
ياشايمەن دۇنيادا ئۇيغۇر قىزىدەك،
ئىتقات-ئىمان ھايا نۇمۇس بىلەن.
شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرمەيمەن ھەرگىز،
ۋىژدانىم پاكلىقىم غورورۇم بىلەن.

ياشايمەن دۇنيادا ئۇيغۇر قىزىدەك،
ئۇقۇپ ھەر كۈنى بەش ۋاخ نامازنى.
قىلىپ تۇرىمەن ئۆزەمگە خىتاپ،
شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرمەي دەپ ئۆزەمنى.

ياشايمەن دۇنيادا ئۇغۇر قىزىدەك،
چىرايلىق لىچىگىم باردۇر بېشىمدا.
دۈشمەننىڭ گىپىدىن قورقۇپ قالمايمەن.
ئىتقات-ئىمانىم باردۇر دىلىمدا.

ياشايمەن دۇنيادا ئۇيغۇر قىزىدەك،
يۈرمەيمەن ھەرگىز ھەيرەڭ-سەيرەڭ.
ئادىمى شەيتاندىن قورقۇپ قالمايمەن،
قەلبىمدە باردۇر ياشاش نىشانىم مىنىڭ.

ياشايمەن دۇنيادا ئۇيغۇر قىزىدەك،
پاكلىقىم ئىپپىتىم گۈزەللىكىم بىلەن.
تىلىمدىن تۈكلەر ئۈنچىلەر ھەردەم،
ئەتكەن تامقىمنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن.

مەنبە قەلمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-25 13:00
|