ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 3
go

ئايرۇپىلان (119)

توردا
1197سائەت 
نادىر تېما
دوست
160 
يازما
1923 
تېما
430 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئايرۇپىلان بېلىتى زاكاس قېلىش



(ھېكايە)


شېك(ئامىرىكا)


مەن كالىغۇرنىيەگە ئۈچىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىدىن ئىككىنى زاكاس قېلماقچىدىم،ـ ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش مەركىزىگە تېلېغۇن قېلىپ سوردۇم.

ـ بولىدۇ،ئەپەندىم،ئەگەر سىز دۇشەنبىدىن جۈمە ئارلىقىغىچە بولغان ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋالسىڭىز شۇنداقلا ئايرۇپىلاندا تاماكا چەكمەسلىككە كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز باھادا ئېتىبار بېرىلىدۇ،ـ تېلېغۇن ئالغان قىزنىڭ ئاۋازى شۈنچىلىك تاتلىق ئىدى.

ـ مەن تاماكا چەكمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىمەن،قانچىلىك ئېتىبار بېرىلىدۇ؟

ـ سىز ئامرىكىلىق ھىندىئان مىللىتىمۇ؟

ـ ياق.

ـ بەك ئەپسۇس ئەپەندىم،ئەگەر سىز ھىندىئان مىللىتى بولغان بولسىڭىز سەھەر سائەت تۆتنىڭ ئايرۇپىلانىنى زاكاس قىلسىڭىز باھانىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئېتىبار بېرىلەتتى.

ـ باشقا ئېتىبار بېرىش تۈرلىرى يوقمۇ؟

ـ ھىم،ئەگەر سىز توي قىلغىلى 50 يىل بولغان بولسا شۇنداقلا ئاجراشمىغان بولسىڭىز باھادا %20 ئېتىبار بېرىلىدۇ.

ـ كەچۈرۈڭ،بۇ ماڭا ماس كەلمەيدىكەن،باشقا تۈرلەرچۇ؟

ـ يەنە بىر ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش تۈرى بار.ئەگەر سىز نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولسىڭىز باھادا %10 ئېتىبار بېرىلىدۇ.

ھىم،بۇمۇ ماڭا ماس كەلمەيدىكەن.

ـ يەنە بىر خىل بېلەت بار ئەپەندىم،دۇشەنبە كۈنى كەچتىن چارشەنبە كۈنى سەھەرنىڭ ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرغان نامبىيە دۆلىتىنىڭ ئەلچى خادىملار ئايرۇپىلاندا ھەقسىز تاماقتىن بەھرىمان بولالايدۇ.

ـ بۇمۇ بولمايدىكەن،مەن خانىمىم بىلەن ساياھەتكە بارماقچى.

ـ بالدۇراق ئېيتسىڭىز بولمامدۇ؟ئەگەر خانىمىڭىز 21 ياشقا توشمىغان بولسا،ھەپتە ئارلىقىدىكى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرساڭلار ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولالايسىلەر.ئەلۋەتتە خانىمىڭىز ئىككى قات بولسا،ئىككىڭلار ئوخشاش بىر شىتاتقا بارساڭلار،سىلەر باردىغان شىتات ئىسمىدا ئو ھەرىپى بولمىسا باھادا %5 ئېتىبار بېرىلىدۇ.

ـ قانداق شەرتلەر بۇ ،بۇ شەرتلەرمۇ بىزگە ماس كەلمەيدىكەن.

ـ بىزدە باشقا ئېتىبار بېرىش باھالىرىمۇ بار،ئەگەر سىز لوسى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولسىڭىز،باھانىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

ـ بولدى ماڭا كالىغۇرنىيە شىتاتىغا بارىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىدىن ئىككىنى زاكاس قىلىپ بېرىڭ.ماڭا ئېتىبار بېلىتىنىڭ كېرىكى يوق،ـ دېدىم ئاخىرى تاقەت قىلالماي.

ـ كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،مەن ئەزەلدىن بۇنداق بېلەت سېتىپ باقمىغان،كېلىپ باشلىقىمىزنى ئىزدەڭ،ـ قارشى تەرەپ شۇنداق دېگىنىچە تېلغۇننى قويۋەتتى.






مەنبە: مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى

توردا
74سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
720 
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھۇ خاخاخاخاخا نىمانداق قېزىق ~~~~~~~~!!!!!!!!!!!! رەخمەت ئاكا ```` يازمىڭىزغا

توردا
605سائەت 
نادىر تېما
دوست
76 
يازما
3218 
تېما
369 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قېنى ئاخىرى؟ مۇشىنىڭ بىلەن تۈگدىما.... كىم كىمنى ئەخماق قىلىدى بۇ سورۇندا.........

توردا
127سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
180 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تولا ئاخماق قىلماڭلار ھە بۇرادەر ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-10-6 13:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.