ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر بەدىئى فوتو-سۈرەتلەر ئۇماق قىزلار كۆرۇڭلار
كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 5
go

ئۇماق قىزلار كۆرۇڭلار

Rank: 8Rank: 8

توردا
327سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
941 
تېما
229 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 13:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاددىي رىسالىدە ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا سىزنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان بىر قانچە ھەقىقەتلەرنى دەستە گۈل قىلىپ سىزگە سۇندۇم.

1 . تولا گەپ قىلىپ كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.ئورۇنسىز ئىشلارغا كوتۇلداپ يۇرۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس،ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز.

شۇنى بىلىڭكى،كوتۇلداش باشقىلارنىڭ سىزدىن بىزار بۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.شۇنىڭ ئورنىغا سىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ.

2.ئۆزىڭىزنىڭ ئېتقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ھايات يۇلىڭىزنى كۆرسىتىپ بېردىغان ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇڭ.پايدىسىز كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ.

بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىڭ،سۆھبەت جەريانىدا ئازراق سۆزلەپ،كۆپرەك قۇلاق سېلىڭ.

3.ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىلا باشقىلارغا سۆزلەپ يۇرۇش ياخشى ئادەت ئەمەس،بۇنداق ئىشلار كۆپ بۇلۇپ كەتسە،سىزدە يالغانچىلىق ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە

باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز.

.4.كىشىلەر ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئۆز-ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ،ئۇنداق بولىدىكەن ئويلىمىغان يەردىن ئۇياتقا قالىسىز.

5.يۇقىرى ئاۋاز،قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ.شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى،سىز بىر ئايال،ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى بارىچە قۇيۇۋېتىپ،قۇپاللىق بىلەن -سۆزلىسىڭىزئاياللارغا خاس جەلىپكارلىقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىسىز.

6.بىر ئايال ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىن ئاياللىق مەنالىرىنىڭ يوقۇلىشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش،

w7.ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ سۆزلەڭ.ياخشى ،مەنپەئەتلىك گەپ بولسا قىلىڭ ،بولمىسا شۈك تۇرۇڭ.

8.ھەرگىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ،سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئەدەپ بىلەن قۇلاق سېلىڭ.باشقىلار سۆزلەپ بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بىلەن گەپ باشلاڭ،سىزنىڭ سۆزنى قانداق

باشلىغانلىقىڭىز ،گاھىدا سىزنىڭ خاراكتىرڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.

8.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ،دوراپ گەپ قىلماڭ.شۇنى بىلىڭكى ،ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا،ئون بەشى ئايدىڭ بولىدۇ.<<كىشىگە سانساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە>>دىگەن گەپ بار.

بىر كۈنلەردە ھايات سىزنى،پەرزەنتىڭىزنى ياكى قېرىنداشلىرڭىزنى سىز مەسخىرە قىلغان كىشىلەردەك تەقدىرگە دۇچار قىلىپ قويسا قانداق قىلىسىز؟

9.گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ بېقىڭ.سۆز قىلىشتا مەسئۇلىيەت بۇلۇشى كېرەك.سۆزلىرڭىزدىن ياخشىلىق تېمىپ تۇرسۇنكى،رەزىللىكنىڭ ھىدى

زادىلا پۇرىمىسۇن.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ<<سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن،چىقىپ بولغاندىن كىيىن مىس بولىدۇ .>>دىگەنىكەن..

.10بىلىم ئېگەللەش ياخشى ئىش ۋەئۇلۇغ يول بارلىق ئىمكانىيەتلىرىڭىز بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.بىلىم ئىگەللەشتىن مەقسەت دىپلوم ئېلىش خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ياكى پۇل تېپىشلا ئەمەس،

بەلكى ھەق-نەھەقنىچىن مەنىسىنى بىلىپ،تۇغرا تەلىم-تەربىيە يوللىرنى ئىگەللەش.شۇڭا بۇيۇكلۈك ئۈچۈن ھەر دائىم ساپ دىللىق بىلەن بىلىم ئىگەللەڭ.

11.بىلىمى يوق،مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇقۇيالمىغان مەسخىرە قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا ياردىم قىلىڭ.

12.قۇلىقىڭىز ھەقىقەتنى ئاڭلاش ئۈچۈن يارتىلغان،بولمىغۇر،قۇرۇق گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ.

13.جاھاننىڭ نەرىگىلا بارماڭ سىز ئۇيغۇر قىزىسىز.سىزنىڭمۇ جاھان خەلقىگە ماختانغۇدەك ئىسىل كىيىملىرىڭىز بار،سىزنىڭ گۈزەللىگىڭىز ،لاتاپىتىڭىز پەقەت مىللى كىيىم-كېچەك بىلەنلا

تېخىمۇ يارقىن نامايەن بولىدۇ.

14.ئۆزگىلەرنىڭ تەپەككۇرى بىلەن لاھىيلەنگەن مودا كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.بەدىنىڭىز كۈرۈنۈپ تۇردىغان كىيىملارنى كىيمەڭ،يېپىشقا تېگىشلىك جايلىرڭىزنى يېپىپ يۇرۇڭ.

شۇنى ئۇنۇتماڭ ھەر قانداق نەرسە قانچە يۇشۇرۇن بولسا شۇنچە سىرلىق ۋە جەلىپكار بولىدۇ.سىز كىيىملىرڭىشنى كۈندىن-كۈنگە قىسقارتىۋاتقاندا،سىز بىلەن بىر جىنىس بولغان ئەۋلادلىرڭىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ.ھەممىسى سىزنىڭ دەۋرىڭىزدىلا قىسقىراپ كەتسە،ئۇلار قىسقارتقاننى سېلىپلا ئاتمىسۇن.

15.دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرغاندا ئېغىزىڭىزدىن ھەقىقەتنىڭ دۇردانىللىرى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.سۆھبىتىڭىزدىن ھەممە مەمنۇن بولسۇنكى،ھېچكىم ھەسرەتلەنمىسۇن

16.سۇرۇنلارداكىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ،ئەيىبىنى ئاچماڭ،ئۇ تولىمۇ ئەخلاقسىزلىق.

17.سۇرۇندا باشقىلار خاتا گەپ-سۆز ياكى بولمىغۇر قىلىقلاردا بولسا،كىشىلەر يوق يەردە چىرايلىق نەسىھەت قىلىڭ ۋە ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ.,

18.ئۈيىڭىزدە چۇقۇم بىر كىچىك كىتاپخانا بولسۇن،ئۇنىڭدىن ئائىلە ئەزالىرنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەنسۇن.كىتاپخانىڭىزدىكى كىتاپلار ئۇنۋېرسال بولسۇن.نىكاھ،ئائىلە،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي

تېمىدىكى ھەتتا تىببىي ساھەدىكى كىتاپلارمۇ بولسۇن.كىتاپخانىڭىزدا تارىخقا دائىر كىتاپلارنىڭ بولماسلىقى كىتاپخانىنىڭ چوڭ كەمچىللىگىدۇر.مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە

ئەدەبىي ئەسەرلەر كىتاپخانىنىڭ ئۆزگىچە گۈلىدۇر.

.19.كوچىدا ئورۇنسىز لاغاۇلاپ يۈرمەڭ،بۇ ئۆيگە بېكىنۋېلىڭ دىگىنىم ئەمەس.سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە بايلىقۋە شەرەپ،مىللەتكە نىسبەتەن پەخىر ۋە ئابروي.سىز ئۆزىڭىزنىڭ غۇنچە،

قىزىل گۈل دەو سۈپەتلىندىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.كوچىدا ماڭسىڭىز ئۇياق-بۇياققا تولا قارىماڭ،قاقاقلاپ كۈلمەڭ،بىر نەسە يەپ ماڭماڭ،سېغىز چاينىماڭ.بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا سەلبىي تەسىر

كۆرسىتىدۇ.كىشىلەرگە نۇمۇس تۇيغۇسى يوق ئادەمدەك تەسىر بىرىپ قويىسىز.

.20.ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىىڭ.

21.ۋاقىت كۆز قارشىنى تىكلەڭ .

22.نەسەب جەھەتتىن سىزگە يېقىن بولغان بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇڭ.پۇلى بارغا بىر خىل،پۇلى يوققا يەنە بىر خىل قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ.

23.كوچىلاردىكى بىكار تەلەپ،ناچار ئادەملەرنى كۈرۈپ مەيۈسلەنمەڭ،جاھان بۇزۇلۇپتۇ دەپ ئارقىغا چېكىنمەڭ،تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ.ئۇلارمۇ

سىزگە ئوخشاش ئادەم ،ئۇلارمۇ ھاياتقا ئاران بىر قېتىم كېلىدۇ.

24.ئۆزىڭىزدە مېھرىبانلىقنى يېتىلدۈرۈڭ،ھەتتا ئۇچار قۇش،جان-جانىۋارلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،تەبەئەتنىڭ بىزدە ھەققى كۆپ.

25.ئاتا-ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ،ئۇلارنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئېسىڭىزدىن زادىلا چىقارماڭ.ئانىڭىزغا كۆپرەك ھەمكارلىشىڭ،شۇندىلا سىز كەلگۈسىدە بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشقا

مەلۇم ئاساس سالالايسىز.

26.ھۇرۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ،ئىشچانلىقىڭىز ئىش-ھەركىتىڭىزدە ئىپادىلەنسۇن،ھەممە يىرىڭىزدىن پاكىزلىق تۈكۈلۈپ تۇرسۇن.

.28.ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ.بۇ ھېچكىمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.

مەنبە: بىلىم كۇچ بىولوگىدىن



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-5 14:06


توردا
107سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
443 
تېما
34 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 16:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چاھارباغ ئاكا ئىسىل نادىر تىما يوللاپسىز ..رەخمەت سىزگە .....مەن دىگەنلىرىڭىزدەك ياخشى قىز بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن ............ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ......

توردا
593سائەت 
نادىر تېما
دوست
61 
يازما
3639 
تېما
498 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 20:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزىڭ يەنە بىر ئسل تىمىڭىزنى كۆرگىنىمىدىن تولمۇ خۇشال بولىدۇم . رەخىمەت سىزىگە . ئەجىرڭىز كەلسۇن . مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تىملاربولسا داۋاملىق يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز . ئاللاھ ھەر - بىر قىلىغان تەربىيىلىرڭىزنىڭ ئەجىرنى بەرسۇن . .تۇرمۇشڭىز بەركەتكە تولسۇن . سالامەت بولۇڭ .

توردا
301سائەت 
نادىر تېما
دوست
55 
يازما
1419 
تېما
79 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 21:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنى ئۇغۇللار كۆرسە بۇمامتى.........

توردا
283سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1470 
تېما
52 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-6 13:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ساقلىۋالدىم بىز ئوغوللارمۇ پايدىلانساق بولىدىكەن .بىلىم قىزلارغا خاس بولمىغاندىن

توردا
94سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
922 
تېما
10 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 12:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بىلۋلدىم ``ياخشى ئەدەپلىك قىزبولىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-9 03:03

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.