ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار سەرخىل يۇمۇرلار (1 )
كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 24
go

سەرخىل يۇمۇرلار (1 )  

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
45 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سەرخىل يۇمۇرلار (1 )


1. تۇتۇلۇش سەۋەبى

ساقچى _ ھەي سەن نىمە سەۋەپتىن تۇتۇلۇپ كېلىندىڭ ؟
_ قاتتىق بىرنى چۈشكۈر گەنلىكىم ئۈچۈن .

ساقچى _ بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟
_يېرىم كىچىدە ئاسار – ئەتىقىلەر سارىيىغا چۈشكەن ، تۇيۇقسىز بىرنى چۈشكۈرۈپ سالدىم، شۇنىڭ بىلەن پوس ئويغىنىپ كىتىپ تۇتۇۋالدى .

2. ئەھۋالىڭ ياخشىكەن

_ مەن ئىشتىن چۈشكەندە داۋاملىق كوچىدا تاماق يىيىشكە مەجبۇر بولىمەن .

_ نىمە ئۈچۈن؟

_ چۇنكى ئايالىم ماڭا تاماق ئىتىپ بەرمەيدۇ .

_ ئۇنداقتا سېنىڭ ئەھۋالىڭ مىنىڭكىدىن ياخشىكەن .

_ قانداقسىگە دەيسەن ؟

_ چۇنكى مەن ھەركۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئايالىمغا تاماق ئىتىپ بىرىشكە مەجبۇر بولىمەن.

3.تويلۇق كىرىم
_ ھامما ، نىمىشقا قىزلىرىڭغا شۇنچە كۆپ لايىق چىقسا << يېشى توشمىدى>> دەپ ، ياتلىق قىلىشقا قۇشۇلمايسەن ؟

_ ھازىر قىزلارنىڭ تويلۇقى ئۆسۈۋاتىدۇ ، شۇڭا قىزلىرىمنى يەنە بىر قانچە يىل ساقلىسام ، تېخىمۇ كۆپرەك تويلۇققا ئىگە بولامەنمىكىن دەپ .

4.ئايالنىڭ ئۆتۈنىشى

ئىنتايىن باي بىر بوۋاي ئايالىغا دەپتۇ :

_ مەن ئۇچقۇچۇمنى خىزمەتتىن ھەيدىۋەتمىسەم بولمىدى ، چۇنكى ئۇنىڭ تېخنىكىسى تۆۋەنكەن .

بوۋاينىڭ ياش ھەم چىرايلىق ئايالى ، ئويلانمايلا دەپتۇ :

_ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئۇنى بىر مەزگىل قوغلىۋەتمەي تۇرسىڭىز .

5. كېچىكىش

كوماندىر

_ سەن نىمىشقا ھەركۈنى مەشىققە كىچىكىپ چىقىسەن ؟

يېڭى ئەسكەر

_دوكلات كوماندىر ، مەن ئۇخلاپ قاپتىمەن .

كوماندىر
_ نىمە ! ئەگەر ھەممە ئەسكەر سەندەك ئۇخلاپ قالسا دۇنيادا نىمە ئىشلار يئۈز بەرگەن بۇلار ئىدى ؟

يېڭى ئەسكەر
_ مېنىڭچە ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالسا ، دۇنيادا مەڭگۈ ئۇرۇش يۈز بەرمەيىتتى .


مەنبە _ ئۆزۈم يىققان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orkex تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-4 18:20

توردا
171سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
770 
تېما
70 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۇلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت...

Rank: 8Rank: 8

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
374 
تېما
77 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نېمە يۇمۇر تاپقىلى بولمايدىكىن دىسەم مەن يىغىۋالدىم دەڭ...

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
45 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
world يوللانغان ۋاقتى 2011-10-4 22:51
نېمە يۇمۇر تاپقىلى بولمايدىكىن دىسەم مەن يىغىۋالدىم د ...

ئۇنچىۋالامۇ ئەمەسقۇ؟ سىزگىمۇ قويغانتىم 10 -15 نى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
374 
تېما
77 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش orkex نىڭ يازمىسى

بولسا خۇرجۇنلىرىڭىزدىكى يۇمۇرلىرىنىڭ ھەممىنى مۇنبەرگە تۆكۈڭ،قانغۇچە بىر چىلاشقۇدەك ھىجىيىپ ئولتۇرىلى.(2 تال توشقان چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

ھاۋا سوۋۇپ قالدى، قارىغاندا قىشنىڭ كەلگىنىدىن بىشارەت بولسا كېرەك.ئوتتەك قىززىق يۇمۇرلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرنى قىززىتمامسىز،ھەممىمىز قولنى ئۇۋلاپ يۇمۇرنىڭ ئەتىراپىدا ئىسسىنغاچ، قايغۇ دەت-پەت ،ئەلەم دېگەندەك بىر نىمىلىنى ئارقىغا قايرىپ قۇيۇپ دۇنيا ئىشلىرىدىن بىر ئاز بولسىمۇ خالىي ھالدا كۆڭۈل خوشى ئولتىرىلى.


بەزىدە يۇمۇرمۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتى ناچار چاغدا خېلى ئۆنۈملۈك رول ئويناپ قويىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-4 23:05

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
45 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش world نىڭ يازمىسى

چاتاق يوق سىز دەپ قالسىڭىز ، بىراق ‹‹ئالدىرمايلى ، بىر ئاز ئارام ئالايلى ،بىر ئاز ئارام ئالايلى ...(ئەقىللىق يىشىيۇ فىلىمىدىن ئارىيە )›› ئوتتەك يۇمۇرلىرىمنىڭ ھەممنى بۈگۈنلا تۆكۈۋەتسىم ، ما مۇنبەرگە ئوت كەتسە ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولالماسمىزمۇ ؟

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
45 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش world نىڭ يازمىسى

قوش پايدا
ئېرى : توي قىلغانلىقىمىزنىڭ 3 يىللىق خاتىرىسى ئۈچۈن ، زىبۇ - زىننەت ئالامسىز ياكى تۇركىيەگە ساياھەتكە بارامسىز ؟
ئايالى دەرھال : تۇركىيەگىلا باراي ، ئۇيەرنىڭ زىبۇ ـزىننەتلىرى ئەرزان دەيدىغۇ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
374 
تېما
77 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش orkex نىڭ يازمىسى

شۇنداق قىلىپ ئارام ئالايلى دەپ يېشو تازدەك باشنى قاشلاپ ئوتتادۇق دەڭ...

ئاندا يەرلىرىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.كونىلاردا ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق دەپ يالغان ئېيتىپ قويۇپتىكەن.ما بىزنىڭ مۇنبەردە ھەممىسى تەل.ئوت ئۆچۈرىدىغان باللا تەييار چۆپكە نانچىلاپ،گازىر چاققان ئوت ئۆچىرىمىز دەپ، 4كۆز بىلەن ياق...ياق 4كۆز ئاز كېلىپ قېلىپ 8كۆز بىلەن قايلاپ ئولتۇرىدىغۇ...

ناۋادا ئوت بەك ئۇلۇغ بولۇپ قېلىپ ئادەم يېتىشمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغىمۇ ئامال بار.بايام مۇنبەرگە كېلەشىمدە ئىز مەھەللىسىدىكى نەچچە باللا بىكار چىلىقتىن قارتا ئويناپ ئولتۇرىپتىكەن،كونىلاردا باكار ئولتۇرغىچە باكار ئىشلە دەيدىغان گەپ بار.سېپىمىزگە شۇلارنىمۇ قوشىۋالامىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-4 23:19

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
45 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنداق بولسا ئەنسىرمىسەممۇ بولغۇدەك . ئەمىسە ئەتە بىر تاغار يۇمۇرنى تۆكىمەن ،كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىڭلارنى ئۈزىۋەتمىسەم خەپ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
374 
تېما
77 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنبەردە داشقازاندا يۇمۇر قايناتقاچ ئىسسىنىپ ئولتۇرمىغىلى...

سەل تۇرۇپ يۇمۇر پىشقاندا مۇنبەردىكى ئەزالارنى رەتكە تىزىپ بىر قوشۇقتىن ئۇسۇپ بېرەرمىز ئۆركەشجون...

ئۇنىڭغىچە ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن،پۈۋلىگەچ ئولتۇرىلى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-10-6 12:58

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.