ئىللىق دۇنيارىم يوقالغان بۇ كۈن،
ئانا قۇچقۇڭ ئىللىق ئىدىغۇ.
چاشلىرىمنى سىيلاشلىرىڭ،
ئىللىق شۇنچە راھەت ئىدىغۇ. 
ئايرىلدىممەن مۇشۇ كۈنلەردىن،
كەتكەن كۈننى ئەسلەيمەن ئەبەت.
ھېس قىلىمىغان ئاشۇ بەخىتنى،
مانا بۈگۈن ھېس قىلىدىم پەقەت. 
مەن دۇنياغا كۆز ئاچقان چاغدا،
تولغانغانتىڭ ئاغرىقتا ئۆرتىنىپ،
يەنە كۈلۈپ تەبەسسۇم بىلەن.
قوينىغا ئالغان مېنى جان ئانام. 
تەرىپلىسەم ھارمايمەن،
قانچە قارىسام تويمايمەن.
قېنى ئاشۇ ئىللىق باغرىڭ،
شۇنچە قىلسام كەلمەيسەن. 
سەنسىز ماڭا كۈن چىقماس بولدى،
چېھرىمدىكى كۈلكىلەر كەتتى.
بولغىن ئانا مەڭگۈ خاتىرجەم،
كۈتكىن قىزىڭدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى 
مەنبە:ئۆز قەلىمىم |