- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-26
- تىزىملاش
- 2010-2-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 90سائەت
- جۇغلانما
- 665
- نادىر تېما
- 2
- يازما
- 230
- تېما
- 140
- توردا
- 90سائەت
- نادىر تېما
- 2
- دوست
- 3
- يازما
- 230
- تېما
- 140
|
مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك
قىرىق نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن ئامرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدا ئادەتتىكىچە بىر دوختۇرخانىدا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتىم. ئاتا-ئاناممۇ نورمال بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار ئىدى، شۇڭا مەنمۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان باشقا بوۋاقلاردەك نورمال تۇغۇلۇشۇم كېرەك ئىدى. ئەمما قېرىشقاندەك مەن ئۇنداق بوۋاقلاردەك بولالمىدىم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مەن تۇغۇلغاندا دوختۇر-سېستىرالار ھەيرانلىقتا قىتىپلا قالغان ئىكەن. دەرھەقىقەت ھەممىلا ئادەم بۇنداق بوۋاقنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى غەيرى سىممىترىك سىڭايان كەلگەن، قاڭشار بولۇشقا تىگىشلىك يەردە ئىككى بۇرۇن تۆشۈگى بار، بىر جۈپ بىلەك تولغىشىپ قالغان، بىر جۈپ پۇتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىغىمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىدى. دوختۇر مەن <مەخلۇق>نى ئاۋايلىغىنىچە كۆتۈرۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ قىشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلاردىن مېنى مېدىتسىنا ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئاتا-ئانام كەسكىن رەت قىلغان ئىكەن. نۇرغۇن يللاردىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا رەھمەت ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىقنى بىلەلمەي يۈردۈم. ئۇلار ماڭا ياشاش پۇرسىتى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەكسىز ئازاپمۇ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. مەن يەتتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بىر قاتار شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيسى قىلدۇرۇلۇشقا باشلىدىم. دەسلەپكى بىر قانچە قېتىملىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، ئەمما ئاتا-ئانام ۋاز كېچىشنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغان ئىدى. تولىمۇ كىچىك چاغلىرىمدىلا، مەن باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىمىنى بىلەتتىم. كۈچلۈك دورا پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان داكا مىنىڭ تېرەم ئىدى. تۆت ياشقا كىرگەن يىلىم ئاپام مىنى بالىلار باغچىسىغا ئېلىپ باردى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چىرايىدىن مىنىڭ گەرچە 19 قىتىملىق ئوپراتسىيەنى باشتىن كەچۈرگەن بولساممۇ، ئەمما يەنىلا بەتبەشىرە مەخلۇق ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. ئاخىرى بىر بالىلار باغچىسى مېنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار مەن ئۈچۈن ئالاھىدە تەربىيەچى تەييارلاپ، ئىككىمىزلا پائالىيەت قىلىدىغان بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى. مەن مەڭگۈ باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئوينىيالمايتىم، چۈنكى ئاقساقلاپ بەك تەستە ماڭاتتىم ھەم تۇرقۇم باشقىلارنى قورقۇتىۋىتەتتى. 5- باشلانغۇچ مەكتەپكە قەدەم قويغاندا، ئاخىرى قارىماققا نورمالدەك كۆرۈنىدىغان بىر جۈپ كۆزگە، يەنىلا تۈزىتىشكە تېگىشلىك سۈنئىي قاڭشارغا ئىگە بولدۇم. ئەمما مېنى كۈتۈۋاتقىنى تېخىمۇ ئازاپلىق بىر جۈپ قول ۋە پۇتۇمنىڭ شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيەسى ئىدى. ساۋاقداشلىرىم مېنى سۆرەلمە دېنازاۋور دەپ مازاق قىلغىنىدا، بەدىنىم شەكىل تۈزەش ئەسۋابىدا قاتتىق ئاغرىغان چاغلاردا، ئوپراتسىيىدە ئازراقمۇ بۆسۈش بولمىغان چاغلاردا، مەن ئاپامغا قانچە قېتىملاپ يىغلاپ تۇرۇپ داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىشنى ئېيتقانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەمما ئاپام ماڭا < بۇ داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىش ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭدىن ۋاز كەچكەنلىك، سەن ئۆزۈڭدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكىڭ كېرەك> دەيتى. شۇنداق، مىنىڭ ئۆزۈمدىن ۋاز كەچكۈم يوق، شۇندىن كېينكى ئۇزۇنغا سوسۇلغان داۋالاش جەريانىدا، مەن ئۆزۈمنى مەجبۇرى تىنىچلاندۇرۇپ، مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈشكە باشلىدىم. بارا-بارا مەن ھەر قانداق داۋالاشقا ئىككىلەنمەي قاتنىشىدىغان بولدۇم. ھەتتا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاھىدە پىدائىي خادىمى بولۇپ قالدىم. بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ، يالغۇزلۇقتا تەشۋىشلىنىپ قالغان بالىلارغا ھەمراھ بولاتتىم. ئاي كۈنلەر بىلىنمەي بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئون يىلدا مەن چوڭ-كىچىك بولۇپ 32 قىتىمدەك ئوپراتسىيە قىلىندىم. بۇ جەرياندا مەن كىشى ئىشەنگۈسىز ھالدا ئارزۇيۇمدىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. ئارقىدىنلا ئۇزۇن يىل راك كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتقان دادام بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتىم. كۈتۈش، ئۈمۈدسىزلىك، ئازاپلار مېنى گۇمران قىلالمىدى. چۈنكى مېنىڭ قەلبىمدە ئاللىقاچان بىر ئېتقاد تىكلەنگەن ئىدى، ئۇ بولسىمۇ مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك. شەكىل تۈزەش رامكىسى ئېلىۋىتىلگەن بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەن ئىنىستىتۇت ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم. مەن باھالىغۇچىلارنىڭ مېنىڭ ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئېشىپ چۈشكىدەك تەمكىن ئىكەنلىگىمنى بىر قاراپلا بىلىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. بۇلارنى ماڭا سان-ساناقسىز ھايات-ماماتلىق جەريانلاردا ئېرىشكەن ھەممىگە باي روھىم بۈلدۈرگەن ئىدى. بۇ قېتىم مەن يەنە باشقىلار خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىككىنچىلىككە ئېرىشتىم. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يوللانمىللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئەمما ھەممىنى بىر- بىرلەپ رەت قىلىۋەتتىم. بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلار ئۆتكەندىن كېيىن، كۆڭلۈمدىكى ئارزۇيۇمنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم.
ئاخىرى مەن ئارزۇيۇم بويىچە ئالاھىدە تەربىيەچى بولۇپ قالدىم. تۇرقى ئەينى يىللاردىكى ماڭا ئوخشايدىغان يىگىرمە نەچچە بالىنى بىر سىنىپقا يىغدىم. مەن دائىم ئۇلارغا:<چىراي ياكى روھىڭلاردىكى كەمتۈكلۈك، تەڭرىنىڭ سىلەرگە سىلىپ قويغان بەلگىسى، ئۆزۈڭلارنى قەدىرلەڭلار، مەڭگۈ ۋاز كەچمەڭلار، ھامان بىر كۈنى جاپا-مۇشەققەتنىڭ بۇ دۇنياغا تولىمۇ گۈزەل بىر مەنزىرىنى ئويۇپ چىققانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر> دەيتىم.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى .
تىمىنى ئۇقۇپ ئىنكاس يازمايدىغانلا بولدى بۇ تىمىنى كۆرمەيلا قۇيۇڭ ،چۈنكى سىز تاماقنى يەپ دۇئا قىلمىغاندەكلا بىر ئىش قىلماقچى بۇلۋاتسىز...........
|
|