ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئۇچ كىشى
كۆرۈش: 542|ئىنكاس: 9
go

ھاياتىڭىزدا ئەپۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئۇچ كىشى

توردا
186سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
486 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 00:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر دىئالوگ بار. خەن شەنزى شى دېدىن : « ھاياتتا بەزىلەر ماڭا قارا چاپلاپ، مېنى ئالدىسا؛ بەزىلەر مېنى ھاقارەتلەپ، مەسخىرە قىلدى؛يەنە بەزىلەر مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كەمسىتتى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. شى دې كۈلۈپ تۇرۇپ :« ئۇنىڭغا چىدا،يول قوي؛ ئۇنىڭدىن ساقلان،ئۇنى مەيلىگە قويىۋەت؛ ئۇنىڭغا سەۋر قىل،ھۆرمەت قىل؛ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. نەچچە يىل ئۆتكەندە ئاشۇلارغا قايتا قاراپ باققىن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
بۇنداق دۇردانە جۈملىلەر نۇرغۇن ھايات ھېكمىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان. كەڭ قورساقلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھايات پەلسەپىسىدۇر.سىز ھاياتىڭىزدا كۆكسى –قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ بۇ ئۈچ كىشىنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.
ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. ھاياتتا قىلغان ئون ئىشىڭىزنىڭ سەككىز-توققۇزى دېگۈدەك كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمايدۇ. جاھاندا كەم-كۇتىسىز ئىش بولمايدۇ.شۇنداقلا، ھەممە ئادەمنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى ۋە قىلالمايدىغان ئىشى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز دائىم ئۆز- ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەۋەرسىڭىز، ھاياتىڭىز ئۈمۈتسىزلىك پاتقىغىقا پېتىپ قالىدۇ.ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىڭىز تۈزەلمەيلا قالماي ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ سادىر بولىدۇ. شۇڭا، سىز ھەر ۋاقىت تەبەسسۇمىڭىز بىلەن ئۆز -ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساق بولۇڭ.
دۇشمەنلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ.رىقابەت كەسكىن بۇ دەۋردە قاچانلاردا بىر دۈشمىنىڭىزنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىسىز.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك خىزمەت بېسىمى كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان زاماندا بەزى كىشىلەرنىڭ سىز بىلەن ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولىشىدىن خالىي بولماق تەس. ئۇ، بەلكىم كەينىڭىزدىن گەپ تاپقاندۇ،سىزگە قارا چاپلىغاندۇ ياكى سىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەندۇ. شۇنداق ،گەرچە سىز بىر يۇۋاش-يۇمشاق ئادەم بولسىڭىزمۇ ئاۋارىچىلىقلار بۇسۇغىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بۇنداق چاغدا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ دۈشمىنڭىزگە ئوخشاش پىتنىخورلوق قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياكى سىزنى ئورىغا ئىتتىزگەنلەرگە ئاداۋەت ساقلاپ ئۆتۈشىڭىز كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە،ئۇلارغا يەنىلا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى، غەزەپلەنسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىسىز. دۈشمىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ،ئاشۇ رەزىللىكلەر سىزنى ھاياتتىكى گۈزەللىكلەرنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگەتتى.سىزگە ھەقىقىي بەختنىڭ نىمىلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق تۇنۇتتى.
سىز يەنە دوستلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. خوشاللىق ئىزدەش سەپىرىدە ئېھتىمال ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىز سىزگە ئەڭ ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەندۇ. بىراق،دوستلىرىڭىز بۇلارنى مەقسەتسىزلا ياكى بىر دەملىك ھەسەتخورلۇقتىن قىلىپ سالغان بۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا،سىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.چۈنكى،ئۇلار ئىلگىرى سىزگە ياردەم بەرگەن ۋە خوشاللىق ئاتا قىلغان.
ھاياتىمىزدا ئەپۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ۋە ئادەم يوق.
شۇنداق، ھەممىمىز ئەپۇچانلىقنى ئۆگىنىۋالايلى .تۇرمۇش بىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرگەن چېغىدا ئۇنىڭدىن يېڭى بىر رۆجەك ئېچىپ باقايلى . بەلكىم ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ ماقالە «ياشلار ئوقۇشلۇقى» ژورنىلىنىڭ2009 –يىللىق 7- ئايلىق سانىنىڭ كىيىنكى يېرىم ئايلىق سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-3 11:07

توردا
106سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
690 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 15:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى ياختۇرۇپ قالىدىم .....بەك ياخشى تېما ئىكەن .......

توردا
194سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1367 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 23:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشىكەن تىرىشىڭ ئۇتۇق تىلەيمەن

توردا
711سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1272 
تېما
56 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 23:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 00:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادەمدىكى ئەڭ يۈكسەك ئەخلاقى پەزىلەت ئەپۇچانلىق .......بەك توغرا يولاپسىز ......ھارمىغايسىز...

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
12 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 10:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنىمۇ كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز ............

توردا
161سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
756 
تېما
80 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 13:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇدۇنيادا ئازغاننى كەچۈرگەن بىراق ماڭا يالغان سۆزلىگەن كىشىلەرنى كەچۈرەلمىگەن ياخشى تىمىكەن

توردا
22سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 13:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنىمۇ كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز ............

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
505 
تېما
120 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 13:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ...

توردا
213سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
868 
تېما
46 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-5 10:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت جۇمۇ...............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-28 08:45

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.