ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مانا بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز

      

كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 4
go

مانا بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز

توردا
35سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
207 
تېما
102 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
1- كۆرۈنۈش
ئانا- رېستۇراندا باشقا ئەر بىلەن نازلىنىپ تانسا ئوينىماقتا،ئاتا- شۇ رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا كۆڭۈل ئاچماقتا،
پەرزەنت- مۇزدەك سوغۇق پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكتە!!!
2- كۆرۈنۈش
يېزا يولىدا بىر ئانا يۈرىكىنى مۇجۇقلىغىنىچە ياتماقتا،چۈنكى بايىلا قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىنى يۇلۇپ ئېلىۋالغان ئوغرى دەل ئۇنىڭ
ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان ئوغلى ئىدى.
3-كۆرۈنۈش
80ياشلاردىكى بېلى مۈكچەيگەن بوۋاي ھارۋىسىدىكى سېتىلمىغان يېسىۋىلەكلەرگە قاراپ كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى،چۈنكى ئۇ يالغۇز
نەۋرىسىگە پايپاق ئالغاچ كېلىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
4- كۆرۈنۈش
ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئوغۇل ئۆيىنى سىيرىپ -سۈپۈرۈپ قېچىپ چىقىپ نەشە چېكىپ، پاھىشە ئويناپ يۈرمەكتە، بىچارە ئانا، ئاتىنىڭ« مانا بۇ سەن تۇغقان ئوغۇل!» دەپ ۋارقىراشلىرىغا،تاياق-تېپىكلىرىگە چىداپ ئوغلىنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ ياش تۆكۈپ دۇئا قىلماقتا!!!
5- كۆرۈنۈش
بولۇشىغا ھاراق ئىچىپ مەس بولغان قىز،يول ياقىسىدىكى چىملىققا يىقىلدى،ياش تاكسى شوپۇرى ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنى يۆلىمەكچى بولدى ۋە
بۇرنىغا ئۇرۇلغان كۈچلۈك ھاراق ھىدىدىن سەسكىنىپ قىزنى تاشلىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ " ئېسىت!سەنمۇ ئۇيغۇر قىزى
بولدۇڭمۇ؟ھەي... زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى" دېگىنىچە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ قالدى.
6- كۆرۈنۈش
شەھەرگە تۇغقان يوقلىغىلى كىرگەن يېزىلىق ئايال، شەھەردىكى ئاۋات ئاشخانىغا كىردى،ئۇ يېرىم سائەت ساقلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر
پىيالە ئىسسىق چاي قۇيۇلمىدى،ئۇ بۇيرۇتقان موما سەيمۇ ئەكىلىپ بېرىلمىدى،ئايال ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە چىقىپ كەتتى.
7- كۆرۈنۈش
ئاتا بىلەن ئانا ئەمدىلا نەچچە ئايلىق بولغان موزاينى سېتىپ پۇلىنى يىراقتىكى ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا ئەۋەتتى،ئوغۇل پۇلنى ئېلىپلا
دوستلىرى بىلەن " ئوۋ ئوۋلاش " قا چىقىپ كەتتى.
8- كۆرۈنۈش
رومال ئارتقان، ئورالغان بىر قىز دېسكوخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇياق- بۇياققا قارىۋىتىپ بېشىدىن رومالنى ئالدى، ئۇزۇن يوپكىسىنى
سالدى،ئەمدى بۇ قىز چاچلىرى قىپقىزىل بويالغان،پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەن مودا خېنىمغا ئايلاندى، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان
كىيىملىرى پۇرلاپ سومكىغا سېلىندى. ھېچكىمنىڭ بۇ ئىككى قىياپەتتىكى قىزنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.
9- كۆرۈنۈش
دوختۇرخانىدا بىر ئاتا دوختۇرغا يالۋۇرماقتا : " دوختۇر ئۆتۈنۈپ قالاي،بالامنى ياتاققا ئالسىڭىز، ئۇ كارىدوردا يېتىۋاتقىلى ئىككى كۈن
بولدى،بىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ". دوختۇر چالۋاقىغىنىچە " بوش كارىۋات يوق دېدىمغۇ" دەپ قويۇپ ماڭدى، ئۇ نەچچە قەدەم مېڭىشىغا ئېسىل ياسانغان بىر ئايال ئۇنىڭ يانچۇقىغا بىر كونۋېرتنى تىقتى، دوختۇر ھېلىقى كىشىنىڭ كۆزىچە ۋارقىرىدى " بۇ خانىمنىڭ قىزىنى 17- كارىۋاتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ
قويۇڭلار!"
10- كۆرۈنۈش
كۆردۈممەن،كۆردۈڭسەن ئانا ئاھىنى، ئاتىنىڭ قايغۇسى،كۈلپەت-زارىنى. پەلەكنىڭ چاقلىرى تەتۈر چۆرگىلەر، نېمە ئىش بۇ زادى قانداق بولغىنى؟؟؟
مانا بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ،مانا بۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ھەقىقەتلەر!

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 18:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ئەھۋاللار خەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپمۇ خازىرقى دەۋىردە تىخىمۇ ئەۋىج ئەپ كەتتى،،،،،،،،،
بولسا ئەسلىمىزنى تىپىۋالايلى،بىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق،قائىدىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى.......

توردا
593سائەت 
نادىر تېما
دوست
61 
يازما
3639 
تېما
498 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 20:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىنى ئوقۇغۇچە كۆڭلۇم بەك يىرىم بولىدى ........... بىز كىم ؟ سىز كىم ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
162 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 05:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا بۇنى ھەقىقى پارخور دەيمىز

توردا
46سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
80 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 12:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
:dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy:
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-9 03:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.