ھاياتنىڭ رەڭگىنى قىلىمەن قىياس،
ھاياتنىڭ رەڭگىنى قىلىمەن قىياس، قاپقارا كېچىگە قاراپ ئولتۇرۇپ . ئانىنىڭ مېھرىبان كۆڭلىدەككەڭرى، پايانى ھەممىنى كەتكەن سىغدۇرۇپ.
ھاياتنىڭ رەڭگىنى قىلىمەن قىياس، بىر تامچە كۆز ياشقا چۆمۈلۈپ تۈرۈپ. چامدايدۇ تۇرمۇشقا قاراپ بىر ئايال، بىر بۈيۈك ئارماننى ئوندا يۇغۇرۇپ.
ھاياتنىڭ رەڭگىنى قىلىمەن قىياس، تەشۋىشكە چۆمۈلگەن رەڭلەرگە قاراپ. مەيۈس بىر بوۋاينى تۇغدى ئۇيەنە، كۆڭلى شاد بالىغا بەرگەندە ئاپتاپ.
ھاياتنىڭ رەڭگىنى قىلىمەن قىياس، غۇبارسىز ئىستەكلەر تۆكەربۇ يۈرەك. ھاياتنىڭ رەڭگىنى بىلمىدىم،بىراق، ئۆگەندىم ھاياتنى شۆيۈشنى دېمەك.
ھاياتنىڭ رەڭگىنى قىلىمەن قىياس، ئۇمىنىڭ قەلبىمدەك سۈزۈك ئىھتىمال. نۇرانە ھېسلارغا چۆمۈلمەكتىمەن ، ئاچماقتا كەڭ قۇچاق ئۈمىد ۋە ۋىسال.05
مەنبە جۇشقۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا juxkun05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-5 19:20
|