(8)
_ مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلىغان . قۇندۇزئاينىڭ تويىنى قىلساق، گەپ تېپىپ، سۆز-چۆچەك قىلىۋاتقان قوشنىلارنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئايشەمخان ۋات-ۋاتنىڭ ئاغزى جىمىقاتتى. قۇندۇزئاي قىزىمىزمۇ كۆز ئالدىمىزدا تۇراتتى،_ دىدى جامالىدىن ئاكا.
_ مىنىڭچىمۇ بولغۇدەك. قايسى كۈنى ھېلىقى سىلىنىڭ خىزمەتداشلىرى قادىر ئاخۇننىڭ ئايالى ئۇچىراپ قېلىپ<<تاجىنساخان ئاڭلىسام ئۆيلىرىدە پات يېقىندا توي بارمىش، قاچان قىلىدىغان بولدۇڭلار؟ ھىچ بىر خەۋىرى يوققۇ،باغاقنى قاچان قولىمىزغا ئالىمىز >> دەپ سۆزلەپلا كەتتى. مەنمۇ بىر نەرسە دىيەلمەي، ئاز قالدى. سەل چالا ئىشلىرى قالغان ، پات ئارىدا قىلىمىز دەپ قويدۇم. نەگىلا بارماي ، تۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ گەپ. بۇ قۇتلۇق دىگەن ۋىجدانسىز، ئىتنىڭ كۈچىكى بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكۈپلا بولدى. ئابدۇرشىتئاخۇنلارمۇ بۇ قېتىم قۇتلۇقنىڭ ئىشىدا بىزگە خېلى ياردەم قىلىپ، قولىمىزغا قول ، پۇتىمىزغا پۇت بۇلۇشۇپ بەردى. ئابدۇسالاممۇ ئوغلىمىزدەكلا ئۆينىڭ ھەممە يۈگۈر يىتىم ئىشلىرىنى قىلدى. بۇ بالا قارماققا كەپسىز بولغىنى بىلەن ئاقكۆڭۈل بالا بولدى. ئۇنىڭ يامان ئىللەتلىرىمۇ تويدىن كىيىن تۈزىلىپ قالار. بىزمۇ تۈزەرمىز،-دىدى تاجىنساخان.
_ئەمسە سىلى قۇندۇزئايغا دىسىلە، ئۇمۇ تەييارلىق قىلسۇن. ئابدۇرشىتلار ئابدۇلامنىڭ تويىغا تەييارلىق قىلىۋاتقىلى خېلى بولغان، كۆڭۈلدىكىدەك قىز تاپساملا توينى قىلىمەن دەپ يۈرەتتى. ئەگەر بىز قوشۇلساق پات يېقىندىلا قىلىۋىتىدۇ. مىنىڭچىمۇ قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىشقا دۈشمەن ئارلىشىدۇ. گەپ سۆزلەر جىق بۇلىدۇ،_دىدى جامالىدىن ئاكا.
_مىنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىم ئۇ قوشىلارمۇ؟_دىدى تاجىنساخان.
_قوشۇلماي ھەددى ئەمەس. ئاكىسىنىڭ ئىشىنى كۆرگەندىكىن بىزگە ئىچى ئاغىرار، بۇ ۋاينىمەكنىڭ. بۇ بولسىمۇ گىپىمىزنى ئاڭلار،_دىدى جامالىدىن ئاكا.
_ قۇتلۇقجان بالامنىمۇ زورلاپ قويۇپ، مۇشۇ كۈنگە قالدۇق. بۇ قىزىمىزنى زورلىساق، بۇنىڭمۇ كاللسىدىن ئۆتمەي بىرەر ئىش چىقىرىپ قويارمىكىن دەيمەن،_دىدى تاجىنساخان كۆزىگە ياش ئېلىپ.
_ئۇنداقمۇ بولماس. بۇ بالىمىز ئاقكۆڭۈل، ئاتا-ئانىسىنى ئويلايدىغان بالا بولغان. بىزنىمۇ ئويلاپ قويار. بۇ توينى قىلسا ئۆزىنىڭمۇ بەختى ئېچىلىدۇ.بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تۇرىدۇ. سىلى ئاۋۋال بىر دەپ باقسىلا، ئاندىن قالغىنىنى ئويلىشىمىز،_دىدى جامالىدىن ئاكا يېتىشقا تەمشىلىپ.
<<مۇشۇ قىزىم بولسىمۇ گىپىمىزنى يىرماس. بەك ئاقكۆڭۈل قىز بولغان، ئۇمۇ بىزنىڭ گىپىمىزدىن چىمايدۇ. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدن نۇمۇرى كىمىپ قېلىپ ئۆتەلمەي، ئوقۇمايمەن دەپلا ئولتۇرۋالدى. ئۇقۇغان بولساڭمۇ بۇ ئىشلار يوق بۇلاتتى. ئەمدى تويۇڭنى قلىدىغان بولدۇق دىسەك ، ئۇ قانداق ئويلاپ قالار؟ خۇدايىم بىر ئوڭۇشلۇق قىلار. قىزىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بىرەر...ئۇمۇ بىزنى ئويلاپ قويار...>>
تاجىنساخان خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە خىيال سۈرۈپ ئۇخلاپ قالدى. جامالىدىن ئاكا ئاللقاچان خورەك تارتىپ، ئۇيقىغا غەرىق بولغان ئىدى.
(9)
ئاشخانا ئۆي . تاجىنساخان بىلەن قۇندۇزئاي تاماق ئىتىۋاتاتتى. قۇندۇزئاي لەغمەنگە جىزا قىلىۋاتقان، تاجىنساخان سەي قورۇۋاتاتتى. تاجىنساخان جامالىدىن ئاكا يوق پۇرسەتتە قۇندۇزئايغا توينىڭ ئىشىنى دەپ بېقىشنى ئويلاۋاتاتتى.
_قۇندۇزئاي.
_ھە ئانا.
_ئابدۇرشىت ئاكاڭلار قايسى كۈنى مىنى چاقىرتىپ سىنى بالا قىلۋالساقمىكىن دەيدۇ.
_ مەن ھىلىمۇ ئۇلارنىڭ بالىسىغۇ، بالىسىدەكلا يۈرمەمدىم مانا،_ئانىسىنيىڭ گىپىنى چۈشەنمىگەن قۇندۇزئاي چۈشەنمىگەندەك ئانىسىغا قارىدى.
_ۋاي جۇۋاينىمەك. ئۇلارنىڭ سىنى ئابدۇسالامغا ئەپ بەرگۈسى بار ئىكەن.
_ ئاشۇ قارا مەدەككىما. نىمىلەرنى دەيدىغانسەن . سەن نىمە دىدىڭ؟
_قىز سىلەردىن ئايلانسۇن. ئابدۇسالام ياخشى بالا بولدى. بىر-بىرىمزنى چۈشىنىشىمىز. ئوبدان ئويلاپسىلەر . بۇلىدۇ دىدىم.
_ ئۇنىڭغا سەن تىگىسەن ئەمەسمۇ. نىمە ماڭا دەپ باقمايلا ماقۇل دىدىك خەقكە. ئۇزەك تىگىۋال. مىنى تەگمەيدىكەن دەپ قوي. ئاكامنىڭ ئىشى تېخى تۈگۈمەستىنلا مەن توي قىلىپ كەتسەم خەق نىمە دەپ قالىدۇ. `
_ ما كۈچۈكنىڭ گىپىنى. ئاناڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن. ئاكاڭ دىگەن ۋاىجدانسىز. مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ قېچى كەتتى. ئەمدى سەنمۇ بىزنىڭ گىپىمىزگە كىرمەيدىغان ئوخشىمامسەن. ئۇنداق قىلما بالامل. بىزنىمۇ ئويلاپ قوي. بىزمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمىز. سەن كۆز ئالدىمىزدا تۇرساڭ ، بىزمۇ خاتىرجەم بۇلىمىز.ئۇلاردىن سەنمۇ تارتىنىىپ كەتمەيسەن. قەمبەرخانمۇ سىنى كىچىكىدىنلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۆيگە كىلىپ بولساڭ جاپا تارتمايسەن قىزىم.
_ ئىشقىلىپ تەگمەيمەن ئۇ قارا مەدەككە. كاچكى بىلمەىسەڭلار، ئۇ كەيىپ-ساپا يۈرىيدۇ. بۇنى بىلىسىلەرغۇ. مەن يا ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم.
_ ھازىرقى ئوغول بالىلارنىڭ قايسى بىرى ئىچىپ - چەكمەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇ ئىللەتلىرىمۇ تۈزىلىدۇ. بىزمۇ نەسىھەت قىلىمىز. ئانىسى دادىسىمۇ نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇنداق بولغىنى بىلەن، بەك ئاقكۆڭۈل بالا بولدى.سىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن.ئۇنىڭ بەكلا سىنى ئالغۇسى بارئىكەن. نىكاھ ئىسسق دەپ ، سەنمۇ ئالدىرماي ياخشى كۆرۈپ قالارسەن.
_ۋاي توۋا ،ئۇنىڭ ئۇ ياخشى كۆرىمەنلىرىگە ئىشەنمەيمەن. مەندەكتىن يەنە نەچچىنى ياخشى كۆرىدۇ ئۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. ئىشقىلىپ مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن. كىمنى ئالسا ئېلىۋالسۇن.
_ جاھىللىق قىلىمەن دىمە. ئۇبدانراق ئويلاپ كۆر. ئشقىلىپ تەگسەڭمۇ تىگىسەن ، تەگمىسەڭمۇ تىگىسەن. ئۇنڭدىن باشقىغا تىگىمەن دەپ ئويلىما.
_ئاكامنىمۇ ئاشۇنداق دەپ يۈرۈپ، ئۆيدىن چقىرىۋەتتىڭلار. مىنمۇ زورلىمىساڭلار بولمامدۇ. بىر خاتالىقنى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋاتىسىلەر. سەن ئۇلارنى ياقتۇرمايتىڭغۇ. داۋاملىق ئابدۇرشىت قىزىلمۇچ بىزگە ئاز ئەسكىلىك قىلمىغان دەيتىڭغۇ. ئەمدى بولغاندا مىنى بىكار تەلەت سالامغا بەرگۈڭ كەپ قاپتىغۇ؟
_سەن كىچىك ئىش ئۇقمايسەن. كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ قارار چىقارماي ، ئوبدانىراق ئويلا. داداڭمۇ بۇ توينى قىلىمەن دىيىگىلىك. جاھىللىق قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. سەن بولساڭمۇ داداڭ ئىككىمىزنى خىجىل قىلما . ئاكاڭنىڭ يۈزىمىزنى تۆككىىنى يىتىپ ئاشىدۇ. قىزىم داداڭغا ئىچىڭ ئاغىرسۇن. ئاكاڭنىڭ ئىشىدا تۈگۈشۈپلا كەتتى. بۇرۇنقى ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى. ئازغىنە تۇقۇنۇشنى دەپ بىر-بىرىمىزگ ئۆچمەنلىشىپ يۈرسەك بولمايدۇ. ئۇلار بۇ قېتىم ئاكاڭنىڭ ئىشىدا يېنىمىزدا تۇرۇپ ، بىزگە خېلى ياردەم قىلدى. يېراقتىكى تۇققاندىن ، يېقىندىكى قوشنا ئەلا دەپ، مۇشۇ تەيمە خەقنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن قۇدا بۇلۇپ ئۆتسەك، بىزمۇ بىر - بىرىمزنىڭ ھالىغا يىتىشسەك، داداڭنىڭ بىر تۇققانلىرىنىڭ يىراق يەردىلىكىنى چاندۇرماي ، ئۇرۇق تۇققاندەك ئۆتۈشسەك نىمە دىگەن ياخشى . سەنمۇ جاپا تارتمايسەن. مىنىڭ ئالدىمدىراق تۇرساڭ مەنمۇ خاتىرجەم بۇلىمەن. قىز بالا دىگەن ھامىنى ياتلىق بۇلىدۇ. بۇنىڭغا تەگمىسەڭ، ھامىنى بىرگە تىگىسەن. قانداقىراق ئادەملەر ئۇچرايدۇ. ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. قىز بالىنىڭ تەلىيى كەلمىسە، بەخىتسىز بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلارمۇ ئېيتتى. ئابدۇسالامغا ماشىنا ئېلىپ بىرىدىغان بولۇپتۇ. ئۇمۇ ئەمدى بىكار يۈرمەيدۇ. بىر خوتۇن ئالسا ھەر قانداق ئوغول بالا تۈزىلىدۇ. ئۇنداق قىلما قىزىم.
قۇندۇز ئاي ئانىسىنڭ گىپىنى ئاڭلاپ لام-جىم دىمىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ گىپىنى ئورۇنلۇقتەك ھىس قىلۋاتاتتى. بىر-بىرىگە ئورا كولاپ، بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ يۈرىيدىغان بۇ مەھەلىدە، بىرنى رەنجىتىپ قويسىلا، ئۇنڭ ئارقىسىدىن ئورا كوراقلىق ۋە يالغان ياۋداق، تۆھمەت ، گەپ سۆزلەر تۆكۈلۈپ كىتەتتى.دادىسىنىڭ بۇ مەھەلىدە ئابدۇرشىت ئاكىلاردىن باشقايېقىن ئادىمىمۇ يوق ئىدى. جامالىدىن ئاكا سىرىتتىن كىرىپ كەلدى. ئۇلار جىمجىتقىنە چۈشلۈك تاماقنى يىيشىپ، قۇندۇزئاي قاچىلارنى يىغىشتۇرۋەتتى. چۈشتىن كىين مەھەلىدە بىر توي بۇلۇپ، جامالىدىن ئاكا بىلەن تاجىنساخان شۇ يەرگە چىقىپ كەتتى. ئۆيدە قۇندۇزئاي يالغۇز قالدى.
قۇندۇزئاي ھوجىرسىدا تورۇسقا قارىغىنىچۋە خىيالغا چۆكۈپ ياتاتتى. ئۇ چۈشتە ئانىسى بىلەن دىيىشكەن گەپلەرنى ئويلاۋاتاتتى.
<<توۋا، بۇ ئۆيدىكىلەر نىمە ئويلايدىغاندۇ؟ ئاكامنىڭ ئىشى ، شۇ تويغا زورلاپ چىققان تۇرسا ئەمدى قوپۇپ، مىنى تويغا زورلىغىنى نىمىسى. ئاكامنىڭ توينى يىغىشتۇرۇپ، پوقىنى ئادالىغىنى ئەمدى تۆت كۈن بۇلۇۋاتسا ، بۈگۈن قوپۇپ سىنىڭ تويۇڭنى قىلىمەن دەپ چۈشۈپتۇ. ئاكامنىڭ دەردىدە بۇ قېرۋايلا كاللىدىن كەتتىمۇ نىمە؟...قانداق بولمىسۇن ئىشقىلىپ بۇ توينى قىلمايمەن... بىراق ئانامنىڭ دىگىنىمۇ توغىرا، بۇ مەھەلىدە قەمبەرخان ئاچاملار بىلەن خېلى يېقىن ئۆتىمىز. ھەم بۇ كوچىدا شۇلاردىن باشقا قوشنىمىزمۇ يوق. ئەگەر بۇ ئىش يوققا چىقىپ قالسا، ئارىغا سوغوقچىلىق چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا دىمىسىمۇ دادام يالغۇز قالمامدۇ. دادامنىڭ بۇ شەھەردە بىرمۇ تۇققانلىرى يوق. قانداق ئىش بولمىسۇن، ئابدۇرشىت ئاكىلار بىلەن مەسلىھەتلىىشپ ، ياردەم سوراپ قىلىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىنى كەچۈرۋەتتىم ئۇمۇ پۇشايمان قىلىدىغاندۇ دەپ قوياتتى. بۇرۇنقى ئىشلار دىمىسىمۇ ئۆتۈپ كەتتى.ئۇلار ھازىر بىز بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتۈۋاتمامدۇ...ئۇلارمۇ مىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ۋاي قۇندۇزئاي قىزىم دىسە قىزىم دەپ ھالى قالمايدۇ. بۇلارنى ئويلسامغۇ مەيلى دەۋىرەتتىم. لىكىن شۇ ئابدۇسالامغا كۆڭلۈم يوق. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ شاپاقنىڭ ئارلاشمىغان قىزلىرى يوق...سۇيۇق مەدەك مىنى ياخشى كۆرەمىش تېخى، يالغانچى كاززاپ...چىرايلىق ئوغول بالىلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ شاپاققا تازائىشەنمەيمەن...ئشقىلىپ ھەرگىز تەگمەيمەن ئۇنىڭغا...كىچىكىمدىن ئاز بوزەك قىلامتى ئۇ...شۇنى دەپ بولسىمۇ تەگمەي تۇرۋالامىنا...بىراق ئاناملار مىنىمۇ زورلايدىغاندەك تۇردۇ.قانداق قىلارمەن؟...ئاكام توي ئىشى توغۇرلۇق ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئانام كىچىللىرى ئاكامنىڭ دەردىدە يىغلايدۇ. مەنمۇ بۇلارغا قارشى چىقسام، بىچارىلەر تۈگىشىپ كەتمەمدۇ. مەن بىر تال قىزى تۇرسام ، ئاكامغۇ ئوغول بالىكەن. مەن بىر قىز بالا تۇرسام يا بىر يەرگە قوپۇپلا چىقىپ كەتكىلىپ بولمايدۇ...ھەي ئىشقىىلىپ چىڭ تۇرۇپ قارشى تۇرۇپ باقاي. بەڭ چىڭغا چىقىپ ئەپلەشمىگىدەك بولسا، بوپتۇ قىلىۋىرەرمەن...يا بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماپتىكەنمەن...مۇھەببىتىم بارئىدى. شۇنىڭغا تىگىمەن دەپلا ئولتۇرۋالسام.....سالامغا تەگسەم ، ئانامنىڭ قېشىدا تۇرالايمەن. قەمبەرخان ئاچاممۇ مىنى بەك ئەتىۋارلايدۇ. قىزى بولمىغاچقا قىزىم دەپ كىتىشلىتى بار تېخى. بۇ قارا مەدەككقۇ چىشىمغا تىگىپ تۇرغان بىلەن ئادەمگە كۆيىنىدۇ. ئۇنى ياخشى كۆرمىگەن بىلەن، ئۆچمۇ كۆرۈپ كەتمەيمەن...بىراق نىكاھ ئىسسىق دەپلا توي قىلىپ قويغىلى بولماس. قىز بالىنىڭ تەلىيى كەلمىسە تۈگەشكىنى شۇ....ئوغول بالىغۇ بىرنى قويۇپ بىرىپ يەنە قىز ئېلىۋىرىدىكەن....بىز قىز بالىلار ئۇنداق ئەمەسكەنمىز ....شۇڭا بۇ ئىشىمدا ئويلىشىپىراق بىر ئىش قىلاي....ۋايجان بېشىم ئەجەپ ئاغىرىدى....ئۇھ....تاۋۋۇز يەيچۇ...ئەجەپ يۈركىم قىىزىپ كەتتى-يا.......>>
(10)
توينى تۈگىتىپ ئۆيگە كىرگەن تاجىنساخان بىلەن جامالىدىن ئاكا ئۇھ دىگىنىچە پىشايۋاندىكى سۇپىغا كىلىپ ئولتۇردى. قۇندۇز ئاي ھويلىدا يانشلاپ، تىزگىنەكتە قاناللارنى يۆتكىگىنىچە تىلىۋۇزۇر كۆرۈپ ياتاتتى.
_ ئايشەمخانلارنىڭ دىگەن گىپىنى سىلىمۇ ئاڭلىغانلسىە دادىسى.
_ نىمە دەيدۇ؟
_ سىلەرنىڭ ئۆيدە بولدىغان توي توختاپلا قالدىغۇ؟ قاچان قىلىسلەر؟ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ باغاق بىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. بابىزگە دىمەيلا قىلىۋەتمىگەنسىلەر ، ئازىراق گەپ سۆز ئاڭلىغاندەك قىلىۋاتىمەن. راستمۇ يا؟ دەپ مەسخىرلىك قاراپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە نىمە ئويلايدىغىنىى بىلمەمدىم. بىر توينى قاملاشتۇرۇپ قىلالمدىدى دەپ بىزنى مەسخىرە قىلىشقا ئاران قالىدىدۇ بۇ خەق.
_ ماڭىمۇ بىر قانچە تۇنۇشۇلار مۇشۇنداق دەپ كەتتى. ھەي بۇ خەقلەرنىڭ نىمە ئىشىدۇ دەيمەن. ئۆزىنىڭ ئۆيىدە قىلىدىغانغا ئىش يوقتەك، خەقنىڭ كەيندىن گەپ تېپىشقا بەك ئۇستا ئىكەن،-دىدى جامالىدىن ئاكا.
_ۋايجان دادا، ئانا ئۇنداق پىيتنىخور، يىپچىلارغا ھە دەپلا قويساڭلار بولدى. بىزنى مەسخىرە قىلىشقان بولسا ، ئالدىرماي تۇرسۇن شۇلارغىمۇ بىر كۈنلەر كىلىدۇ. تاڭ كۆرمەڭ تاڭدا يىتەر ، ئالدىرماڭ سىزگىمۇ كىلەر دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. بىرنى ئالدىراپ مەسخىرە قلسا بولمايدۇ. ئۇنداقلارنىڭ گىپىگە پىسەنتمۇ قىلماڭلار. ئايشەمخان دىگەن ئۇ ھازازۇل ھەممە گەپنى تاپىدىكەن. ئۇنىڭمۇ بىر قىزى قېچىپ كەتتى. ئاڭلىسام يەنە ئوغلى بىر قىز ئاقىچىپ كەپتۇ. ئۇنى ھىچكىم بىر نىمە دىمىدىغۇ. خەقنىڭ كەينىدىن بىر نەرسە دىيىشكە ئاران قالىدىكەن ئۇ ۋات-ۋات. بىز بىلەن نىمە كارى ئۇ كاززاپلارنىڭ،-دىدى قۇندۇزئاي.
_ھەراست ئانسى، ھېلىقى گەپنى قۇندۇزئايغا دىدىڭليىمۇ-يا؟
_ قايسى گەپنى دادا، -دىدى قۇندۇزئاي قىزىقىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئولتۇرۇپ.
_دىگەن ئىدىم. بىراق بۇ جۇۋاينىمەكمۇ ئۇنىمايۋاتىدۇ،_دىدى تاجىنساخان.
_ قىز بالا دىگەن ئاتا-ئانىنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان. سەن بولساڭمۇ قىلمايمەن دىمە. ئاكاڭنىڭ يۈزىمىزنى تۆككىنى يىتەر ئەمدى. ھىلىمۇ قۇلۇم-قوشنا، تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ بىزگە قىلىۋاتقان گەپ سۆزلىرى ئاز ئەمەس. سىزنىڭ تويۇڭنى قىلىۋالساق ، ئۇ پىتنىخورلارنىڭ ئاغزى چاپلىناتتى. بىزنىمۇ ئويلاپ قوي. چۇقۇم تىگىسەن. بولمىسا ئاكاڭدىنمۇ ۋاز كىچىپتىمەن. سەنمۇ بەربىر. سەنمۇ كۆزۈمدىن يوقال! ،-دىدى جامالىدىن ئاكا ئاچچىقتىن.
_ شۇ قۇرۇق گەپ - سۆزلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، بۇ توينى قىلمىز دىگەن بولساڭلار مەن تېخىمۇ قىلمايمەن. نىمىشقا مىنىمۇ ئويلاپ قويمايسىلەر؟ سىلەر بەك شەخسىيەتچى ئىكەنسىلەر. مەن قىلمايمەن دىدىم قىلمايمەن. قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار،-دادىسىنىڭ گىپىدىن رەنجىگەن قۇندۇزئاي دادىسىغا گەپ ياندۇرۇپ سالدى. قۇندۇزئاينىڭ ئۆزىگە گەپ ياندۇرۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جامالىدىن ئاكا ئاچچىغىدا، تىتىرگىنىچە كىلىپ قۇندۇزئاينى بىر شاپىلاق ئۇرىۋەتتى.
_ماڭ ئۆيگە كىرىپ كەت. بۇ توينى قىلساڭمۇ قىلىسەن. قىمىساڭمۇ قىلىسەن. يۈركىڭ ئەجەپ يوغىناپ كىتىپتۇيا سىنىڭ. داداڭغا گەپ ياندۇرغۇدەك بولدىڭمۇ؟ سەن كۈچۈكلەر مىنڭى يۈزۈمنى تۆكۈشۈپلا بۇلۇشتىڭغۇ. سەن ئانىسى بولغاندىكىن بۇ قىزىڭغا گەپ ئاڭلات. ئەگەر بۇ توينى قىلماي باقسۇن قېنى!
قۇندۇزئاي دادىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.گەرچە ئەزەلدىن دادىسىغا گەپ ياندۇرمىغان بولسىمۇ، دادىسى ئۇنى مۇشۇنچىلىك بولغۇچە ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى. توغىرا، قۇتلۇقنى ئانچە مۇنچە ئۇرۇپ قوياتتى.بىراق قۇندۇزئايغا قول تەككۈزۈپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا قۇندۇزئاي يىغلىغىنىچە ھوجىرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. جامالىدىن ئاكا قۇندۇزئايغا قول تەككۈزۈپ قويغىنىغا ئۆزىمۇ بىئارام بۇلۇپ ، سۇپىدا ئۇھ دىگىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭمۇ ئەسلى ئۇرۇش نىيتى يوق ئىدى. بىراق . بۈگۈن تويدا قۇتلۇق ئىشى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ تۇنۇش بىلىشلرى ئالدىدا يۈزى چۈشكەن ئىدى. شۇ ئاچچىغىدا ئۆيگە كىرىپ بۇ ئىش بۇلىۋىدى. ئۇ ئاچچىغىنى بىردىنلا قۇندۇزئايدىن چىقارىدى. ھازىر قۇندۇز ئاينى ئۇرۇپ سالغىنىغا ئۆزىمۇ پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. Q
<<توۋا، مەن نىمە قىلىپ قويدۇم. ئەزەلدىن قول تەككۈزمىگەن قىزىمنى بۈگۈن ئۇرۇپ قويدىمغۇ...بىچارە قىزىمنى ئەمەس، ئۆزۈمنى بىر كاچات سالغاندەك ، يۈركىم ئاغىرىپ كەتتى. تەگمىسە نىمە بوپتۇ...بولدىلا ئۆز مەيلىگە قويىۋىتەي...ئۇلارنى قىينىماي...بىرىنى قىيناپ ئۆيدىن چىقىرىۋەتكىنىم يىتەر...قۇتلۇقمۇ بىر ئوبداق خىزمىتىنى تاشلىۋىتىپ يوق...نەلەردە يۈرىيدىكىن تاڭ....>>
تاجىساخان قۇندۇزئاينىڭ كەينىدىن كىرىپ كەلدى. قۇندۇز ئيا كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىغىنىچە دۈم يېتىۋېلىپ يىغلاۋاتاتتى.تاجىنساخانمۇ ، دادسىنىڭ قىزىنى ئۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭمۇ يۈركى ئېچىشىپ كەتتى. ئۇقۇندۇزئاينىڭ قېشىغا كىلىپ ئولتۇردى.
_ داداڭنىڭمۇ سىنى ئۇرغۇسى يوق ئىدى. سەنمۇ ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرماسلىقىڭ كىرەك ئىدى. داداڭنىڭ مىجەزىنى ئوبداق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇردىڭ. بۇ تاياقنى يىيشىڭ ھەق. بىراق داداڭدىن ئاغىرنما. ئۇنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ياخشى ئەمەس. تويدا بىر قانچەيلەن قۇتلۇقنىڭ ئىشىنى يۈزىگە سېلىپ ئۇنى خىجالەت قىلىپ قويۇپتۇ. شۇ ئاچچىغىدا ئۆيگە كىرىپتىكەن. سەن بۇنداق دىۋىدىڭ ئاچچىغىدا ئۇرۇپ سالدى. داداڭنىمۇ خاپا قىلمىساڭ بۇلاتتى.بۇ تويغا ماقۇل دىىگىن . داداڭنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرگەنسەن. قارشىلىق قىلىغىنىڭنىڭ پايدىسى يوق. داداڭمۇ سىنى ئورۇپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىدۇ. داداڭ بىچارىنى ئويلىغىن. بىزمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرەيلى. سەنمۇ بۇ تويغا ققوشۇلمىساڭ ، بۇ مەھەلىدە تۇرغىدەك يۈزىمىز قالمايدۇ. ئابدۇرشىت ئاكاڭلار بىزگە يامانلىق قىلىشى، ھەتتا ساڭىمۇ يامانلىق قىلىشى مۇمكىن. نەدىمۇ ئاتا-ئانا بالىنىڭ بەختىنى ئويلىمايدۇ. بىزمۇ شۇ سىنى ياخشى كۈن كۆرسىكەن دەيمز. بىزنىمۇ توغىرا چۈشەنگىن. بۇنداق جاھىللىق قىلما. جاھللىق قىلىپ پايدا ئالالمايسەن. باشقىچە خىياللارنى قىلمىغىن. قۇتلۇق ئاكاڭمۇ يوق. بىزنى نائۈمۈدتتە قويمىغىن قىزىم.
_ مىنى بىردەم يالغۇز قويغىن . ئەتە پاراڭلىشايلى.
قۇندۇزئاي باشقا گەپ قىلغۇسى كەلمەي ، ئانىسىىنى چىقىرىۋەتتى. ئۇ يىغلاپ ئولتۇرغىنى بىلەن ئانىسىنىڭ قىلغان ھەر بىر گىپى قۇلقىغا كىرىپ تۇردى. ھەر بىر ئېغىنى ئوبدان ئويلىدى. بۇ ئشنى كىچىچە ئويلاپ چىقتى دادىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەلپازىدىن، ئۆزىنىڭ قارشى چىقسا ئاقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ۋە ئاتا-ئانىسىنى ئويلاش قارارىغا كەلدى. بۇ توينى قىلسا ئۆزىگىمۇ ياخشى بولىدغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. دادىسىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاپ. دادىسىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغىرا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. بۇ توينىڭ راستىنلا مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇ بول توينى قىلىشقا ماقۇل بولدى. قۇندۇزئاينىڭ ماقۇل بۇلىشى، تاجىنساخان بىلەن جامالىدىن ئاكىنى بەك خۇش قىلۋەتتى. ئۇلار ئابدۇرشىت ئاكىلار بىلەن دىيشىپ توي تەييارلقىغا چۈشۈپ كىتىشتى. قۇندۇزئايمۇ ئۆز تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى. قۇندۇزئاينىڭ يۈرگەن يىگىتى بولمىغاچقا، ئۇ ئائىلىنى بەش قولدەك چۈشەنگەنچكە بۇ توي قىلىشقا قۇشۇلغىنىغا پۇشايمانمۇ قىلمىدى. بۇ توينى قىلىۋاتقىنىغا خۇشمۇ بولمىدى.
ئابدۇرشىت ئاكىلار توي رەسمىيەتلىرىنى تۇلۇق، تاجىنساخان رازى بولغۇدەك قىلىۋاتاتتى. ئۇلار دەسلەپ قىز سوراپ كىرگەندە، تاجىنساخاننىڭ دىگىنى بۇيىچە، قىزغا ئالتۇن زەنجىر ، ئۇنىڭغا ياندىتىپ بىر تال ئۈزۈك. بىرقوي، قىزغا باشتىن ئاياغ كىيم كىچەك. ئېلىپ كىرىدى. تويلۇق پۇلنى ئىككى تەرەپ كىلىشىپلا ئۆزئارا مۇنداقلا بىرىشىلى دىسە، تاجىنساخان قوشۇلمىدى. ئۇ توينىڭ رەسمىيەتلىرىنى تۇلۇق قىلىشنى ئويلايتى. ئۇنىڭ نەزىرىىدە قىزى ئۇلارغا ئۇشۇق كىىتىپ باراتتى. شۇڭا ئۇارغا قىلىشقا تىگىشلىك قائىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى ، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي دىيشىۋاتاتتى. ھېلى ھەممۇ ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەسكىلىكى خىيالىدىن چىقمايۋاتاتتى. شۇڭا ئۇلاردىن ئېلىشقا تېىگىشلىكنىڭ ھەممىنى ئېلىۋاتاتتى. قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئالدىدا ئابدۇرشىت ئاكىلار ئۇلار نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرۋاتاتتى. نانلىق قلىپ كىرگەندىمۇ ئۇلار خىېلى ئوبدانلا يۈز ئابىروي قىلىشتى. ئادەتتە خىزمىتى بار قىزلارغىمۇ تويلۇققا 20 مىڭ يۈۋەن پۇلنى خېلى تەستە بىرەتتى. ئابدۇرشتى ئاكىلار قۇندۇزئايغا 15 مىڭ يۈۋەن تويلۇق بىرشنى ئېيتقاندا ، تاجىنساخان ئۇنىمىدى.ئۇ ھازىر ئالتۇن مىممەت، 15 مىڭ يۈۋەنگە نىمە كىلىدۇ،د ەپ ئۇلار دىن 20 مىىڭ يۈۋەن تويلۇق ئالدى. بۇ جەھەتتە ئۇ ئىككى ئائىلە ئارسىدا ئازىراق سۈركىلىش بۇلۇپ قالدى. بىراق ئابدۇرشىت ئاكىلار يەنىلا قۇندۇزئاي قىزىمىز ئۈچۈن ئەرزىيدۇ دەپ 20 مىڭ يۈەن تويلۇق ئېلىپ كىردى.
تاجىنساخانلار تويلۇقنى ئېلىپ ، قىزغا تويلۇق ئېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. مۇشۇنداق جىددىيچىلىك بىلەن 10 كۈنگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ توي ئىشى پۈتۈپ توي توختىتىلدى.
(11)
بايرامنى تۈگىتىپ ئىشچى خىزمەتچىلەر نورمال خىزمەتكە چۈشۈۋالغان ئىدى. كوچىدا ئالدىراپ خىزمەتكە كىتىۋاتقانلارمۇ، ئەتتىگەندە چېنىققىلى چىققانلارمۇ، نىشانسىز ئايلىنىپ يۈرگەنلەرمۇ، مەكتەپكە كىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارسىدا توي خىتى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ كىتىۋاتقان قۇندۇزئاي بىلەن ئابدۇسالام ياندىشىپ كىتىۋاتاتتى.
_ بىرەر يەردە ناشتا قىلۋالايلىچۇ، ئەتىگەن ئانام ئالدىرتىپ، بىر نەرسە يىمىگەن ئىدىم. قوسقۇم بەك ئېچىپ كەتتى،_دىدى قۇندۇزئاي ئابدۇسالامنى تارتىپ.
_ئەتتىگەندە قوسقۇڭ ئېچىپ كەتتىما ئاچپاقا. يىسەكمۇ توي خىتى كىسىدىغان يەرنىڭ ئەتىراپىدىنىراق يەيلى. ۋاخ بوپ كەتمىسۇن،-دىدى ئابدۇسالام
_نىمىگە ۋاخ بوپ كىتىدۇ. ئۇلار تېخى ئىشقىمۇ چۈشمىگەندۇ. توي خىتى ئالالماي قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتقانسەن تايىنلىق. قارمامسەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئەمدى كىتىۋاتمامدۇ. ئادەمنى ئالدىرتىپ قاق سەھەردە چىقىرىپ قويۇپ. خۇددى ئۇ ئىدارىنىڭ ئىشىكىنى مەن بېرىپ ئاچىدىغاندەك،-دىدى قۇندۇزئاي دومسىيىپ.
_ئەلۋەتتە ئەنسىرەيمەن دە. بۈگۈن توي خىتى ئېلىۋالمىساق ئەتە جۈمە كۈندە خەت كەسمەسلىكى مۇمكىن. ئۆگۈنلىككە توي تۇرسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە مەن ئاغىنىللىرىمغا چاي بىرىدىغان تۇرسام ئالدىراش بوپ كىتىمەن. سەن ھورۇن ، چۈش بولغۇچە يېتىپ كۈنۈپ قېلىپ، بۈگۈن سەھەر قوپۇشقا خوش ياقمىدىمۇ نىمە؟،-دىدى ئابدۇسالام چاقچاق قىلىپ.
_ بولدى بولدى. نىمە ۋارى ۋارى قىلىسەن بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويسام، بىر مۇنچە گەپ قىپ كەتتىڭغۇ. كىم چۈشكىچە ئۇخلايدىكەن. ئۆزۈڭ تاس قالىسەن قوسقۇڭ ئاچمىسا ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ئۇخلىغىلى . قارامەدەك.
_ ئەمدى مىنى قارا مەدەك دىمە جىمۇ. ئەمدى سىنىڭ ئىرىڭ بولدۇم مەن.
_ دەيمەنغۇ تازا قارامەدەك. يالغانمىتى-يا. ئىرىڭ دەپ كەتكىنىنى قانداق قىلاي. تېخى توي خىتى ئالمىدۇق جىمۇ.
_ خەپ سىنى.
_قانداق قىلىسەن؟
_توي كىچىسى كۆرسىتىپ قويىمەن قانداق قىلىدىغىنىمنى.
_ماڭغىنە قېلىن. ئاغزىڭدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغۇ سەن ساراڭنىڭ. بولدى گەپ قىلمىدىم. يۈرە بۇ يەرنىڭ ئۈگىرىسى بەك ئوخشايدۇ مۇشۇ يەردە ناشتاقىلۋالايلى.
قۇندۇزئاي شۇنداق دىگىنىچە ئابدۇسالام بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلار ئاشخانىدىن چىقىپ، ئۇدىللا توي خىتى كىسىدىغان ئۇرۇنغا باردى. ئەپسۇس. بۈگۈن ئۇ يەردە توي يوق ئىش توختاپ قالغان ئىدى. توي خىتى ئېلىش ئۈچۈن ، ئاجىرششى ئۈچۈن ساقلاۋاتقان بىر قانچەيلەن بارئىدى. ئابدۇسالام بىلەن قۇندۇزئايمۇ توكنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردى.
_توۋا بز بۇ يەردە توي خىتى ئالالمايۋاتساق. ئاۋۇ ئىككىسى ئاجىرشالماي ئولتۇرۇپتۇ،-دىدى ئابدۇسالام ياندىكى ئاجىرىشىىش دەۋاسى قىلىۋاتقان ئىككى ياشقا قاراپ.
_ بولدى قىلە ئۇلارغا قاراۋرمە. بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كىلىپ قالمىسۇن ئۇنداق كۈنلەر.،-دىدى قۇندۇزئاي.
_توۋا دە، سىنى ئېلىۋالساملا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيمەن. ئاران ئېلىۋاتسام سىنى . راست نۇپۇس دەپتىرىڭنى ئەكەلگەنسەن،-دىدى ئابدۇسالام بىر نەرسىنى ئىسىگە ئالغادەك.
_ئاپلا.
_ئۇنتۇپتىمەن دىگۈچى بولما.
_ھى ھى ھى ...چاقچاق. مانا ئالە. سەن ئۆزۈڭنىڭكى بىلەن كۆپەيتىپ كىرگىنە ، ھېلى توك كەلسە كۆپەيتىمەن دەپ يۈگۈرۈپ يۈرمەيلى.
ئابدۇسالام ئۆزىنىڭكى بىلەن قۇندۇزئاينىڭ كىملىكى، نۇپۇسلىرىنى كۆپەيتىپ كىردى. بىراق توك كىلدىغاندەك ئەمەس.
_بۇ توڭ قاچان كىلەر؟،-دىدى ساقلاۋاتقانلاردىن بىرەيلەن.
_ ئۇقمايمىز. ئۈستىدە توك ئوڭشاۋېتىپتىكەن. بەلىكىم چۈشتىن كىيىن كەپ قالار. ياكى ھېلىغىچە كەپ قالار.،-دىدى ئۇ يەرنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرى.
_ بۇ توك چۈشتىن كىين كەلسە. بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئىسىراپ قىلمايلى. يۈرە ماڭا توي كۆينىكى كۆرۈپ ، گىرىم قىلىدىغان يەرنى ئۇقۇشۇپ كىلەيلى. بۇلارنىڭ تىلغۇن نۇمۇرىنى يېزىۋالايلى. تىلغۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتە قىلارمىز،_دىدى قۇندۇزئاي.
_ۋاي ئەجەپ ئىشىڭ تولا بىر نىمە ئىكەنسەن،-دىدى ئابدۇسالام ئۇ ئۇلارنىڭ تىلغۇن نۇمۇرىنى يېزىۋېلپ چىقىپ كەتتى.ئۇلار قۇندۇزئايغا توي كۆينىكى كۆرۈپ ئىجارىگە پۇل تۆلەپ ، گىرىم قىلىدىغان يەرلەرنى ئۇقۇشتى.
_ ھەراست بىز تويلۇق رەسىمگە چۈشمەمدۇق؟-دىدى قۇندۇزئاي گىرىمخانىدىن چىققاچ.
_بولدى چۈشمەيلىچۇ.،-دىدى ئابدۇسالام.
_نىمىشقا؟ پۇلىغا چىدىمايۋاتامسەن-يا؟ پىخسىق مەدەك.
_ئاناڭنى يەنە تىللاۋاتىسەنغۇ. پۇلىغا چىدىمىغىنىم ئەمەس. چۈشكۈڭ بولسا، ئەڭ ئىسىلىغا چۈشەيلى مەيلى. بىراق تويلۇق رەسىمگە چۈشۈش ئىسلامدا ھارام قىلىنغان. رەسىم ئېسىقلىق ئۆيلەرگە پەرىشتە كىرمەسمىش. شۇڭا چۈشمەيلىمىكىن دىگەن . بىراق چۈشكۈڭ بولسا چۈشەيلى.
_ھوي قاچاندىن بېرى موللام بۇلۇپ، قاراھاجىم بوپ كەتتىڭ. مەن خەۋەرسىز قاپتىمەن دىسە. ئىچىپ - چىكىدىغان ھاجىم دە. ئاۋۇ ئىچىۋاتقان ، چىكىۋاتقىنىڭنىڭمۇ ھاراملىقىنى بىلسەڭتى تايىنلىق. مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان . چۈشمەيلى بولدى. ھەي تويدىن كىين يامان ئىللەتلىرىڭنى تاشلا جىمۇ بولمىسا مەندىن تايىقىڭنى يەيسەن.
_ مىنى ئۇرالامسەن؟ تاياقنى مەندىن يىمەسلىكىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ماڭا ئىنساپ تىلە.
_ئۇرسەن دىگىنە تېخى. ئۇرۇپ باقە، داداڭغا دەپ پاچىقىڭنى چاققىزۇۋىتەمنىا. ھېلىمۇ كىچىكىمدە داۋاملىق ئانام بۆشۈككە بۆلەپ قويسا، سەن كىرىپ ئوغۇرلۇقچە بۈشۈكتىن يىشىپ ، پەسكە ئېلىپ ئۇرۇپ قويۇپ قېچىپ كىتىدىكەنسەنتۇق. خەپ سەندىن شۇ ئۆچلىرىمنى ئېلىۋالمىسام سەندىن.
_ نەدە ئۇنداق قىلاتتىم. مەن داۋاملىق كىرىپ سىنىڭ بۆشۈكۈڭنى تەۋرىتىپ، سىنى باقاتتىم تېخى. ساڭا سۈت پاراشۇكى ئىچۈرەتتىم. تاجىنساخان ئاپام تەڭشەپ ماڭا بىرەتتى. مەن ساڭا ئىچۈرەتتىم. شۇ قىلغانلىرىمنى ئۇنتۇپسەن دىگىنە سەن.
_ ھە ياخشى پوقۇڭنى ئادالاپ ، زاكاڭنى يۇيتىم دىمىدىڭ. بىلىمەن ئۇلارنىمۇ . ئانام سۈت پاراشۇكى تەكشەپ ئەكىرىپ بەرسە ،سەن ماڭا بەرمەي ئۈزۈڭ ئىمىۋالاتتىكەنسەنتۇق. مىنىڭ ھەققىمنى يەپ قارداپ كەتكەن نىمە سەن.
_ئۇ چاغدا ئۇ پاراشۇكنى شۇنداق ئىچكۈم كەپ كىتەتتى. سەن مەن ئىچىۋالسام تەلمۈرۈپ قاراپ يېتىپ كىتەتتىڭ. ئاناڭ كىرىپ ئىچتىما دىسە مەن ئىچتى دەپ قوياتتىم. ھازىر ئويلىسام ، بەك قىزىزىق جىمۇ.
_ھە راست ، سىنىڭ دوستلىرىڭغا تۇتىدىغان نەرسە ئالماقچى ئىدىم. يۈرە ئېلىشىپ بەر،_دىدى قۇندۇزئاي كۈلكىدىن ئۆزىنى توختىتىپ.
_مىنىڭ دوستلىرىمغا؟نىمە ئالىسەن؟ ئۇلارغا سەن نىمە بىر نەرسە ئېلىپ يۈرىيسەن؟
_ كالۋا، توي كۈنى مىنى يۆتكەپ مېڭىشتىن بۇرۇن ، سەن بىر قانچە دوستلىرىڭ بىلەن ماڭا بىر دەستە گۈل ئەكىرىپ بىرپ چىقىپ كىتىسەن. مەن شۇ چاغدا سەن بىلەن بىرگە كىرگەن دوستلۇرىڭغا بىردىن پايپاق، قولياغلىق دىگەندەك نەرسىلەرنى بىرىمەن.
_ مۇنداق دىگىن. ماڭا بەرمەمسەن؟
_ساڭىمۇ بار. ساڭا بىر دوپپا كەيدۈرمەن تېخى.
_ بۇ ئىشلار بولىدىكەنغۇ. يۈرە ئەمسە مەن ئەپ بىرەي ساڭا.
_بولدى بۇلارنى ئۆزۈم ئالىمەن. ھەي ماڭا جىڭ گۇل ئەكىرگىن جىمۇ. 11 تال ئەتىر گۇل ئەكىر بۇلامدۇ؟ چۇپەيلىك قىلىپ خاشۇ گۇل كۆتۈرۈپ كىرمىگىن.
_ ۋاي ماقۇل. ئۆزەڭمۇ گۈلدەك قىز بالا تۇرساڭ 100 تال ئەكىر دىسەڭمۇ ئەكىرىمەن جىمۇ. يەنە چالا ئىشلىرىڭ بولسا دىىگىنە قىلىۋىتەيلى.
_قالغىنىنى ئالدىرماي ئويلاي. بۇنداق ۋاقىتلاردا ، ھىچ نىمە كاللاڭغا كەلمەيدىكەن. راست قانداق ماشىنا بىرايدىغان بولدۇڭ؟ ئاق رەڭلىك ماشىنا بىزە جىمۇ.
_ ماشىنا دەيسەنغۇ. قوشنا تۇرساق مېڭىپلا چىقارسەن. يېقىن يولغا نىمە ماشىنا ئىكەن. ياكى مەن سىنى يۈدۈپلا ئېلىپ چىقىپ كىتەيمۇ يا، ئەسلىغۇ ئاۋارە بۇلۇپ توي قىلىپ يۈرمىسەكمۇ بۇلاتتى. توي خىتى ئېلىپلا سەن كىيىملىرىڭنى ئېلىپ ، بىزنىڭ ئۆيگە چىقىپلاۋالساڭ بۇلىدۇ ئەسلى.
_ چاقچاق قىلىۋاتىسەن ھە. راست دەيسەن. بىكاردىن ئىسىراپىچىلىق قىلىپ يۈرگىچە. يىشو دە سەن يىشو. سوققان چوتلىرىڭدىن ئايلىناي. ئۇنداق ئاسان ئىش يوق. ئىسىل ماشىنىدىن بىرنى چىرايلىق بىرزەپ ئەكەل. بولمىسا چىقمايمەن جىمۇ. خېلى،خېلى ماشىنىلارغا ياراشقۇچىلىكىم بار قىز مەن. ئاندىن شەھەرنى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقىسەن.
_ئوخو، خۇتۇنۇمنى بازارغا سېلىپ ، سازايى قىلىمەنكەن دە.
_ نىمانداق سەت گەپ قىلىسەن. شەھەرنىڭ گۈزىلىنى خوتۇن قىلىۋالدىم دەپ، كۆز كۆز قىلىۋالىسەن . قۇندۇزئاي ساھىبجامال مەلىكە كىمگىمۇ تىگىپ كەتكەندۇ دەپ ، ھىجىران پىراقتا، يۈركىنى مۇزغا تېڭىپ ياتقان يىگىتلەر خېلى بار جىمۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭنى بىر كۆز كۆز قىلىپ قويمامسەن.
_ ۋاي تېخى،. ئابدۇسالام ئاشىقمغا كىممۇ تىگىۋالغاندۇ دەپ، ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە كۆر كولاپ، تۇرغان قىزلارمۇ خىېلى بار جىمۇ .سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى بىر كۆرسىتىۋالاسەن.
_ ھەي بولدى چاقچاقنى قويۇپ ، باغاقنى قانداق قىلدىڭ راست؟ سەن بۈگۈن باغاق يازارسەن. مەنمۇ دوستلىرىمغا باغاق يازىمەن. ماڭا باغاقنى سەن ئېلىپ بىرەتىڭ. ئەجەپ ئېلىپ بىرەيمۇ دىمەيسىنا.
_ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن دىسە. باستۇرۇشقا دىيشىپ قويغان. ساڭىمۇ باستۇرغان ئىدىم. يۈرە بېرىپ ئەكىلەيلى. دىمىسەڭ ئىسىمدىمۇ يوق.
_ نىمىشقا مىنى چاقىرۋالمىدىڭ. ئۆزەڭگە ئوخشاش سەت باغاقلارنى تاللاپ قويغانسەنمۇ ئەمدى. باغىقىمنى ئۆزەم تاللايتىم مەن.
_ بولدى تۇمۇشۇقلىرىڭنى ئوشلىمىغىنە. مىنىڭمۇ كۆزۈم خىېلى مال تونۇيدۇ. ياراتمىغىنىڭدا بىر گەپ بۇلار. بۇ چاققىچە بېسىپمۇ بولغاندۇ. ئەكىلىۋالايلى. ،- ئابدۇسالام شۇنداق دىگەچ تىلغۇننى قولىغا ئېلىپ نۇمۇر باستى،- ئاناڭنى تېخىچە توك كەلمەپتۇ. چۈشتىن كىيىن كەلسە بۇلاتتى. بۈگۈن توي خىتى ئېلىۋالمىساق ئىشىمىز تەس.
ئۇلار باغاقلارنى ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردىن چىقىشىغا ، توي خىتى كىسىدىغان يەردىكىلەر توكنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا تىلغۇن قىلىدى. ئۇلار بېرىپ توي خىتى ئېلىۋالدى.ئابدۇسالام توي خىتى ئالغاننىڭ يارشقى دەپ قۇندۇزئايغا مىىڭ يۈەن پۇل بەردى. شۇنىڭ بىلەن توي خىتىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىىنىپ بۇ قوشنىلارنىڭ يۈركى جايىغا چۈشتى. ئەمدى بۇ توينى گەپ-سۆزسىز تۈگۈتىۋالسىلا بۇلارمۇ خاتىرجەم بۇلاتتى.
(12)
بۈگۈن جامالىدىن ئاكا بىلەن تاجىنساخان ئائىلىسى ئۈچۈنمۇ، ئابدۇرشىت ئاكا بىلەن قەمبەرخان ئائىلىسى ئۈچۈنمۇ خاسىيەتلىك بىر كۈن بولغانئىدى. توي خۇشاللىقىغا چۈمۈلگەن ھەر ئىككى ئائىلە تۇلۇمۇ ئالدىراش ئىدى. ئۆز ئارا تام قوشنا بولغان بۇ ئائلىلەر توي قازانلىرىنى بىر ئېسىشقان ئىدى. تويغا كەلگەن تۇنۇش-بىلىشلەر مۇ ئىككى ئائىلىگە تەڭ كىلىپ ئۇزاۋاتاتتى.. ئاۋۋال جامالىدىن ئاكىنىڭ ئۆىيگە بىر پەتە قلىۋىتىپ، ئاندىن ئابدۇرشىت ئاكىلارنىڭ ئۆيىگە مېڭىشاتتى. ئالدىراشچىلىقتا ئۇھ دىگۈدەكمۇ ھالى قالمايۋاتقان جامالىدىنئاكا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئەتىگەندە بامداتقا ئېيتىلغان ئەر مىھمانلارنى ئۇزتىۋاتاتتى. ZC
<<خەپ، قۇتلۇق دىگەن ئىتنىڭ كۈچىكى بۇلغان بولسا، مۇشۇنداق ۋاقتىلاردا ماڭا پۇت قول بۇلۇشۇپ بەرمەمدۇ. سىڭلىسىىنىڭ تويىغىمۇ قاتناشمىدى. خەپ گۇينىڭ بالىسى ئۆيگە كىلىپ باققىن قانداق قىلىمەنكى....مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ بىرىشكىمۇ يارمىدىڭ...>>
جامالىدىنئاكا ھېرىپ كەتكىنىدىن قۇتلۇقنى تىللايتى. نىكا ھ ئۇقۇتۇش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۋاتقان قۇندۇزئاي، تاجىنساخان بىلەن نىمىلەنىدۇر دىيشىپ تۇراتتى.
_ نىكاھ ئوقۇغىلى قاچان كىرىدىكەن؟ مەن تېخى گىرىممۇ قىلغۇزمىدىم. نىكا ھ ئوقۇپ بولسا گىرىم قىلدۇرغىلى چىقىمەن تېخى. توي كۆينەكلىرىممۇ شۇ يەردە. گىرىم بىلەن نىكاھ ئۆتمەيدۇ دەيدىكەن. بۇلار نىمانداق كىرمەيدۇ. ۋاخ بوپ كىتىۋاتىدۇ. مەن دوستلىرىمغا سائەت11 گە دەپ يېزىپتىكەنمەن. سائەت9 دىن ئاشتى. گىرىم 2 سائەتتە ئاران تۈگەيدىغان تۇرسا. ۋاي خۇدايىم بۇلار نىمىش قىلىۋاتىدىغاندۇ ئەمدى.
_ ئالدىرما. نىكاھ ئوقۇيدىغان موللاملار يۇقۇرى مەھەلىدە ئۆلەم بۇلۇپ قېلىپ شۇ يەرگە كىتىپ قاپتۇ.. ھېلىغىچە كىلەر. ھازىر ئەتتىگەندە ئابدۇرشىت ئاكاڭلار ئاش سۈيى ئەكىرىپ بەرگەچ توي تەييارلىقى قانداق بۇلىۋاتىدۇ دەپ 4 ئەر كىشى بىلەن كىرىدىكەن.
ئاش سۈيى ئەكىرىش يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە قىلىپ بىرىدىغان قائىدە بۇلۇپ، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنىڭ تويىنىڭ قازىنىغا كىتەرلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بىرەتتى. ۋە توي تەييارلىقلىرى پۈتتىمۇ ، چالا ئىشلىرى بارمۇ دەپ ئەھۋال سوراپ قوياتتى.
_ بولدىلا مەن گىرىم قىلدۇرۇش ئۈچۈن دوستۇم بىلەن مېڭىۋىرەي. ھازىر نىكاھنى قىز بولمىسىمۇ ئوقۇۋىرىپ بارىدىغۇ. رازىلىقنى دادامدىن ئالسىمۇ بولىۋىردۇ.رازىلىقنى دادام بەرسۇن.
_ توختا مەن سوراپ باقاي ئاندىن ماڭساڭمۇ ماڭغىن.
تاجىساخان باشقىلاردىن سوراپ بېقىش ئۈچۈن ماڭدى. ۋە ھايال بولمايلا كىرىدى. نىكاھ ئوقۇيدىغانلار سەل ھايال قالىدىغان بولۇپ، قۇندۇز ئاي گىرىم قىلدۇرغىلى مېڭىۋەردى. قۇندۇزئاي گىرىم قىلدۇرۇش ئۆيدىكى چاغدا، ئابدۇرسىت ئاكىلار نىكاھ ئوقۇيدىغان موللاملارنى ئېلىپ ئاندۇسالام بىەن نىكاھ ئوقۇغىلى كىردى. ئابدۇرشت ئاكا بىلەن بېشىغا يوغان سەللە يۆگىۋالغان موللامدىن باشقىسى ياش يىگىتلەر ئىدى. جامالىدىنئاكا بىلەن تاجىنساخانلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ھەم ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدى. نىكاھچىلارغا ئاتاپ ئايرىم قازان ئېسىلىپ ، قازانغا گۆش سېلىنغان ئىدى.نىكاھ ئوقۇيدىغان قارىم توي خىتىنى بىر قۇر كۆرۈۋەتكەندىن كىيىن ، ئاۋازىنى سوزۇپ چىقىرىپ، قىرائەت قلىشقا باشلىدى. ئۆي شۇ ھامان تىمتاسلىققا چۈمۈلدى. ھەممەيلەن بېشىنى تۈۋەن سالغىنىچە قىرائەتكە قۇلاق سېلىۋاتاتتى. موللام قىرائەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كيىن سوردى:
_ توي بۇلىدىغان قىز قايسى ئۆيدە؟
_ قىز يوق. قىزنىڭ ئەتتىگەندە قىلمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشى بار چىقىپ كەتكەن. قىزنىڭ رازىلىقى بار . نىكاھ رازىلىقىنى دادىسى ياكى تاغىسىدىن ئاڭلاۋىرىمىز،-دىدى ئارىدا بىرەيلەن .
_ ئۇنداق بولسا مەيلى، ئەمسە قىزنىڭ دادىسىنى چاقىرىڭلار.
ئۆيگە جامالىدىن ئاكا كىرىپ كەلدى. موللام گېلىنى قىرىپ قويۇپ نىكاھ ئوقۇشقا باشلىدى.
_جامالىدىنئاخۇن قىزلىرى قۇندۇزئايخاننى ئۆز رازىلىقرى بىلەن ئابدۇرشىت ئاخۇننىڭ ئوغلى ئابدۇسالامغا خۇتۇنلۇققا بەردىڭىزمۇ؟ قىزنىڭ رازىلىقى بارمۇ؟
جامالىدىن ئاكا بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كيىن:
_ ئابدۇسالام بالامغا بەردىم. بۇ ۋاقىتقىچە مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپتىكەن ئەمدى. ئابدۇسالام بالام باشقۇرۇپ، كۆينىپ، ئاسىرسىلا قىزىمنىڭمۇ رازىلقى بار. بەردىم.
ئەمدى جاۋاپ بىرىش نۆۋىتى ئابدۇسالامغا كەلگەن ئىدى.
_ئابدۇرشىت ئاخۇن ئوغلى ئامدۇسالامجان بالام ، جامالىدىنئاخۇن قىزى قۇندۇزئايغاننى ھالال جۈپتىللىرى قىلىپ نىكاھلىرىغا ئالىدڭىزمۇ؟
ئابدۇسالام دەسلەپ گەپ قىلماي ئولتۇردى. موللام يەنە بىر قېتىم سوردى.
_ ئالدىم،-دىدى ئابدۇسالام ئىككى قېتىم سورالغان سۇئالدىن كىيىن.
ئەسلى تويى بولغان قىز بۈلغان بولسا، بۇ سۇئال قىزدىن ئىككى قېتىم سورالغاندىن كىيىن ئاندى جاۋاپ بىرەتتى. بولمىسا باشقىلار ئەرگە تەككىسى كىلىپ ئاران تۇرۇپتىكەن دەپ گەپ تاپاتتى. ئوغول تەرەپمۇ ئاز دىگەندە ئىككى قېتىم سورالغاندىن كىيىن ئاندىن جاۋاپ بىرەتتى.
نىكاھ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن موللام دۇئاغا قول كۆتۈردى. ھەممەيلەن موللامغا ئەگىشىپ بۇ ئىككى ياشنڭ ھالال نىكاھىغا مەڭگۈلۈك بەخىت تىلىدى.
جامالىدىن ئاكا پەتنۇستا بىر پارچە ئىسىل رەخىت ئۈستىگە 50 يۈەن پۇل قويۇپ، نىكاھ ھەققى دەپ موللامغا بەردى. شۇنىڭ بىلەن نىكاھ مۇراسىمى ئاخىرلىشىپ ئابدۇرشىت ئاكىلار چىقىپ كەتتى.
قۇندۇزئاي گىرىمخانىدا دوستلىرى بىلەن گىرىم قىلغۇزۇۋاتاتتى بۇ يەردە توي گىرىمى قىلغۇزۇۋاتقانلاردىن ، قۇندۇز ئايدىن باشقا يەنە 5 قىز بار ئىدى. گىرىمخانا شاگىرتلىرى بىر بىرىدىن ئالدىراش كۆرىنەتتى. قۇندۇز ئاي توي كۆينەكلىرىنى كىيىپ ، گىرىم قىلغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ئابدۇسالمغا تىلغۇن قىلدى. ئاندۇسالام ماشىنا بىلەن ئۇلارنى ئالغىلى كەلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ گىرىمنىڭ پۇلىنى ئابدۇسالام تۆلەيتى. قىزنىڭ گىرىم قىلدۇرۇشقا ۋە توي كۆينىكىنى ئىجارە ئېلىشقا كەتكەن چىقىمنى ئابدۇسالام تۆلىۋەتتى. قۇندۇز ئاي بىر قانچە دوستلىرى بىلەن ماڭدى. بىر قانچە سائەتلىك بىرگە بۇلۇشقان بۇ يەردىكى توي قىزلىرى قۇندۇز ئايغا بەخىت تىلىدى. قۇندۇز ئايمۇ ئۇلارغا بەخىت تىلدى. ئىسلامچە ياسانغان، ئۇچىىسغا ئەتلەس توي كۆينىكى كىيۋالغان قۇندۇزئاي بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
چۈش بولغانچە كىلىۋاتقان ئايال مىھمانلارنى تاجىنساخان بىر قانچە خۇتۇنلار بىلەن ئالدىراشچىلىقتا ئۇزىتىۋاتاتتى. ئالاھەزەل سائەت 3 لەردە توي كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئابدۇرشىت ئاكا تەرەپتىكىلەر كىرىپ كىلىشتى. ئاۋۋال ئەرلەر بىر توپ بۇلۇپ كىرىشتى، ئارقىدىنلا ئاياللار كىرىدى. ئەر-ئاياللار ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەرگە باشلاندى. چوڭلارنىڭ ئۇزاپ چىقىىشنى ساقلاۋاتقان ياشلار ئىشىك ئالدىدا توپ-توپ بۇلۇشۇپ تۇراتتى.قودا كۆرپىسى دەپ سېلىنىپ قويۇلغان يەرگە قەمبەرخان كىلىپ ئولتۇردى.يەنە بىر ئۆيدىكىمۇ قودا كۆرپىسى دەپ سېلىنغان يەرگە ئابدۇرشت ئاكا كىلىپ ئولتۇردى. قۇدۇلارغا سېلىنغان داستىخان ئالاھىدە سېلىنغان بۇلۇپ ، داستىخاندىن ھەممە نەرسە تېپىلاتتى. تاجىنساخان قىز كۆچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن مىھمانلارغا ، قۇدۇسىغا باشقىچىرەك ، قىممەت ئىسىل رەخىتتىن بىر پارچىدىن قويۇپ، قالغانلارغا ئادەتتىكى رەخىتتىن بىر خىلدىن قىلىپ قويۇپ چىقتى. چوڭلار ئۇزاپ چىققاندىن كىيىن، ياش بالىلار كىرپ كەلدى. قول يۇيۇش ئورنىدا ياشل بالىلار ئۈچۈن قويۇلغان بىر دۆۋە لۆڭگىلەر بار ئىدى بۇ لۆڭگىلەرنى ياش بالىلار قوللىرىنى يۇيۇپ بۇلۇپ ، قولىنى ئېيتىپ ئۆزلىرى ئېلىپ قالاتتى. ئالدىدا ئابدۇسالام، ئاندىن قولداش، ئارقىغا ئۇلشىپ قالغان ياش بالىلار داستىخانغا كىرىشتى. ئابدۇسالام ، ئۆزى ئۈچۈن راسلانغان ئىككى قات كۆرپە سېلىنىپ ،كەينىگە ياستۇق قويۇلغان ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى. يىگىت ئۈچۈن ئالاھىدە بىرى چىنىگە 6 تال چىلان بىلەن ناۋات سېلىنغان يىگىت چېيى قۇيۇلدى.ھەم يىگىت ئېشى دەپ ئۈستىگە ئۇستىخانلىق گۆش بېسىلغان پولو كەلتۈرىلدى. يىگىتلەر چاقچاق بىلەن ئولتۇرشاتتى. كىيىن ئايشەمخان ئاچا بىر پەتنۇستا يىگىت تويلۇق كىيىملىرىنى قويدى.
_ ئابدۇسالام بالام ، بۇ قېيىئاتا، قېيىنئانىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان يارشىغى ئىكەن،-دىدى ئايشەمخان پەتنۇسنى ئابدۇسالامغا سۇنۇپ.
_رەھمەت.-دىدى ئابدۇسالام پەتنۇستىكى قۇلاقچا، كاستۇم، ئاياغ لارنى ئېلىپ.
بىراق ئايشەمخان قۇرۇق پەتنۇسنى ، ئابدۇسالمغا تەكلەپ تۇرۋەردى.يىگىتلەر چاقچاق قىلغىلى تۇردى.
_ ھە ئايشەمخان ئاچا، ئۇخلاپ قالغان بولسىلا ئويغىنڭىلا . ئابدۇسالام ئېلىپ بولغىلى نەۋاخ
_ ئايشەمخان ئاچا ، بىرەر نەرسە كەم بۇلاتامدۇ يا...بىرەر ھاجەتلىرى بولسا دەۋەرسىلە.
_ ھەي سويمىلار، بۇ كىيمنى كۆتۈرۈپ كىرگىچە بەللىرىم ئاغىرىپ، ھېرىپ كەتتىم.قېنى يىگىت ئاتىغانلىرى باردۇ مانداق،- ئايشەمخان ھەييارلىق بىلەن ئابدۇسالامغا قاراپ تۇراتتى.
_ئايشەمخان ئاچا ئالىدىغان ئىش بولسا سىزدەك قېلىن ئادەم يوق جىمۇ.،-دىدى ئابدۇسالام چاقچاق قىلغىنىچە پەتنۇسقا 100 يۈەن پۇل قويدى.
_ ھە قولداش بالام سىلىچۇ؟،-دىدى ئايشەمخان قولداشقا قاراپ.
_ۋاي چىرايلىق ئاچا، خوتۇننى يا مەن ئالمىسام، يا ئۇكىيملەرنى ماڭا بەرمىسىڭىز مەن نىمە دەپ سىزگە ئاتىدىغىنىمنى بىرىدىكەنمەن،-دىدى قولداش نارازىلق بىلەن چاقچاق قىلىپ
_كۆز ھەققى سويمىلار،-دىدى ئايشەمخان تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ.
_كۆز ھەققى. ۋاي توۋا مەن كۆرمىدىم جىمۇ. مىنىڭ كۆز ھەققىم يوق. بالىلار بۇل يەردە نىمىش بۇلىۋاتىدۇ،-دىدى ياش بالىلاردىن بىرى.
_ ۋاي تاڭ كۆرمىدىمغۇ. ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇرىدىغۇ. ئىشلار ناھايتى نورمال،-دىدى بىر قانچە ياش تەڭلا.
ئۆيدىن شۇئان كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئايشەمخان سەل خىجىل بۇلۇپ، گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى.يىگىتلەرمۇ ئۇزاپ چىقتى. ئابدۇسالام سىرىتقا چىقىپ، قۇندۇز ئاي بىلەن تىلغۇنلاشتى. قۇندۇزئاي شۇ تاپ دوستلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى.
_ گۈلۈڭنى ئېلىپ كىرەيمۇ؟،-دىدى ئابدۇسالام.
_داستىخاندىن قوپقانمىتىڭلار؟ سەل ساقلاپ تۇر ئەمسە، ئۆي بەك قالايمىقان بۇلۇپ كەتتى. دوستلىرىم رەتلىۋەتسۇن. ئاندىن كىرڭلار. دوستلىرىڭدىن ئازىراق ئەكىر جىمۇ ئۆي كىچىك پاتماي قالماڭلار . مىنىڭمۇ دوستلىرىم بار ئەمەسمۇ.
_مىنىڭچە نەچچىنى ئەكىرسەم بۇلا.
_ سەن بىلەن قولداش قوشۇلۇپ 10 دىن ئېشىپ كەتمەڭلار ئىشقىلىپ.
قۇندۇزئاي تىلغۇننى قويۇۋىتىپ ، قىزلارغا بۇيرۇق قىلدى. ئابدۇسالاملار كىرىدىكەن، بۇ يەرنى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ سىلەرمۇ چىرايلىق ئولتۇرۇڭلار. يىگىتلەردىن بىرىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا ئارقامغا ئۇلاپ توي قىلىۋالارسىلەر. قايسىڭنىڭ قوڭىغا تېپىپ قوياي. ئىتتىكىرەك توي قىلىۋېلىش.
_ ھەي ئاداش ئاۋال مىنىڭكىگە تىپىپ قويە ، مەن بىر توي قىلىۋالاي.
ئۆيدىن شۇ ئان كۈلكە كۆتۈرۈلدى. توي بولغان قىز بىرەر تويى بولمىغان قىزنىڭ قوڭىغا تېپىپ قويسا ، شۇ قىزنىڭ تويى ئىتتىڭ بولىدى دويدىغان كونىچە قاراش بار ئىدى.
قۇندۇز ئاي ئابدۇسالامغا كىرىڭلار دەپ تىلغۇن قىلدى. ئابدۇسالام قولداشتىن باشقا 6 ئاغىنىسى بىلەن بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ ، قىز بار ئۆيگە كىرىدى. ۋە گۈلنى قۇندۇز ئايغا بىرىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن راسلانغان كۆرپىگە كىلىپ ئولتۇردى.
قۇندۇز ئاي قولداش قىز بىلەن بىرلىكتە ئابدۇسالام بىلەن قولداشقا گۈل تاقىدى. ۋە ئارقىدىنلا ئۇلارغا دوپپا كەيدۈردى. قىزلاردىن بىرى پەتنۇسقا سېلىپ تەييارلاپ قويغان ، قولياغلىق بىلەن پايپاقنى يىكىتلەرگە بىردىن ئالدۇرۇپ چىقتى.يىگتلەرمۇ بۇ رەسمىيەتلەرنى تۈگىتىپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ، دۇئا قىلىشىپ چىقىپ كىتىشتى.
ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا قىزلىق ماللار قويۇلىۋاتاتتى. جامالىدىن ئاكا قۇندۇزئايغا ئاتا گىلەم، كىيىم ئىشكاۋى، تىلىۋۇزۇر، كىر ئالغۇ، ئابدۇسالامغا موتو ئالغان ئىدى. مۇ ماللا قىزنىڭ يوتقان كۆرپە ، يىكەنداز، كىيىم كىچەك ، ئالتۇنلىرى بىلەن بىىللە قويۇلدى. مال قۇيۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشتى. قەمبەرخان بىر قانچە تۇنۇشلار بىلەن قۇندۇز ئاينىڭ قېشىغا كىرىپ ، ئۇنى ئارىغا ئالغانىچە يۈزىنى گىجىم رومالدا يۆگەپ، ئۇچىسىغا پەلتۇسىنى كەيدۈ ر ۈپ ئېلىپ ماڭدى. قىز يىغلاۋاتاتتى. تويى بولغان قىزنىڭ يىغلىشى قائىدە ئىدى . بۇنىڭدا ۋىسال خۇشاللىقىمۇ ھەم ئاتا-ئانسىدن ئايرىلىش ھىجىران ئازابىمۇ بار ئىدى. قىز تويى بولغان ۋاقىتتا باشقىلارغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ يىغلىمىسا، باشقىلار كەينىدىن گەپ تاپاتتى. ئەگەر قىز يىغلىماي قالسا ، بىقىنلىرىنى چىمداپ يىغلىتىدىغان قائىدىمۇ بار.
ئابدۇسالام قۇندۇزئاينىڭ دىگىنىدەك ئاق رەڭلىك ئىسىل ماشىنىدىن بىرنى شۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ، چىرايلىق بىزەتكەن ئىدى. قىز ئېلىپ چىقىلغاندا، قىزنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە توي ئەھلى بىر چۈپ ياشنىڭ بەختىنى تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. شۇ تاپتا تاجىنساخان يىغلاۋاتاتتى. گەرچە يېقىن يەردە دىسىمۇ ئىشقىلىپ، ھازىر ئۇ ئەڭ يېقىن نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىسىياتتا بۇلۇۋاتاتتى.
قۇندۇز ئاي،قولداش، ئابدۇسالاملار توي ماشىنىسىغا چىقتى. قاتار تىزىلغان ماشىنلار سەپ تۈزەپ شەھەر ئايلىنىش ئۈچۈن مېڭىپ كەتتى. ئەمدىلا مەھەلىدىن چىقىشىغا مەھەلىدىكى بىر قىسىم ياشلار ماشىنىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ماڭغىلى قويمىدى . قولداش بالا دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارغا100 يۈەن پۇل بىلەن بىردىن جايناماز بىرىپ يول ئاچقۇزدى. ياش بالىلار توي ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، توينى قىزتىدىغان قائىدىللىرى بار ئىدى. بۇ ياش بالىلارنىڭ توي خۇشاللىقى ئىدى.
ئىككى ئائىلە قوشنا بولغاچ، يەڭگە قاتارلىق چوڭ مىھمانلار قېلىپ قېلىشقان ئىدى. ئۇلار مېڭىپلا ئابدۇرشىت ئاكىنىڭ ئۆيىگە چىقىۋەردى. ماشىنىغا ئاساسەن ئابدۇسالامنىڭ دوستلىرى بىلەن قۇندۇزئاينىڭ دوستلىرى چىققان بۇلۇپ، قالغان ماشىنىلار قۇرۇق ئىدى. ئالدىدا سازچلار چىقىۋالغان ماشىنا ناغىرا سۇنايلار بىلەن 20 گە يېقىن ماشىناشەھەرنى بىر ئايلىنىپ قايتىپ كەلدى. ئابدۇسالام ۋە قەمبەرخاننىڭ يىتىلىشىدە قۇندزئاي ھويلىغا ئېلىپ كىرىلدى. يىگىت ئەمدىلا ھويلىغان كىرىشى بىلەن سازچىلار ساز چېلىپ، دوستلىرى ئۇنى تارتقىنىچە ئۇسۇلغا چۇشۈپ كەتتى. قۇندۇزئاينى قەمبەرخان يىتىلىگىنىچە ئۆيگە ئېلىپ كىرىدى. قۇندۇز ئاي كىرىدىغان ئۆيگە يىكەنداز سېلىنىپ، ئۇستىگە بىر بارچە چىكەن قويۇلۇپ ئۇنىڭغا دەسستىلىپ كىرىلدى.قۇندۇزئاي كۆرپىگە دەسسەپ كىرگۈچە يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. بۇ قائىدە بۇلۇپ ، قىز دەسسە كىرگەن نەرسىلەر قىز تەرەپتە قالاتتى.
قۇندۇزئاي ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن، يۈز ئاچقىسى قىلىندى. قەمبەرخان ئۇسۇل ئويناپ كەلگىنىچە قۇندۇزئاينىڭ يۇزىنى ئېچىپ، پىشانىسىگە سۆيۈپ ، قولىغا بىر تال ئۈزۈك سېلىندى. توي تاراپ جىمىققاندىن كىيىن ، يەڭگىلەر ھوجىرائۆيگە يوتقان سېلىپ، قۇندۇزئاينى ئەكىرىپ ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى تاپىلاپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە ئاق رەخىتنى بىرىپ ، ئۇنىڭ قورقماسلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ياندىكى ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. يۈرەكلىرى ، تىز-تىز سوقۇۋاتقان، ھەر قانداق بىر قىز قورقىدىغان بۇ كىچىدە، قۇندۇزئايمۇ قورققىنىدىن ، يىغلىغۇدەك بۇلۇپ، ئابدۇسالامنىڭ كىرىشىنى ساقلاپ ئولتۇراتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا قوشنا ئۆيدە تاجىنساخانمۇ ناماز ئوقۇپ ، ئىچىدە نمىنەلىدۇر ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى.
(13)
تۈنۈگۈندىن بېرى توي ھەلەكچىلىكىدە ھېرىپ كەتكەن تاجىنساخان بۈگۈننى يەنە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە كۈتۈۋالدى. ئۇ سەھەر تۇرۇپ، قۇندۇز ئايغا ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى. ئۇ كاۋاپخانىغا ۋە ئاشخانىغا تىلغۇن قىلىپ بىر داستىخانلىقتىن كاۋاپ ۋە پىتىر مانتا بۇيرىتتى. ئۆزى ئايشەمخان بىلەن ئاشخانىدا شورپا بىلەن پولو قىلىۋاتاتتى. پولو بىلەن شورپا تەييار بولغۇچە ئاشخانا شاكىرتلىرىمۇ پىتىر مانتا بىلەن كاۋاپنى كۆتۈرۈپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن ناشتىلقمۇ تەييار بولدى. ناشتىلىقنى تاجىنساخاننىڭ ئاچىسى ، ئايشەمخان ۋە يەنە قوشنلاردىن ئىككى خوتۇن بۇلۇپ 4 كىشى ئېلىپ چىقتى. ناشتىلىق ئېلىپ كىرگەنلەرنى قەمبەرخان ناھايتى قىزغىن مۇئامىلىلەر بىلەن كۈتۈۋالدى. ئەتىسى ناشتىلىق ئېلىپ چىققانلارمۇ بىكارغا چىقمايتى. ئۇلار قىزنىڭ توي كىچىسى قىز چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى تىڭتىڭلاش ئۈچۈن چىقاتتى. ئەگەر قىز چىقمىغان بولسا، يىگىت تەرەپ، ئۇلارنىڭ ناھايتى سوغوق مۇئامىلىلەر بىلەن كۈتۈپ، قىزنى ناشتىچىلارغاقوشۇپ يولغا سېلىپ قوياتتى.تاجىنساخاننىڭمۇ ئاخشامنىڭزى ئەنسىرگەنلىرى مۇشۇ ئىدى.. قارىغاندا ئۇنىڭ ئەنسىرەشلىرى ئارتۇقچە بولغان بولسا كىرەك. تاجىنساخانلارنىڭ يۈركى ئارامىغا چۈشتى. ئىككى قودا قوشنا بۇلۇپ قالغانلىقتىن چىراق ۋە قودا كۆرشۈشلەرنى شۇ كۈنى كەچتىلا قىلۋەتتى. بۇنداق بولغاندا قىز بىلەن ئاتا-ئانا ۋە ئىككى قودا ئۆز ئارا كۆرشىپ قېلىپ خىجىل بۇلۇشلاردىن ساقلانغىلى بۇلاتتى.بۇ ئشلارمۇ شۇنداق يولىدا گەپ سۆزسىز تۈگىدى.
تويدىن كىين ئىككى ئائىلە شۇنداق ئىنا بۇلۇشۇپ كەتتى. ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناق بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىنى ، ئابدۇسالام بىلەن قۇندۇزئاينىڭ شۇنداق ياخشى چىقىشىپ كەتكەنلىكى مەھەلىدىكى بەزىلەرنى سۈيۈندۈرەتتى. بەزىلەرنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇراتتى. ئەڭ مۇھىمى ھازىر جامالىدىن ئاكا بىلەن ئابدۇرشىتى ئاكا ئەڭ خۇش بۇلۇۋاتقان كىشىلەردىن ئىدى. تويدىن كىيىن ئابدۇسالام يامان ئىللەتلىرىدىن خېلى قول ئۈزدى. قۇندۇزئاي بىلەن شۇنداق ئىناق ئۆتۈۋاتاتتى. قۇندۇزئاي ھەم قېينىئاتا ، قېينىئانىللىرىنىڭ، ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھاجىتىدىن شۇنداق ياخشى چىقىۋاتاتتى. ھەر ئىككى ئائلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ ئۈلگۈرەتتى. ئۇ ئابدۇسالامنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ بەزىدە ئاتا-ئانىسىدىن يۇشۇرۇن ، ئۇنىڭغا ھېلى ئۇنى ، ھېلى بۇنى كۆتۈرۈپ كىرەتتى. ئاغزىدىن نىمە چىقسا شۇنى قلىپ بىرەتتى.قۇندۇزئاي بەزىدە <<مۇشۇنداق بەخىتلىك كۈنلىرىمنى ئاكام كۆرگەن بولسا ھە. ئاكا قاچانمۇ كىلەرسەن، نەلەردىمۇ يۈرىيدىغانسەن. ئاتا ئانىنىڭ گىپىنى ئاڭلىسىمۇ بولىدىكەن. سەنمۇ توي قىلغان بولساڭ مەندەك بەخىتلىكمۇ بۇلۇپ قالاتتىڭ>>دەپ ھەسىرەت چىىكىپ قوياتتى.
ۋاقىت مۇشۇنداق ئىناقلىق ، خۇشاللىق بىلەن ئۆتمەكتە. بۇنداق ئىناقلىق مەھەلىدىكى يىپچى ، قۇسۇرچىلارنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپ ، ئىچىدىن قان كەلتۈرۋاتاتتى.
بىر يىلدىن كىيىن قۇندۇزئاي بىلەن ئابدۇسالام ئۆز مۇھەببەتلىرىنىڭ مىۋىسىنى كۆرۈپ ، بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى. بۇ ئىككى ئاىئلە نەۋرسىنى تالشىپ تۇرۇپ باقاتتى.
تۇۋا دۇنيادىگەن ئاجايىپ ھە ، ھەرقانداق خۇشاللىقمۇ، ھەر قانداق خاپىقمۇ ئۇزۇنغا بارمايدىكەن. دۇنيادا يەنىلا رەزىل ئادەملەر بولدىكەن. كەم كۈتسىز ئىشنىڭ بۇلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ھەر بىر ياخشى ئىشنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنى بۇزۇش ئۈچۈن پىلارنلارنى تۈزىدىغان پەسكەش رەزىل ئادەملەرمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن. مانا بۇ ئىككى ئائىلىنىيڭ بەختىن كۆرەلمەيۋاتقان مەھەلىدىكى ئايشەمخان ئۇلارنڭ ئارسىغا سوغوقچىلىق سېلىشنىڭ خىياللىرىنى قىلىپ كىچىسى ئۇخلىمايتى. ئەسلىدىنلا قىزنى ئابدۇ سالامغا بەرگۈسى بار بۇ خوتۇنبۇ توي دەسلەپ چىققاندىلا ئانچە خۇش بولمىغان ئىدى. ئەگەر قىزى قېچىپ كەتمىگەن بولسا ، ھەر نىمە قىلىپ قىزىنى ئابدۇسالامغا بىرەتتى. ھېلى ھەممۇ ئابدۇسالام بىلەن قۇندۇزئاينىڭ ئارسىغا سوغوقچىلىق سېلىپ ئۇلارنى ئايرىۋىتىپ، ئاجىرشىپ ئۆيدە ئولتۇرغان قىزىنى سايە قىلىشنى قويلاۋاتاتتى.
يامان ئادەملەرنىڭ قولىدىن ھەر بالا كىلىدۇ دەپ بەزى ئادەملەر مەقسىدىگە يىتەلمىسە، مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۈن ھەر قانداق پەسكەشلىكنى قىلىپ باقىدىكەن. بۇ خوتۇن ئىككى ئائىلىگە يالغان گەپ سۆزلەرنى قلىپ ، ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى بۇزۇش كويدا يۈرەتتى. قۇندۇزئايغىمۇ كەلسە كەلمەس گەپلەرنى قىلىپ، ئابدۇسالامغا ئىشەنمە قىلۋاتاتتى.ئۇنىڭ سىرىتتا ئاشنىسى بار ئىكەن دىگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلاتتى. ئايشەمخاننى ئوبدانلا چۈشەنگەن بۇ ئائللىلەر ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىگە ئەلۋەتتە ئىشەنمەيتى. بىراق قۇندۇزئاي ئابدۇسالامنىڭ بۇرۇندىن ئارلاشقان قىزلىرىنىڭ جىقلىقىنى ئاڭلىغان . تويدىن كىيىن ئۇنى تۈزەلدى دەپ ئويلايتى. يېقىندىن بېرى كىرا بۇلۇپ قالدى دەپ ئۆيگە كەچ كىرىدىغان بۇلۇپ قالغاچ ، ئۇنڭغا دىققەت قىلىدىغان بولدى. لىكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى. بىر ئۆينىڭ مۇستەھكەم بۇلۇشى ئۈچۈن ئىشەنچنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا ئابدۇسالامغا بۇ گەپلەرنى دىمەي، ئۇنىڭغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.
(14)
مەخسۇس قۇندۇزئاينىڭ چقىشىنى ساقلاۋاتقان ئايشەمخان ، بالىسىنى ئېلىپ ئانىسىنڭگىگە بىردەم ئولتۇرۇش ئۈچۈن چقىۋاتقان، قۇندۇزئاينى چاقىردى.
_قۇندۇزئاي قىزىم بۇياققا كىلە، ساڭا مۇھىم گەپ بار.
_نىمىش ئايشەمخان ئاچا.
_بايام بازاردىن كۆكتات ئەكەلگەچ كىمنى كۆردىم بىلەمسەن؟
_كىمنى؟
_ ئابدۇسالامنى كۆردىم. ئۇ بىر قىز بالىنى يىتىلىگىنىچە بىر تورتخانىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ قىز سېرىق چاچ شۇنداق مودا قىز ئىكەن. قاراشتىنلا ياخشى قىزدەك قىلمايدۇ. ئابدۇسالامغا سۈركىلىپ ، ئەركىلەرپ ھىجايغىنىچە كىلىپ كەتتى. ساڭا دىسەم ئىشەنمەيۋاتىسەن. ئىشەنمىسەڭ سەنمۇ بېرىپ قاراپ باققىن شەھەردىكى ھېلقى تورتخانىنى بىلىسەنغۈ دەيمەن. ياشلار جىق كىرىدىغان . شۇ يەرگە كىرىپ كەتتى.
_ ۋاي ئايشەمخان ئاچا نىمىلەرنى دەيدىغانسىز. ئۇ دىگەن مىنىڭ دوستۇم. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مۇشۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرىدۇ . ئابدۇسالام بىلەن دىيشىپ مىھمان قىلىپ قويساقمىكىن دىگەن. شۇ ئىشتن مىنىڭمۇ خەۋىرىم بار. مەنمۇ تېخى شۇ يەرگە بارماقچى ئىدىم.
قۇندۇزئاي ئايشەمخاننىڭ گەپلىرىدىن ئاچچىغى كىلىپ تۇرۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن ئۆزىنى تۇتىۋالدى. بۇ خوتۇننىڭ ئاغزىنىڭ سىرىتمسى يوق بۇلۇپ ، ھەممە گەپ چىقاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ يەنە قالايمىقان گەپ تاپماسلىقى ۋە ئابدۇسالامنڭ ئابرويىنى دەپ ، شۇنداق دەپ تۇرۋالدى.
_ ئۇنداق بولسىغۇ مەيلى. ئشقىلىپ ئىھتىيات قىل. جەمىيەتتە ھەرخىل ئادەملەر بار. ئىرىم ئشەنچىلىك دىگەن نى نى خوتۇنلارنىڭ ئىرىنىمۇ ئازدۇرۇپ كەتكەنلەر خېلى بار. ئۇ بۇزۇقلار ئابدۇسالامنى ئازدۇرۇپ كەتكەندە بارماق چىشلەپ قالمىغىن دەيمەنغۇ. بوپتۇ ئەمسە ، مەنمۇ ئىشىمغا مېڭىۋىرەي. سەنمۇ كىرىپ كەتكىن.
قۇندزئاي بالىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بىراق كاللىسىدا ئايشەمخاننىڭ گەپلىرى جاراڭلايتى. بېرىپ قاراپ باققۇسى كىلەتتى.
<<ئايشەمخان ئاچام توغىرا دەيدۇ. بىرى ئازدۇرۇپ كەتكەندە بارماق چىشلىگەننىڭ پايدىسى يوق. ئىشقىلىپ ئابدۇسالاممۇ گۇمانلىق بۇلۇپ قالغان. بىر بېرىپ يىراقتىن بولسىمۇ قاراپ باقاي . ئۇنى دەسلىپدلا بوش قويىۋەتسەم كىيىن ، بوينۇمغا مىنمىسۇن. ئۇ راستىنلا ئاشۇنداق يولدا مېڭىۋاتامدىغاندۇ؟...ياق. بارسام بولمايدۇ. ئىرىمگە ئىشىنىشىم كىرەك. ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ائايشەمخان بىزنى كۆرەلمەي ئاشۇنداق گەپلەرنى تاپقان گەپ. ناۋادا شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ. ئېغىر بېسىق بۇلاي. ئەر كىشىنىڭ قايسى بىرى سىرىتقا قارىمايدۇ. ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ. چۇقۇم بالىمىزنى ئويلايدۇ......ئەر كىشىگە ئىشەنگىچە، ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىغا ئىشەن دەپتىكەن.....>>
قۇندۇزئاينىڭ كاللىسى زىدىيەتكە تولدى. ئۇ بىردىنلا ئانىسغا:
_ ئانا مەدىنەگە قاراپ تۇرغىنە،_دىدى ئۇ ئىمىۋاتقان بالىنى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ.
_سەن نەگە بارسەن؟-دىدى تاجىنساخان بالىنى قولغا ئالغاچ.
_ھېلى كىلمەن.
قۇندۇزئاي بالىسىنى ئاپىسىغا بىرىپ ئۇچقاندەك ئۆيدىن چىقتى. ئۇ كوچىغا چىقىپ ،بىر تاكسىغا چىقتى ۋە ئايشەمخان دىگەن ھېلىقى تورتخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ چۈشۈپ قالدى. ئۇ تاكسىدىن چۈشۈپ تورتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ تۇرشىغا ، تورتخانا ئىشىكىدىن ئابدۇسالام بىر قىزنى قولتۇقلىغىنىچە كۈلۈشۈپ چىقتى. قۇندۇزئاي ئالدىدىكى بۇ مەنزىرگە ئىشەنمەيۋاتاتتى. ئۇنڭ بېشى قېتيىپ كۆزلىرى قاراڭغۇلشىپ ، كۆزلرىىدىن ئىختىيارسىز ياشلار تاراملارپ كەتتى. ئۇ كەينىگە ئۆرىلىپلا كىتىشكمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ شۇ جايىدا قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدى. قۇندۇزئاينىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىدا پەيدا بولغىنىنى كۆرگەن ئابدۇسالام بىردىنلار چىرايى ئۆڭۈپ ، ھېلىقى قىزنى بىر تەرەپكە ئىتتىرۋەتتى. قۇندۇزئاينى كۆرگەن ئۇ قىزمۇ ئەھۋالنى چۈشەنگەندەك بۇلۇپ ئىتتىڭ مېڭىپ ، قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى.
_ بۇ..بۇ...بۇ يەردە نىمىش قىلۋاتىسەن؟ بالىغا قارىماي بۇ يەردە ساڭا نىمش بار؟_ دىدى ئابدۇسالام دۇدۇقلاپ ، ئۇ سەل ھاراق پۇرايتى. تۇرقىدىن سەل تەڭشىلىپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى.
_ئۆزۈڭچۇ ؟ ۋىجدانسىز. ئۇ كىم؟ تېخى ئىشەنمەپتىمەن. سىنى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپتىمەن. بىراق ساڭا بولغان ئىشەنچىمىنى يەرگە ئۇردىڭغۇ. مىنى ئويلىمىساڭمۇ بالىمىزنى ئويلىساڭ بولمامدۇ. ئاشۇ بۇزۇقلارغا خەجلىگە پۇلۇڭ ھارام بولسۇن. ھەر كۈنى كىرا چىقىپ قالدى دەپ كەچ قالىسەن. مۇشۇنداق بۇزۇقلارنى توشۇيمەن دە. مەن بالاڭنى بېىقىپ ، كىرىڭنى يۇيۇپ يۈرەي. سەن بۇيەردە بۇزۇقلار بىلەن كۆڭۈل خۇشى قىل.
قۇندۇز ئاي ئۆزىنى تۇتالمىدى. ئۇ ئابدۇسالامغا ۋارقىرىغىنىچە، كەينىگە ئۆرىلىپلا يۈگۈردى. ئۇنىڭ ئاۋازى غەزەپتىنمۇ ياكى يىغىدىنمۇ ئىشقىلپ تىتىرەپ كەتتى. ئابدۇسالام ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈگىنىچە تارتىپ تەستىكىگە بىرنى سالدى.
_ سەن ئۆيدە ئولتۇرماي ، مىنىڭ كەينىمگە چۈشتىڭما. سەن تېخى مىنى كۈزەتكۈدەك بولدۇڭما ؟ ! ماڭ ئاناڭنى ماشىنىغا چىقى. ئۆيگە بارىسەن. بالىغا قارىماي ساڭا كوچىدا نىمە بار. نىمە قىلسام سىنىڭ نىمە كارىڭ. خەقنىڭ ئالدىدا ئەجەپ يۈزۈمنى چۈشۈرۈپ ، ۋارقىراپ كەتتىڭ. مەن ئابدۇسالام تېخى خوتۇننىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان دەرجىگە چۈشۈپ قالمىدىم. قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل. پاسكىنا ماڭا ئۆيگە بار.
ئۇ قوندۇزئاينى سۆرەپ ، تارتىپ ماشىنىغا چىقاردى.ۋە ماشىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ مېڭىپ كەتتى.ئۇ ماشىنىنى شۇنداق ئىتتىك ھەيدەۋاتاتتكى، قىزىل چىراقلاردىمۇ توختمايۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئەلپازنى كۆرگەن قۇندۇزئاي قورقۇپ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئۆزىنىڭ يېنىكلىك قىلىپ قالغاندەك ھىس قىلۋاتاتتى.
_ نىمە قىلاي دەيسەن. ئاستىراق ھەيدە. ۋەقە چىقىپ قالمىسۇن. سوقۇلۇپ كىتىمىز. ئۇنداق قىلما. ماشىنىنى توختات مەن چۈشۈپ قالىمەن. ھاراق ئىچىپسەن ، بۇنداق ماشنا ھەيدىمىگىن.
_ سەن ئاناڭنى ، مىنىڭ كەينىمگە ئادەم قويۇپسەن. سىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بلىپ تۇرۇپ، ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا يۈزۈمنى تۆكۈپ ، تىللاپ كەينىمگە چۈشۈپسەن. ماڭا ئىشەنمەپسەن . ئۇ مۇنداقلا ئارلىشىپ قويدىغان قىزلار. ساڭا ئوخشىمايدۇ.
_ئۇنداق قىلما. مەن شۇ سىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن مۇشۇنداق قىلپ ساپتىمەن. سىنى باشقا قىزلار تارتىۋالمىسۇن دەپ قىزغىنىپتمەن. بىراق سەنمۇ مىنىڭ ئىشەنچىمىنى يەردە قويدۇڭ. مىنى ئۈمۈدسىزلەندۈردىڭ. مىنى ياخشى كۆرسەڭ، باشقا قىزلارغا قارىمايتىڭ. مەن ساڭا يەتمەيۋاتاتمدىم. مەن سىنىڭ ھاجىتىڭدىن چىقالمايۋاتامدىم. سىنى قاندۇرالمايۋاتامدىم. يەنە نىمىشقا سىرتىقا قارايسەن؟ قىزىمىنزنى بولسىمۇ ئويلاپ قويساڭ بولمامدۇ. ئۇنداق قىلما ، بىزگە بىرەر ئش بۇلۇپ قالسا قىزىمىز قانداق قىلىدۇ.بولدى سەن قانداق قىلساڭ قىل . ئەمدى سىنىڭ ئىشڭغا ئارلاشمايمەن. نىمە دىسەڭ شۇنى قىلاي. خىتىڭنى ئال دىسەڭمۇ مەيلى ، ئاجىرشىپ كىتەيلى بولمىسا.
_ئاجىرشايلى. مەقسىدىم مۇشۇ دىگىنە سەن پاسكىنا. ئەسلى ئاجىرشىشقا باھانە ئىزدەۋېتىپتىكەنسەن دە. قانداق مەندىن ئاجرشىپ ، بىرەرنى تېپىپ قويغانما تىگەي دەپ، پاسكىنا جالاپ
_ئۇنداق قىلما. سەندىن ئۆتىنەي.
قۇندۇز ئاي تېخىمۇ ئتىىڭ ھەيدەۋاتقان ئابدۇسالامغا قاراپ ئۆتۈنۈپ يىغلاپ كەتتى. ئابدۇسالام ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ تىز سۈرەتلىك تاشيولغا چىقتى. ئابدۇسالام. پۈتۈن ئاچچىغىنى ماشىنىدىن چىقىرىۋاتقاندەك ، ماي تەپكىسىنى بۇلۇشىغا دەسسەپ كىتىۋاتاتتى. ئۇلار تۇيۇقسىزلا ئالدىغا چىققان چوڭ يۈك ئابتىمۇبىلىغا ئۇرۇلغىنچىە ياندىكى قىياغا چۈشۈپ كەتتى.
(15)
ئەمگىسى كىلىپ يىغلاپ كىتىۋاتقان مەدىنەنى بەزلىيەلمەي تاجىنساخاننىڭ نىرۋىسى ئۆرلىگىلى تۇردى.
_ بۇ جۇۋاينىمەك ھازىلا كىرىمەن دەپ نەلەرگە يۇقالدى ئەمدى. نەچچە سائەت بولدى يوققۇ. قېينىئانىسىنىڭكىگە چىقىپ كەتتىمۇ يا. بالا بېقىش ئېغىر كەلسىلا ماڭا ئەكىرىپ بىرىپ ، يوق بۇلۇپ كىتىدۇ بۇ كۈچۈك.
تاجىنساخان مەدىنەنى كۆتۈرگىنىچە قەمبەرخاننىڭ ئۆيىگە كىرىدى. ئۇ قەمبەرخاننى ھويلىغا كىرىپلا چاقىردى.
_ قەمبەرخان ، ماياققا چىقسىلا. ما نەۋرىمىز نىمدا يىغلايدۇ. ئانسى كىرمىگەندۇ؟
قەمبەرخان ئىچكىرىكى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ ھويلىغا چىقتى.
_ ياق ، سىلنىڭكىگە ئولتۇرۇپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتكەن . كىرمىدىغۇ.
_نەگىمۇ كەتكەندۇ. ھېلى كىرىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن . بالىنىڭ ئەمگىسى كەپ كىتىپتۇ. بەك يىغلاۋاتىدۇ. ئابدۇسالامنىڭ يېنىغا كەتمىگەندۇ؟ تىلغۇن قلىپ باقسىلا.
_ھەماقۇل،-ددىدى قەمبەرخان تىلغۇن تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئلېىپ نۇمۇرلارنى بېسىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن،- تلغۇنى ئۇلانمىدى. بەلكىم ئىككىسى بىردۇر. بىردەم ساقلاپ تۇرايلى كىرىپ قالار. بالىغا سۈت پاراشۇكى تەڭشەپ بىرىپ تۇرايلى.
ئۇ ئىككى قۇدا مەدىنەنى بەزلەش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدە. ئۆيگە ئىككى ساقچى كىرىپ كەلدى. ساقچىنى كۆرگەن قەمبەرخان بىلەن تاجىنساخان بىر خىل ئەنسىزچىلىككە چۈشتى.
_ ئابدۇرشىت ئاكىنىڭ ئۆيى مۇشۇما؟
_ ھەئە بالام . كىلىڭلار، _ دىدى قەمبەرخان ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىىپ.
_ ئابدۇسالام سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارمۇ؟
_شۇنداق.،-دىدى قەمبەرخان تېخىمۇ جىددىيلىشىپ.
_ بالاڭلار قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپتۇ. ماشىنىنى ھاراق ئىچىپ ، سۈرەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ، بىر يۈك ئاپتۇموبىلىغا ئۇرۇلۇپ ، قىيادىن چۈشۈپ كىتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنىدا يەنە بىر قىزنىڭ جەسىدىمۇ بار ئىكەن. قىزنىڭ كىملىكى بولمىغانلىقتىن سالاھىتىنى ئېنىىقلىيالمىدۇق. بىز ئۇلارنى بايقىغان چاغدا ئۇلار ئاللىقاچان جان ئۈزۈپ بۇلۇپتىكەن.
قەمبەرخان بىلەن تاجىنساخان قاتناش ۋەقەسى، جەسەت دىگەنلەرنى ئاڭلاپ بېشىدن بىرى كىلىپ بىر چىلەك سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ، ئاللا توۋا كۆتۈرۈپ يىغلاپ كەتتى. تاجىنساخان ماشىنىدا يەنە بىر قىز بار ئىكەن دىگەننى ئاڭلاپ ئۇ قىزنىڭ كىرا قىلىش ئۈچۈن چىققان بىرى بۇلۇپ قېلىشىنى ، ھەرگىزمۇ قۇندۇزئاي بۇلماسلىقىنى ئاللاھتىن تىلەۋاتاتتى.
خاتىمە
ئىككى جەسەت ئىېلىپ كىلىندى. شۇنداق يەنە بىر جەسەت قۇندۇز ئاي ئىدى. بۇ ئىككى ياشنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشىغا ئاشۇ كىچىككىنە ئىش ، يەنى ھېلىقى ئايشەمخان دىگەن رەزىل خوتۇن سەۋەپچى بولدى. بىر چاغلاردا بۇ ئىككى ئائىلە توي خۇشاللىق قازانلىرىنى بىر ئېسىشىپ، خۇشاللىققا چۈمۈلگەن ئىدى. ئاللاھتىن ئىككى ياشنىڭ بەختىنى تىلەپ دۇئالارنى قىلىشقان ئىدى. بۇ خۇشاللىقنىڭ پەيزىنى سۈرگىنىگە ئۇزاق بولمايلا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككى ئائىلە يەنە قازاننى تەڭ ئېسىشىپ، بۇ ئىككى ياشنىڭ مىيتىنى ئۇزتىۋاتاتتى. بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلىشنى ، ئۇلارنى جەننەتتتىن ئۇرۇن ئېلىشىنى ئاللاھتىن تىلەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى.بۇ قۇدىلارنىڭ قەلبى ئازاپ، ھىجىران ، پەرزەنت ئوتىدا پۇچىلانماقتا. بۇلارنىڭ كۆزلىدىن ، قەلىپلىرىدىن ئەينى ۋاقتتىكى خۇشاللقنى ھەرگىزمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەمدىلا 3 ئايلىق بولغان مەدىنەمۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىيپ قالغىنىنى تۇيغاندەك توختىماي يىغلايتى. بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىنىڭ نىمە سەۋەپتىن چىققانلىقىنى بىر ئايشەمخانلام بىلەتتى. بىر شۇنىڭ دىلىغا ئايان ئىدى. ھازىر ئۇ ھەممىدىن بەك يىغلاۋاتىدۇ. ئىككى مىيتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، خۇددى ئۇلارنىڭ كەچۈرشىنى تىلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ يېشىنىڭ پۇشايمان يېشى ياكى مۇرادىغا يىتىش يېشى ئىكەنلىكىنى ھىچكىم بىلەلمىدى.ئۇنىڭ بۇنچە يىغلاشلىرىنىڭمۇ تېگىگە يىتەلمىدى.
سىرىتتىن ئۇچىسىغا قارا كاستۇم-بۇرۇلكا، بېشىغا بادام دوپپا كىيۋالغان بىر يىگىت كىرىپ كەلدى. ئۇ ئىشكىتىن كىرگىنىچە قۇندۇزئاينىڭ مىيتىغا ئۆزىنى ئاتتى.
_ جېنىم سىڭلىم. بىزنى تاشلاپ بۇنچە بالدۇر كىتىپسەنغۇ؟ ئون گۈلۈڭنىڭ بىرسى ئېچىلماي، ھىچ بىر بەخىتنى كۆرمەي كەتكىنىڭ نىمىسى. ھەممىنى قىلغان مەن . سىنى مۇشۇ بالالارغا مەن تىقتىم. ئوبداق سىڭلىمل ماڭا قارغىنە. مەن ئاكاڭ قۇتلۇق. مەندىن رەنجىپ قالغان ئوخشىمامسەن. ماڭا نىمشىقا قارىمايسىەن؟ ئاكاڭنى كۆرگىڭ كەلمىدىمۇ؟ سىنى شۇنداق سېغىندىم. سىنىڭ تاتلىق كۈلۈشلىرىڭنى، ماڭا ئەركىلەشلرىڭنى سېغىندىم. تويۇمغا كەلمىدىڭ دەپ رەنجىپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ شۇنداق شۇڭا مۇشۇنداق ماڭا قارىماي يېتىۋالدىڭ شۇنداقمۇ؟ سەن ھايات، ئورنىڭدىن تۇرە. مەن تويۇمنى قىلغان بولسام ، سەنمۇ بۇنچە بالدۇر توي قىلماس ئىدىڭ. خۇتۇنۇڭنىڭ ئەتكەن تامىقىنى مەنمۇ يەپ باقاي دىگەن ئىدىڭغۇ، ئورنىڭدىن تۇرە ماڭا بىر قارا ، مىنى بىر ئاكا دە. مەن نائەھلى ۋىجدانسىز ئاكاڭ ، ساڭا ياخشى قارىيالمىدىم. سىنى قوغدىيالمىدىم. ئاللاھ مىنىڭ جېنىمنى ئالسۇن. سىنى بىز گە قايتۇرپ بەرسۇن. سىنىڭ ئۆلۈمۈڭنى كۆرگىچە ، تويۇڭنى كۆرسەم بولمامدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟!.
قۇتلۇق ئانىسى بىلەن دادىسى تەرەپ بېرىپ ، ئۆزىنى ئۇلارنى باغرىغا ئاتتى. ئۇلارنى قۇچاقلىغىنىچە يىغلايتى.
_ ئانا، دادا مىنى كەچۈرۈڭلار. سىڭلىمنىڭ بېشىغا مەن چقتىم. مىنى كەچۈرۈڭلار . مەن ئوغول بالا ئەمەس ئىكەنمەن. سىڭلىمچىلىكمۇ جۈرئىتىم يوق ئىكەن.
ئانا دادا گەپمۇ قىلماي قۇتلۇقنى باغرىغا چىڭ باسقانچە يىغلايتى. ئىككى ياشنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. ئۇلارنى ئېلىپ ماڭدى. ئەينى چاغدا 20 دەك توي ماشىنى سەپ بۇلۇپ بۇ ئىككى ياشنىڭ بەختى ئۈچۈن ، خۇشاللىقى ئۈچۈن سازلار چېلىنىپ ئېىپ مېڭىلغان ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى ياش يىغا زارلار ئىچىدە ئېلىپ مېڭىلدى. ھەممە ئادەم ئۇلارغا كۆز تەگدى دەيتى.
تۈگىدى.
مەنبە : ئۆزۈم.
مەزكۇر ئەسەر ماڭا تەۋە.
ئاپتۇرى : بىلىقچى (يامغۇر)