مەلۇماتنامە
فېليەتون
جېلىل ئاۋۇت
ⅹⅹⅹ ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكىمەتكە:
شۇنى ئالاھىدە مەلۇم كىلىمىزكى، يېزىلىق پارتىكۇم رەھپەرلىرى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل يېزىمىز تەۋەلىكىدىكى بارلىق تېرىلغۇ يەرلەرگە كېۋەز تېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولغان ئىدۇق. بىراق، يېزىغا يېڭىدىن شاڭجاڭلىققا سايلانغان مامۇت نۇر بىزنىڭ بۇ پىلانىمىزنى ئىجرا قىلىشىمىزغا ماسلىشىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە پۇتلىكاشاڭ بولدى. شۇ سەۋەپتىن يېزا بويىچە مىڭ موچە يەرگە دېھقانلار ئۆزلىرى خالىغان زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنى تېرىۋالدى.
ئالدىنقى يىللىرى بىز كېۋەز تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىش جەھەتتە تەلەپكە يەتمىگەن ھەر بىر ھالقا ئۈچۈن، بىر مو يەرگە 30 يۈئەندىن جەرىمانە ئېلىش ئارقىلىق پاختىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى 300 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇپ، ناھايىتى ئوبدان بىر تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىگەن ئىدۇق. بۇ يىل مامۇت نۇر بىزنىڭ بۇ ياخشى تەجرىبىنى يولغا قويىشىمىزغا ئىزچىل ھالدا قوشۇلماي كەلگەنلىكتىن، كېۋەز تېرىشتىن باشلاپ پەرۋىش قىلىش ئاخىرلاشقىچە بولغان ھالقىلارنىڭ ھېچقايسىسىدا دېھقانلاردىن بىر يۈئەنمۇ جەرىمانە ئالالمىدۇق. نەتىجىدە، كېۋەز تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنىڭ ھېچقايسىسى بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك بولماي قالدى.
بىز ئورۇنلاشتۇرغان نۇرغۇن ئىشلاردا مامۇت نۇر توسالغۇ بولۇپ قالغانلىقتىن، بىز ئۇنى كۆزىمىزدىن يىراق تۇرسۇن، دەپ روشەن بۇلاى كەنتىگە مەسئول كادىرلىققا ئاجراتقان ئىدۇق. بىراق، ئۇ يەنىلا 4-5 كۈندە بىر قېتىم يېزا ئورگىنىغا كېلىۋېلىپ، بىزگە ئارام بەرمىدى. چىرايلىق گەپ قىلساق، ‹مەن كەنت باشلىقى ئەمەس، يېزا باشلىقى، مېنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم يېزىدا....› دەپ بىز بىلەن تەڭمۇ تەڭ تۇردى.
بىز بۇ يىلمۇ ئالدىنقى يىللاردىكىدەك 4-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە يېزا ئورگەن كادىرلىرىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدۇق. بۇ يەكشەنبە كۈنى يېزىدىكى كادىرلارنى كەنت، ئەترەتلەرگە بېرىپ دېھقانلارنى بازارغا بېرىشتىن توسۇشقا ئورۇنلاشتۇرساق، مامۇت نۇر بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى چىقىپ، ‹يېزا كادىرلىرى ۋە دېھقانلار تۆمۈر كالا ئەمەس، ئۇلارمۇ ئادەم. دەم ئالماي ئىشلىگىلى تۆت ئاي بولدى. مەن بۈگۈن قەتئىي دەم ئالىمەن....› دەپ، باشقا كادىرلارغا ئوت قويرۇقلۇق قىلدى.
قىسقىسى، مامۇت نۇر ئىزچىل تۈردە يېزىدىكى كادىرلار ۋە دېھقانلارغا قالقان بولۇپ، بىز ئورۇنلاشتۇرغان نۇرمال خىزمەت تەرتىپىنى بۇزۇپ كەلدى. شۇ سەۋەپتىن بۈگۈن بىز مامۇت نۇرنىڭ شاڭجاڭلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنى ئىشتىن بوشاتتۇق.
يېزا پارتىكۇم رەھپەرلىرىنىڭ پىكىرى: مامۇت نۇرنى دەرھال بۇ يېزىدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەرجىمان مۆمىن موللەكنى شاڭجاڭلىق ۋەزىپىسىگە قويۇش. مۆمىن موللەك ھەممە جەھەتلەردىن تەلەپكە لايىق. ئۇ يېزا ۋە ناھىيىدىكى رەھپەرلەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ. يېزا ۋە ناھىيە ئوتۇرغا قويغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن پۇقرالاردىن قورقۇپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى ھەر قاچان قورقىتالايدۇ.
قىسقىسى، بۇ يېزىدىكى پارتىيە رەھپەرلىرى پەقەت مۆمىن موللەك بىلەنلا ئوبدان كېلىشىپ ئىشلەپ، بۇ يېزىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئالغا سىلجىتالايمىز. شۇڭا، ناھىيە رەھپەرلىرىنىڭ مامۇت نۇرنىڭ ئورنىغا مۆمىن موللەكنى بۇ يېزىغا شاڭجاڭلىق ۋەزىپىسىگە قويۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.
دۈمچەك يېزىلىق پارتىكۇم (تامغا)
ⅹⅹⅹ-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
|