ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ قەشقەر يېڭى شېنجېن بولۇپ قالارمۇ ؟
كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 28
go

قەشقەر يېڭى شېنجېن بولۇپ قالارمۇ ؟  

توردا
238سائەت 
نادىر تېما
دوست
26 
يازما
1297 
تېما
276 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو قەشقەرنى يېڭى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ، دېيىلدى


_جۇڭگونىڭ چېگرا رايونىدىكى قەشقەر يېپەك يولىدىكى بوستانلىقلارنىڭ بىرى. قەشقەر جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەھەر بولۇپ، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. بېيجىڭدىن قەشقەرگە ئايروپىلاندا ئالتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا بارغىلى بولىدۇ. 2008 – يىلى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 1000 دوللار بولغان، بۇ، جۇڭگودىكى نامراتراق رايونلارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن. شياڭگاڭ جۇڭگو تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىلىرى تەھلىلچىسى ۋىللى رام: جۇغراپىيەلىك ئورۇندىن ئېيتقاندا، مۇھىتى ناچار تەكلىماكان قۇملۇقى قەشقەرنى جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىن ئايرىۋەتكەن، ‹‹ئېنىقكى، قەشقەر مەركەز ئەمەس››، دېدى ;
لېكىن، جۇڭگونىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئېيتىپ ئۆتۈشكەئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەشقەردىن ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىن شەرقىي دېڭىز قىرغىغا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت بىلەن ئوخشاش. شۇڭا، بېيجىڭنىڭ پىلانى ئەمەلىيلەشسە، قەشقەر كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ‹‹لوس – ئانژېلىس››ىغا ئايلىنىپ، غەربىي قىسىم چېگرا رايوندىكى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون ئىقتىسادىي مەركىزى بولۇپ قالىدۇ. ھازىر بېيجىڭ قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ رايونغا پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلدى ۋە زور بايلىق ئاجراتتى.
بېيجىڭ قەشقەرنى باشقىچە تۈسكە كىرگۈزۈشكە ئىنتىلىۋاتىدۇ. ئەڭ روشەن ئالامەت شۇكى، ھۆكۈمەت بۇ يىل 5 – ئايدا بۇ رايوننى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي رايوننى راۋاجلاندۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور چېن ياۋ: بېيجىڭ قەشقەرنى ‹‹جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېكسپورت بازىرى، شۇنداقلا چەت ئەل بازارلىرىنى كېڭەيتىدىغان كۆزنەك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ››،دېدى. قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن يېقىندا: ‹‹ بىز قەشقەرنى دۇنياۋى خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرىمىز››،دېدى. جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى شېنجېن قەشقەر تەقلىد قىلىدىغان ئۈلگە. مەركىزىي ھۆكۈمەت شېنجېننىڭ قەشقەرگە ئۈلگە بولۇپلا قالماستىن، يېتەكچى بولۇشىنىمۇ ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. پىروفېسسور چېن ياۋ:‹‹ شېنجېن سېلىنما ۋە ماددىي ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ئالاھىدە رايوننى باشقۇرۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش تەجرىبىسىنىمۇ ئۆگىتىشى كېرەك››، دېدى. بۇ شەھەردىكى ئىشلارنى خەۋەر قىلىدىغان گېزىتلەردىكى ماقالىلەردە ‹‹شەرقتە شېنجېن، غەربتە قەشقەر بار›› دېگەن ھۆكۈمەت شوئارى تىلغا ئېلىندى. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ خۇاشېڭ:‹‹ ئۆتكەن ئون يىلدا قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. مېنىڭچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا تېخىمۇ تېز بولىدۇ››، دېدى.
قەشقەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ زور ئېتىبارى ۋە مالىيە كۈچى مەدىتىگە ئېرىشتى. بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىمسىز رايونغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىلگىرىكىدەكلا ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ 30 نەچچە يىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھازىرغىچە، بارلىق ئىشلار جايىدا كېتىۋاتىدۇ. ھېچبولمىغاندا، قەشقەرنى ئىقتىساد جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دېيىشكە بولىدۇ.

لېكىن، قەشقەرنى شېنجېندەك تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ كەسكىن ئېيتىشقا بولمايدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت قەشقەرگە زور مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، غەربىي قىسىم چېگرا رايوندىكى بۇ شەھەرنىڭ مۇھىملىقى 30 يىل ئىلگىرىكى شېنجېننىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى شېنجېن جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم چېگرا سىرتى سېلىنمىسىغا، بولۇپمۇ شياڭگاڭنىڭ سېلىنمىسىغا ئېرىشتى. ۋەھالەنكى، قەشقەرگە سېلىنىدىغان تاشقى مەبلەغ بەكلا ئاز. بۇنىڭدىن باشقا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىمۇ قەشقەرنىڭ تاشقى سودىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا بەك نامرات بولغاچقا، جۇڭگو تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم بازىرى بولالمايدۇ.

كىشىگە بېرىدىغان تەسىر شۇكى، قەشقەر شېنجېندىن نەچچە ئون يىل ئارقىدا قالدى. لېكىن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىكى شېنجېن ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدىن نەچچە ئون يىل ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، تېزدىن يېتىشىۋالغانىدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، قەشقەر ناھايىتى تېزلا گۈللەپ راۋاجلانغان سودا مەركىزىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.




مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى 

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
45 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭچە ،شىنجىندەك ئۇنچىۋالا تەرەققىي قىلالماسلىقى مۇمكىن ،بىراق ئاقسۇ،كورلا قاتارلىق خوشنا شەھەرلەردىن ئېشىپ كىتىشى ئېنىق ...

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
440 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە كورلىدىن 1000 يىلدىمۇ ئېشىپ كېتەلمەيدۇ . شىنجىننىڭ مەركىزى بولۇپ قالمىسىلا . مەن تېخى يېقىندىلا قەشقەرگە بېرىپ كەلدىم . قەشقەرنى كورلا شەھىرىنىڭ بىرەر بۇرجىكىگە ئوخشىتاي دىسەم كورلىدا ئۇنداق جاي يوقكەن . ئاۋال كورلىغا كېلىپ كورۇپ ئاندىن باھا بېرىڭلار.

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
45 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كورلىمۇ 20 يىلنىڭ ئالدىدا بۇنچىۋالا تەرەققىي قىلمىغان ، دۆلىتمىزنىڭ سىياسىتى تەرەققىي قىلدۇردى . ئەمدى سىياسەت قەشقەرگە كەلدى ،قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايۇن بولدى . شۇڭا بۇنى ھازىر سېلىشتۇرماي ،يەنە 20 يىلدىن كىيىن نەتىجىسىنى كۆرسەكلا بىلىمىز ...

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
681 
تېما
20 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش kaplan120 نىڭ يازمىسى

ئۇنى دەپ بۇنى دەپ تالىشىپ كىتىپسىلەر ئاغىنىلە ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ شامال بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى يىڭىچە بىر تۈسكە كىرىدىغان بوپتۇ ،ياق بوپتۇ دەپ كىسىپ ئېيتىشقىمۇ بولمايدۇ .
يۇرتىمىز شۇنچىلىك تەرەققىي قىلالىسا كەمبەغەللىك يۇقايتتى پۈتۈنلەي بولمىسىمۇ .
ھەي بىز ھەرقانچە پۇل مال دۇنيا تاپقان تەجدىردىمۇ يەنىلا نامرات بىز . قىسقىسى بىزدىكى نامراتلىق مەڭگۈ تۈگەپ قالماسلىقى مۇمكىن ئىشقىلىپ ئۈستىمىزدە قۇدرەتلىك ئاللا ئىگىمىز بار ، ئامىن ھەممەيلەنگە خۇشاللىق ئاتا قىلغاي

توردا
165سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
362 
تېما
16 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەلەۈسىدىكى مۇشۇ شېنجىن بىزلەرگە بەخىت يارىتىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالامدۇق !

توردا
253سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
2251 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
rahmanjan88 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-4 22:50
مىنىڭچە كورلىدىن 1000 يىلدىمۇ ئېشىپ كېتەلمەيدۇ . شىنجىنن ...

بۇ گىپىڭىز ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق ، ھەممە ئادەمگە ئۆزىنىڭ يۇرتى گۈزەل ، مەن كورلىغا بىرىپ باقمىغان ، ھەقىقەتەن گۈزەل شەھەر دەپ ئاڭلىغان، لىكىن ھىچقانداق يەرنى قەشقىرىمنىڭ ئارقا بۇلۇڭدىكى كوچىلىرىغىمۇ تەڭ قىلمايمەن...... بىرەر بۇرجىكىگە دەپ قاپسىز قەشقەرنى تولۇق كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز....

Rank: 8Rank: 8

توردا
863سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
79 
يازما
1821 
تېما
261 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەرەققى قىلدى دېگەن گەپ نۇرغۇن مەدىنىيەتلىرمىز يۇقالدى دېگەن گەپ...

مۇنبەردە تالاشماڭلار...قايسى يۇرۇت تەرەققى قىلسا ئۇ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزغۇ؟ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى...

توردا
219سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
1248 
تېما
44 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋۇ كالۋالار مۇشۇ بىزنىڭ شەھرمىز ئۇنداقەي مۇنداقەي دەملاپ يۈرۈيدىغان ۋاقىتمۇ كاللاڭ بىر ئىشلەشسە نىم بولا ؟؟؟؟؟؟؟؟قەشقەر بولسا نىم بوپتۇ كورلا بولسا نىم بوپتۇ خوتەن بولسا نىم بوپتۇ ئاقسۇ بولسا نىم بوپتۇ قايسى شىەھەر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ زىمىنلار ئاتا-بوۋا ئابا-ئەجدادلىرىمىزدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تۇغلۇق تۈمۈرخاندەك باھادىرلار ياشاپ گۈللەندۈرگەن زىمىنلار
بىزنىڭ قولىمىزغا كەلگەندە نىم بوپ كىتىۋاتىدۇ ؟؟؟؟؟ئۇيەر ئۇنداق تەرەققى قىلدى بۇ يەر بۇنداق تەرەققى قىلدى دىيىشكىنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق پىتنە-پاسات تەڭ تەرققى قىلىدۇ .ھەي.......... كاللاڭ قاچانمۇ تەرەققى قىلا ھەرقايسىڭنىڭ؟؟؟؟؟(بۇ تىما ئىگىسىگە قارىتىلغان گەپ ئەمەس)

توردا
605سائەت 
نادىر تېما
دوست
76 
يازما
3210 
تېما
369 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەرەققىي قىلسا قىلىسۇن، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى قوغداپ، ساقلاپ قالساقلا بولدى دەپ قارايمەن....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-10-6 12:58

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.