن يۇرۇشتۇرۇپ كەتتى مامۇت بىر پۇڭغىمۇ قارا سىنىمايتى ساچىدەم بىلەن مامۇت بر مەزىگىل چۇڭلارغا تۇيدۇرماي مۇھەببەتلىشىپ ئۇتتى ،بىركۇنى مامۇت دادسىغا دادا مەن بۇ يىل 24ياشقا كىرىپتىمەن ،شۇڭا ئۇيلۇك ئۇچاقلىق بۇلاي دىگەن دەپ ئىغىز ئاچىتى دادسى بۇ گەپنى ئۇغلۇم قاچان دەركىن دەپ كۇتكىلى بىر نەچچە يىل بۇلغان بۇ شەھەرىگە كىلىشتىكى مەخستىمۇ ئۇغىلنىڭ كيىنىكى تۇرمۇشنىڭ ياخشى بۇلۇشى ئۇچۇن ئىدى ، مامۇت بىلەن ساچىدەمنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۇرىگىننمۇ بىلىپ بۇلغان ئىدى ، ساچىدەمنىڭ ئاقكۇڭۇللۇككىگە دادسمۇ قايىل ئىدى . شۇڭا ،نىرى- بىرسنى سۇرۇشتۇرمەيلا مامۇتقا بىر بانكا چىكىنى بەرىدى بالام مانا بۇ مىنىڭ ساڭا ئاتاپ يىققان پۇلۇم تۇيڭغا ئشلەت بانكا چىكىدە 50مىڭ يۇئەن پۇل بار ئىدى . مامۇت كۇزىگە ئىسىق ياش ئىلىپ دادا مەندە پۇل بار دىدى . بالام بۇ مىنىڭ دادا قەرزىم بۇنى ئشلەتىكىن ، ھە راسىت قىز سۇراپ قاچان بارىمىز ؟
- ئەتە بارايلى دادا .
-ماقۇل ، دىدى دادسى كۇلۇپ قۇيۇپ .

ئالتۇن ئۇزۇككە ياقۇت كۇز دىگەندەك ھەر ئىككى تەرەپ خۇشاللىق بىلەن قۇلىلشىپ ساچىدەم بىلەن مامۇت تۇرمۇش قۇرىدى ، ساچىدەم ئىككى بالسنى باققاچ مامۇتنىڭ داسنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ ئۇز قىزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ كۇتۇپ كەلدى مامۇتمۇ دۇكان ئشلىرنى قۇلغا ئالدى دۇكاننى كەڭەيتىپ شىرىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىتى ساچىدەمنىڭ دادىسى باش دىرىكتۇر مامۇت مۇئاۋىن باش دىرىكتۇر بۇلۇپ بۇلدى . بۇ ئىككى ئائلە ئۇتۇرسىدا سىنىڭ منىڭ دەيدىغان ئشلار پەقەت يۇز بەرمىدى بۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىناق ئىللىق ئائلە بۇلۇپ ياشاپ كەلمەكتە .

مەنبە ئۇز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-4 15:11

توردا
32سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
118 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 16:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلىنىپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم ئالتۇن ئۇزۇككە ياقۇت كۇز تازا ماسلىشىپتۇ رەھمەت سىزگە

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
219 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 23:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش xirhan نىڭ يازمىسى

ۋاھ،ۋاھ،راستىنلامۇشۇنداق بۇلغان بولسا ھە،،،رەھمەت قۇلڭىزغا دەتكەلمىسۇن

توردا
235سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1004 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 10:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز يازما ئەسەرگە يامانكەنسىز جۇمۇ ..............

توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
1628 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 18:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق ئىجادى ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مۇنبىرىمىزدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
شىئېرنىلا تەرەققى قىلدۇرماي مانداق ھىكايە رومانلارنىڭمۇ بارلىققا كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن يازغۇچى خانىملار- ئەپەندىلەر

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
247 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 19:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ بەك ياىشى يىزىپسىز يەنە يوللاپ تۇرۇڭ رەھمەت

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-7 14:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلەندىم، بەك ياخشى ئەسەر ئىكەن

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
240 
تېما
29 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-9 15:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا رەخمەت شۇ قۇلىڭىزغا ئۇلۇق ئالاھ دەت بەرمىسۇن

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
54 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-13 18:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپتۇ.
دائىم شەھەرلىكلەر بىز سەھرالىقلارنى ياراتمايدۇ. ۋاقتى كەلسە بىز سەھرالىقلار شەھەرلىكلەردىن قىلىشمايمىز.

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-22 15:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي،جۇمۇ! ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن،ۋاقتىم قىس بوپقالدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-20 10:52

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.