ئېشەك ئوخشايدۇ دەپ قالسۇن...
ئابدۇل بىلەن ئاغىينىسى ئولتۇرۇشتىن كەچ قايتىپ، يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن چىغىر يول بىلەن مېڭىپ مازارلىقتىن ئۆتۈپتۇ.
بۇ چاغدا ئابدۇل : <ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قۇيىدىغان ئىش بار،جۇمۇ > دەپتىكەن، ئاغىينىسى:<مەن ئايەت بىلمەيمەن> دەپتىكەن،
ئابدۇل ئۆزىمۇ بىلمەيدىكىن.ئاغىينىسى<قانداق قىلمىز> دىسە، ئابدۇل:<ئۆمۈلەپ،تۆت ئاياقلاپ ماڭايلى، ئەرۋاھلار بىزنى ئېشەك ئۇخشايدۇ دەپ قالسۇن> دىگۈەك
.
ئاچچىقلىنىش
كەچۈرۈڭ ئۇغۇللار ھاجەتخانىسى نەدە؟-
يېڭىدىن مەكتەپ ئالمىشىپ كەلگەن بىر يېگىت يېنىدىكى قىزدىن سوراپتۇ.
قىزلار ھاجەتخانىسنىڭ يېنىدا. قورسىقى ئاغرىپ كەتكەن يېگىت چىددىيلىشىپ:
ئۇنداقتا قىزلار ھاجەتخانىسى نەدە؟- دەپتۇ.
قىز ئۇنىڭغا ھومىيىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن :
ساپمۇ ساق بىر ئەر كىشى قىزلار ئاجەتخانىسىغا بېرىپ نېمە قىلماقچى؟
شاھمات ئويناش
بىر كۈنى ھىچ ئىش قىلماي ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرغان ئېرىدىن ئەنسىرگەن ئايال سورايدىكەن
-ۋاي، ئاۋۇ يان قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ شاھمات ئوينىسىڭىز بولمامدۇ؟
ئېرى: ھەي،سەندىن سوراي،سەن شاھمات ئوينىسا چىدىماسلىق قىلىدىغان،ھەدېسىلا قايتا مېڭىشنى ئۆتىندىغان، يەنە كىلىپ يېڭىلىپ قالسا قارشى تەرەپنى ھاقارەتلەيدىغان كىشى بىلەن شاھمات ئويناشنى خالامسەن؟
خۇتۇنى:ياق، ھەرگىز خالىمايمەن.
ئېرى:ھە ئۇ يان قوشنىمىزمۇ خالىمايدىكەن.
تۈلكە دىگەن ھىيلىگە؟
مۇئەللىم:<تۈلكە تۇخۇم بېسىپ بالا چىقىرامدۇ ياكى كۈچۈكلەمدۇ؟>دەپ سورىسا، ئوقۇغۇچى بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن :<تۈلكە دىگەن ھىيلىگە نەرسە، ئۇنىڭ قۇلىدىن ھەر ئىككىلىسى كىلىدۇ؟> دىگۈدەك.
|