ئىككى چۈمۈلىنىڭ مۇھەببىتى
ئىلگىرى بىر ئېگىز تاغنىڭ ئاستىدا ئىككى چۈمۈلە ياشايدىكەن،ئۇلار بىربىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە ھەمدا مۇرادىغا يېتىپ بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بولغاچقا كۈنلىرى ئىنتايىن مەنىلىك،بەختلىك ئۆتىدىكەن.ئەركەك چۈمۈلە ھەر كۈنى سىرىتقا چىقىپ ئاز تولا يېگۈدەك نەرسە توپلاپ چىشى چۈمۈلىنىڭ يېيىشىگە بېرىدىكەن.چىشى چۈمۈلىمۇ بۇنىڭدىن شۇنداق رازى ئىكەن.ئەركەك چۈمۈلە سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقتلاردا چىشى چۈمۈلە ئۆيلەرنى تازىلاپ،رەتلىك قىلىپ تۇرىدىكەن.
بىر كۈنى بىر كۈنى ئىنتايىن قاتتىق يامغۇر يېغىپتۇ،نۇرغۇن چۈمۈلىلەرنىڭ ئائىلىسى يامغۇر سەۋەبلىك ۋەيران بوپتۇ.
يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن(ئالدىنقى كۈنى كەچلىكى)چىشى چۈمۈلە قۇياشنىڭ چىققىىنىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇقىلىدىغانلىقىنى،باشقىلاردىن ئاڭلىشىچەئۇچاغدىكى مەنزىرىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپتۇ ھەمدە مېنىڭ تاغقا چىقىپ جاپا تارتقۇم يوق،سەن مەن ئۈچۈن چىقىپ كۆرۈپ كەلگىن،ئاندىن كېيىن ماڭا كۆرگەن مەنزىرىلىڭنى سۆزلەپ بەرگىن دەپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگىنى سەھەردە ئەركەك چۈمۈلە قۇياش چىقىشتىن خېلىلا بۇرۇن تاغ ئۈستىگە قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ كۈنى يامغۇرنىڭ بۇنچە قاتتىق يېغىشىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.ئەركەك چۈمۈلە تاغنىڭ دەل يېرىمىغا كەلگەندە ئايالىنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقىنى ئويلاپ ئۆيىگە قايتىشقا باشلاپتۇ،تاغدىن شۇنچىلىك تېز چۈشۈپتۇ،ئۆيگە كەلگەن ۋاقتتا ئۆينى ئەمەس ئېقىننى كۆرۈپتۇ،ئۇ بوشاشماستىن ئايالىنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ،سۇ ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان قۇرۇتلار،يەنە نۇرغۇنلىغان خوشنا چۈمۈلىلەر لەيلەپ يۈرەتتى ئۇلارنىڭ ھەممىسى‹‹جەسەت››گە ئايلانغان ئىدى،ئەركەك چۈمۈلىنىڭ جاسارىتىگە يامغۇرمۇ قايىل بولدى بولغاي بىر ۋاقت بولغاندا يامغۇر توختاپتۇ.يامغۇر توختىغاندىن كېيىن ئۇ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىزدەشكە باشلاپتۇ.بىر دەرەخنىڭ يىلتىزىغا ئىلىشىپ قالغان ئۇۋىنى كۆرۈپتۇ،ئەپسۇس بۇ ئۇلارنىڭ ئۆيى بولسىمۇ لېكىن ئايالى يوق ئىدى،تامغا تۆۋەندىكىدەك خەت يېزىلغان ئىدى‹‹قەدىرلىكىم،ناۋادا مېنى تاپالماي قالساڭ كارۋات ئاستىدا بىر پارچە خەت بار،خەتنى ئېلىپ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قۇياشنىڭ چىققىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئاچقىن››.
ئەركەك چۈمۈلە يەنە تاغ ئۈسىتىگە قاراپ يولغا چىقتى.تاغقا چىقىپ كېيىنكى قېتىملىق قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتتى.تاڭ سەھەر قۇياش ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچتى.بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى.ئەركەك چۈمۈلە تاغ ئۈستىدە ئايالىنىڭ ئىسمىنى ئىنتايىن ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىدى،رەھىمسىز تەغدىرگە قاتتىق نالە قىلدى......
ئۇ قولىدىكى خەتنى ئاچتى،خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى‹‹قەدىرلىكىم،مەن بۈگۈن يامغۇرنىڭ ياغىدىغانلىقىنى بىلەتتىم،مەن بىلىمەن سەن مېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىسەن،ماڭا ناھايىتى كۆيۈنىسەن.مەن ساڭا تاغقا چىقىپ قۇياشنىڭ چىققىىنىنى كۆرۈشنى ئېيتمىغان بولسام بەلكىم ھەر ئىككىلىمىز ئۆلگەن بولاتتۇق.مەن ھامىلدار بولۇپ قالدىم شۇ سەۋەبلىك قېچىشقا توغرا كەلسىمۇ يېرىم يولدا توختاپ قېلىشىم مۆمكىن،ئۇچاغدا ئىككىلىمىز يەنىلا ھالەك بولىمىز.شۇڭا سەندىن مەجبۇرى ئايرىلىش يولىنى تاللىدىم،مەن سېنى ئالدىدىم،مېنى كەچۈرگىن!ناۋادا تەڭرى ماڭا قايتا ياشاش پۇرسىتىنى بەرسە مەن يەنىلا سېنىڭ ئايالىڭ بولۇپ ئۆتۈشكە رازى،بۇنىڭدىن كېيىن مېنى سېغىنساڭ مۇشۇ تاغ ئۈستىگە چىققىن،بۇنداق دېسەم كۈندە تاغ ئۈستىگە چىقىپ ئۆزۈڭنى چارچىتىۋالما،تاغ ئۈستىگە ئۇۋىدىن بىرنى ياسىۋالغىن،شۇنداقتىلا مەن سەندىن خاتىرجەم بولالايمەن! سېنى سۆيىمەن قەدىرلىكىم!››.
بەزى ۋاقتتا يالغان گەپ قىلىشمۇ بىر خىل مۇھەببەتنى،ھاياتلىقنى بۆسۈپ ئۆتكەن مۇھەببەتنى ئىپادىلىشى مۆمكىن!
http://bbs.zohlan.com/5
|