سەرخىل يۇمۇرلار ( 2 )
1. باش ئاغرىقى فاتىمە
دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ،بېشىم ئاغرىيدۇ ، دىگەنىكەن . دوختۇر ۋورلد ‹‹ ئەرگە تىگىڭ ›› دەپ مەسلىھەت بىرىپتۇ .
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر، فاتىمەگە ئۇچراپ ، سۇراپتۇ :
-
ھە ، توي قىلدىڭىزمۇ؟ -
رەخمەت ، توي قىلدىم . -
بېشىڭىزنىڭ ئاغرىغى ساقايغاندۇ ؟ -
فاتىمە :مېنىڭغۇ ساقايدى ، لىكىن ئىرىمنىڭ بېشى ئاغرىيدىغان بوپ قالدى . 2. مەسلىھەت ھەققى
قاسساپ ـ ئامانشاھ ئۆزى بىلەن بىر قورودا ئولتۇرىدىغان ئادۇۋكات - ئەرتېكىن نىڭ ئۆيىگە كىرىپ سۇراپتۇ : ئەگەر بىر ئىت مىنىڭ دۇكىنىمغا كىرىپ گۆش ئوغىرلاپ يىسە ، ئۇنىڭ ئىگىسى زىياننى تۆلەپ بىرەمدۇ ؟ -
ئەلۋەتتە تۆلەپ بىرىدۇ ،- دەپتۇ ، ئادۇۋكات ئەرتېكىن. قاسساپ ـ ئامانشاھ :ياخشى، ئەمىسە ماڭا 100 يۈەن
تۆلەڭ، چۇنكى سىزنىڭ ئىتىڭىز ئوغىرلاپ يەۋالغان گۆش 100 يۈەنلىك ئىدى . بۇلىدۇ ،- دەپتۇ ئادۇۋكات ئەرتېكىن ،- مەسلىھەت سۇراش ھەققى 200
يۈەن ، سىز ماڭا يەنە 100 يۈەن بەرسىڭىز توغىرلىشىدۇ ... 3.ئۈچ سەۋەپ مۇئەللىم – ئېنتىزار 0998
: بەرنا ! يەرشارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىدىغان 3 سەۋەپ كۆرسەت . بەرنا : داداممۇ شۇنداق دەيدۇ ، ئاناممۇ شۇنداق دەيدۇ ، سىزمۇ شۇنداق دىدىڭىز ،شۇڭا يەرشارى يۇمىلاق . 4.زور ئىلگىرلەش
ئوقۇغۇچى –0998 سىن
ساۋاقدىشىدىن سوراپتۇ : -
ئېنگىلىزچىدا قانداقراق كېتىۋاتىسەن ؟ -
تۇمارىم : مەندە ئىلگىرلەش زور ، بۇرۇن مەن ئېنگىلىزلارنىڭ گىپىنى ئۇقمايىتتىم ، ھازىر ئېنگىلىزلار مىنىڭ گىپىمنى ئۇقماس بولدى . 5. توشقان قانچە مۇئەللىم كاپىتان
: ئوتلۇق ، مەن ساڭا بۈگۈن 3 توشقان بەرسەم ، - ئەتىسى يەنە 5 توشقان بەرسەم ، سەندە جەمئىي قانچە توشقان بولىدۇ ؟ ئوتلۇق : 9 توشقان . مۇئەللىم كاپىتان : نىمىشقا ؟! ئوتلۇق : ئۆزۈمدە بىرسى بار تۇرسا ؟! 6. ئۇرۇش پارتىلاش -بانۇ : تۈنۈگۈن كەچتە ئۈيىڭىزدىن دوختۇر چىقىپ كىتىۋاتاتتى ، ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامسىز ؟... -شاتئاي : ئەمىسە ، ئۈلۈشكۈنى كەچتە
ئۆيىڭىزدىن بىر ھەربىي چىقىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۆيىڭىزدە ئۇرۇش پارتىلاپتىكەن ھە ؟! مەنبە : ئۆزۈم يىققان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orkex تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-5 12:43
|