كۆز ئاشتىڭ مانا سەن ئىز تورى، تەئەلۇق ساڭىلا قەلبىمنىڭ تۆرى.
بىر گۈزەل كېلەچەك نامايەن سەندە،
يايرايدۇ شۇڭلاشقا ئىنتىلىش دىلى.

دەستىلەر قولۇمدا كېلىمەن خوشال،
بولغاشقا مېنىڭدە ساڭا ئىشتىياق.
سەن بىلەن شادىمان ھەر-بىر كۈنلىرىم،
تىلەيمەن شۇڭلاشقا يولۇڭ بولسۇن ئاق.

سېغىنغاش سەيلىگاھ ،يايلاقلىرىڭنى،
مەن سېنىڭ يولۇڭغا ھەرۋاقىت باقتىم.
ئىنتىزار بولۇپ ھەم سىرداشلىرىمغا،
ئۇلارنىڭ يولىغا چىچەكلەر چاچتىم.
مۇنبىرىم يولۇڭدا پەرۋانەڭ بولاي،
سەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭ بولاي.
مەھلىيا قىلدىڭسەن ئۆزۈڭگە مېنى،
بىر ئۈمۈر ھەم سېنى مۇڭدىشىم قىلاي.
مەنبە؛ئىجادىيەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ دوستلار ؟ مەن بۇ مۇنبەرگە كۈنۈپ قاپتىمەن ئەمما ئايرىلىشقا كۈزۈم قىيمايۋاتىدۇ شۇنداق بۇلسىمۇ ئايرىلماقچى سىلەرگە بۇشىئېرنى قالدۇرماقچى خەير-خوش دوستلار !!!!!!!!! پۇرسەت بۇلسا كىرىمەن. ئامان بۇلۇڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-30 17:42
|