ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون باشقىلارغا تەسەللى بېرىش...
كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 3
go

باشقىلارغا تەسەللى بېرىش...

Rank: 8Rank: 8

توردا
331سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
378 
تېما
205 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 19:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

باشقىلارغا تەسەللى بېرىش



بىر ئايالنىڭ ناھايىتى ئارزۇلۇق ئوغلى ئۆلۈپ كېتىپ ئىنتايىن قايغۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھايىتى داڭلىق بىر تىۋىپتىن: «سىزنىڭ ئوغلۇمنى تىرىلدۈرەلەيدىغان بىرەر ئامالىڭىز بارمىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. تىۋىپ: «ئامالىم بار، ئەمما ئاۋۋال سىز ماڭا بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئەكىلىپ بېرىسىز، بۇ سۇنى چوقۇم ھېچقانداق قايغۇسى يوق ئائىلىدىن سوراپ ئېلىپ كېلىشىڭىز شەرت. شۇ سۇ ئارقىلىق ئوغلىڭىزنى تىرىلدۈرگىلى بولىدۇ» دەپتۇ. ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ ۋە دەرھال سۇ ئەكىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە مېڭىپتۇ. ئەمما ئۇ قانداقلىكى شەھەر ياكى يېزىغا بارسۇن، ھەممىسىنىڭلا ئۆزلىرىگە تۇشلۇق غەم - قايغۇلىرى بار بولۇپ، قايغۇسىز بىرمۇ ئائىلىنى تاپالماپتۇ.
ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ قايغۇسىنىمۇ ئۇنتۇپ، باشقىلارنىڭ ئازابلىرىغا تەسەللى بېرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپتۇ.
ھېكمەت: ئەمەلىيەتتە دۇنيادا قايغۇسىز كىشى يوق، ئۆزىمىزنىڭ تەجرىبىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قايغۇسىغا مەلھەم بولالىساق، ئۇلارغا شادلىق بېغىشلاپلا قالماي، ئۆزىمىزگىمۇ ئەڭ سەمىمىي تەسەللى، بەخت ۋە خۇشاللىق تاپالايمىز.

ئۆركەش ئۆتكۈر تەرجىمىسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

توردا
161سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
756 
تېما
80 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 19:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق دۇنيادا قايغۇسى يوق بىرمۇ ئادەم يوق بىر ئادەمىنڭ بېشىغا ھەرقانچە قاتتىق ئىشىلار كەلسىمۇ بۇ كۈنلەر ھامىنى ئۆتۈپ كېتىدۇ چۈنكى ھەر ۋاقىت قاتتىق يامغۇردىن كىيىن ئىللىق قۇياش ھەممە يەرىنى ئىللىتىدۇ. سىز ئاشۇ ئىللىقلىقتىنىمۇ ئويلىشىڭىز كېرەك ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ . تېمىڭىزغا رەخمەت

توردا
103سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
453 
تېما
74 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 00:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
0998cn يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 19:27
شۇنداق دۇنيادا قايغۇسى يوق بىرمۇ ئادەم يوق بىر ئادەمىن ...

قوللايمەن

توردا
656سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
1417 
تېما
252 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 02:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا دۇنيا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەرىتلىرى ۋە قايغۇسى بولىدۇ،
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر-بىرىمىزگە تەسسەللى بەرسەك مانا بۇ قايغۇلارمۇ ئازلايدۇ
كۆڭۈل يارلىمىزغا دورا ئورنىدا بولسىمۇ پايدىسى بولىدۇ....رەھمەت.....ياخشى يېزىپسىز....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-28 08:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.