ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر خەنجەر731 ،خۇشال پەرىشتە620 تويىڭلارغا مۇبار ...
كۆرۈش: 1366|ئىنكاس: 37
go

خەنجەر731 ،خۇشال پەرىشتە620 تويىڭلارغا مۇبار ...  

توردا
152سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
277 
تېما
23 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 19:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

خەنجەر ئاكا، مەرھابا ئاچا قۇتلۇق تويىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!

ئاتىنىڭ ئۈمۇدى، ئارزۇسى شۇ توي،
ئانىنىڭ كۇتكىنى ، شادلىقى شۇ توي.
كامال تاپ توي بىلەن ئىچىلسۇن بەختىڭ،
تويلاردىن تويلارغا ئۇلانسن بۇ توي.


ئەتە يەنە 2010-يىل 11-ئاينىڭ 30 -كۇنى (سەيشەنبە)، نۇرغۇن ئىسسىق -سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ خەنجەر731ئاكىمىز بىلەن خۇشال پەرىشتە620 ئاچىمىزنىڭ قۇتلۇق مەرىكە كۇنى . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىز ئەھلى نامىدىن بۇ قۇتلۇق تويىڭلارنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن. ئۆزىنىڭ خۇش-چاخچاقلىقى ، تەمكىنلىكى ، سۆزمەنلىكى بىلەن نۇرنۇن قەلىپلەرگە خۇشاللىق بىغىشلاپ كىلۋاتقان بۇ ئىككى ياشنىڭ قۇتلۇق كۇنىنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن .

ئادەم ئاتا زامانىدىن مىراس بولۇپ قالغان توي،
ئىككى ياشنىڭ رىشتىنى بىر-بىرىگە چاتقان توي.
ۋاپا ۋە ساداقەتتىن ئۆيگە بەركەت قاتقان توي،
تۇققان دوستنى جەم قىلىپ، خوشاللىققا تولغان توي.


كالامۇللا بەتلىرىدە ياسىن بىلەن تابارەك،
ئىككى ياشنىڭ تويىغا بولسۇن مەندىن مۇبارەك.
ئىككى ياشنىڭ بەختى ئۈچۈن تىلەيلى تىلەك،
مەڭگۈ بىللە سوقۇپ تۇرسۇن ئاشۇ جۈپ يۈرەك.

مۇھەببەتلىك جۈپ يۈرەك ۋىسال تاپتى،
ئاتا-ئانا ھەم قەرزىنى ئادا قىلدى.
بۇ تويلاردىن خوشال بولۇپ ئەل جامائەت،
ئىككى ياشنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.




تال ئۇچى تاللارغا يەتتى بەلگىسى چەندان يىراق،
بۇ كۆڭۈللەر سىلىگە چۈشۈپتۇ نەقىلاي ئۆيلەر يىراق.
ئۆي يىراقى بولسا بولسۇن كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن،
ئىككى ياشنىڭ ئاراسىدا ۋەدە يالكغان بولمىسۇن.
ۋەدىسىدە تۇرمىغانلار ھەرگىزمۇ ئىنسان بولمىسۇن.

دەرەخ بولسا ئىگىز بولسا ئىگىلمەس بولسا،
يېشىل-يېشىل يوپۇرمىقى تۆكۈلمەس بولسا.
بىر ياخشىغا بىر ياماننى بۇيرىماس بولسا،
ئىككى ياخشى بىر بولغاندا ئايرىلماس بولسا.


يەتسۇن چىن يۈرەكتىن چىققان تىلىكىم ،
تويۇڭلارغا ئاكىجان، خۇشاللىق تولسۇن !
ۋاپادارلىق كۈيى ياڭراپ يەتسۇن پەلەككە،
باش باش،ئاياغ تاش، مەڭگۈلۈك بولسۇن!

جىمى ئىشنى سەۋر بىلەن ئوبدان قىلىڭ ھەم،
تويدىن كېيىن ئايال بىلەن ئىناق ئۆتكەيسىز.
ۋاپا بىلەن مۇھەببەتلىك بەك ئىناق ياشاپ،
مۇنبەرلەردە شاد تۇرمۇشتىن قۇرلار تىزغايسىز.

مۇبارەك جان دوستۇم، قۇتلۇق تويۇڭغا ،
تىلەكلەر نۇر چاچسۇن، ھايات يولۇڭغا .
سەن ئۈچۈن ئاتالغان دوسلۇق كۈيۈمنى،
بېغىشلاپ يازدىم مەن ، ئاددى قۇرۇمغا .

بۇ ھايات مەنزىلىڭ ،بەكمۇ ئۇزۇن يول ،
چىن تۇرمۇش قۇرىلار ، تۇتۇشقاندا قول .
گاھ ئاچچىق ئەسلىمە ،كەلگەندە سىناپ ،
ئۆتكۈنچى دەۋىر ئۇ، جاسارەتلىك بول .

توي قىلىپ ئۇنۇتما ، ئاتا – ئاناڭنى ،
يوقلاپ تۇر ئېپ بېرىپ ئايال-بالاڭنى .
مەيلى سەن باي بولغىن شاھلاردەك ياشاپ ،
ئەسلەپ تۇر چوڭ بولغان سەھرا - يېزاڭنى .

تۇرمۇشقا سەن بىلەن، ھەمرا ئايالىڭ ،
قوللاشتىن نۇر چاچار، ھەتتا جامالىڭ .
چىدام ۋە غەيرەتتىن ،پۈكۈلسە ئارمان ،
بۇ رىئال تۇرمۇشتا، ماياك – قۇياشىڭ .

ياشاڭلار مەڭگۈگە ، توغراقتەك قىران ،
دىلىڭلار نۇرلانسۇن ،بىرلىشىپ ئىمان .
ئىلىم - پەن بابىدا شەرەپلەر قۇچۇپ ،
ئىشەنچلىك بۇلۇڭلار قىلماستىن گۇمان .

قوش مۇبارەك ئۇشبۇ خۇشال كۈنلەردە ،
خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل كەبى سايراڭلار .
ۋىسال قۇچقان جۈپ يۈرەكنىڭ تويىدا ،
ئۇسۇل ئويناپ - ساما سېلىپ قايناڭلار

تويلار مۇبارەك
تويۇڭ بوپتۇ خوش بولدۇم مانا،
خۇشاللىققا تولدى بۇ يۈرەك،
تويۇڭغا مەن گۈل دەستە تۇتاي،
تىلەپ يەنە ئەڭ ئالى تىلەك.


تويغا جۈر بوپتۇ سايراپ بۇلبۇللار،
خوشاللىققا قوشۇپ خوشاللىق،
جىنىم دوستۇم بەخىتڭنى تاپ دەپ،
تىلەك تېلەي بولماي گۈمانلىق.


خوشال يايرا بۇ تويدا دوستۇم،
ئۆمۈر بويى بەخىت يار بولسۇن،
ئاسرا داۋام نىگارىڭنى سەن،
تۈم كۈنلىرىڭ كۈلكىگە تولسۇن.


بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپەڭلارغا تېخىمۇ كۆپ ئاچچىق سناقلار قۇشۇلغان بۇلۇشى مۈمكىن شۇڭا سىلەرنىڭ غەيرەتلىك بۇلۇپ ئىناق - ئىتپاق ياشاپ كۆزلىگەن نىشانىڭلارغا يىتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن !!!ئاخىرىدا سىلەرگە بەخىت - ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن!

بۇ ھايات مەنزىلىڭ ،بەكمۇ ئۇزۇن يول ،
چىن تۇرمۇش قۇرىلار ، تۇتۇشقاندا قول .
گاھ ئاچچىق ئەسلىمە ،كەلگەندە سىناپ ،
ئۆتكۈنچى دەۋىر ئۇ، جاسارەتلىك بول .

تويىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇلۇغ اللاھدىن مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇپ كىتىشىڭلارنى تىلەيمەن. لىكىن مۇنبەرگىمۇ ئانچە - مۇنچە كىرىپ تۇرۇڭ ،

ئاخىردا سىلەرنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭلارنىڭ كارامەت ، كەلگۈسى تۇرمىشىڭلارنىڭ ئالامەت بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىكىڭلارنى ،ئۆز ئارا بىرگە قول تۇتۇشۇپ ئالدىڭلاردىكى ئەگرى - تۇقاي يوللارنى ئوڭۇشلۇق بىسىپ كىتىشىڭلارنى تىلەيمەن، بەخىت-ئامات سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن !!!

سىلەرنىڭ تويىڭلارنى مۇبارەكلەپ:سىڭلىڭز شاتئاي بىلەن سىزنىڭ دوستىڭىز 520 سىتۇدىيىسى











بۇ يازمىنى ئاخىرىدا LOVE8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-30 08:46

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش
دىل ئازار ، خۇدا بىزار

توردا
130سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
564 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 20:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇلۇغ اللاھدىن مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇپ كىتىشىڭىزنى تىلەيمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
675 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 21:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،بەخىت ،ئامەت سىلەرگە يار بولسۇن~!

توردا
103سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
77 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 21:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزگىمۇ دىمەيلا تويىڭنى قىپسەندە...... شۇنداقتمۇ مۇبارەك بولسۇن!!!!! بەخىتلىك بول...

توردا
1355سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1655 
تېما
145 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 22:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تويۇڭغا مۇبارەك بولسۇن دوستۇم!
تويۇڭغا بارالمىدىم شۇنداق بولسىمۇ جىددى تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ مۇنۇ ناخشىنى سەن ئۈچۈن ئوقۇپ ئاران يوللاشقا ئۈلگۈردۈم.
ئاشۇ توي قىلغان ئايالىڭنى ياخشى قەدىرلە، ئۇ ساڭا ئىشىنىپ ھەممىدىن ئۆزىنى ساڭا تاپشۇردى، بەخىتلىك بول ئاللا خالىسا سىنىڭ تويۇڭنى يۈزتۈرانە بىرىپ تەبرىكلەپ كىلىمەن!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-29 22:16

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
357سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
450 
تېما
234 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 22:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خەنجەر ئىنىمىزنىڭ قۇتلۇق تويىغا مۇبارەك بولسۇن~!
ئەگەر ئارلىقىمىز يېقىن بولغان بولسا، تويغا قاتنىشاتتىم... سىزگە بەخىت يار بولسۇن~! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menggutax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-29 22:22

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
938سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
267 
تېما
68 
يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 22:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇبارەك بولسۇن !
سىلەرگە بەخىت ،خاتىرجەملىك،سالامەتلىك مەڭگۈ يار بولسۇن .

توردا
1546سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
2167 
تېما
91 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 23:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇبارەك بولسۇن! بەخىت ۋە خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا LOVE8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-30 00:36

خەيىر...................................................!

Rank: 8Rank: 8

توردا
784سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1580 
تېما
69 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 23:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇبارەك بولسۇن.
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
205سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
354 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-29 23:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇبارەك بولسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-1 23:21

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.